UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىيۆ فېي

يۆ فېي

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى «غەزىپىم تاشار دىلىمدىن، تۇرىمەن قاش يېنىدا، پەسلىگەن يامغۇر مانا. قارىسام يىراققا دەم، گۈركىرەر ئاسمان يەنە، دىلدا كۈچلۈك ئوت يانار. قانچىلاپ سەركەردىلەر كەتتى توپىغا ئايلىنىپ، بىپايان ئەل قالدى ئەمدى مىسلى زۇلمەت ئاستىدا. نېمىنى كۈتتۇق، ئۆتۈپ كەتتى ۋاقىت، دەرد - ئەلەمنىڭ داغىدا.» جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جىن سۇلالىسىگە قارشى مەشھۇر سەركەردىسى، مەشھۇر مىللىي قەھرىمان يۆ فېي «مەنجياڭخۇڭ» دېگەن بۇ شېئىرىدا ئۆمرىنى بىكارغا ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە جىن سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇپ، دۆلىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى يۈكسەك ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. يۆ فېي (1103 −1142 - يىللار)نىڭ تەخەللۇسى پېڭ جۈ بولۇپ، شياڭجۇ ئايمىقىنىڭ تاڭيىن ناھىيىسى (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىگە تەۋە)دىن، ئىجارىكەش دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بالىلىق دەۋرىدىلا كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن ئىدى، بولۇپمۇ «زۇ چيۇمىڭ تەپسىرى» ۋە «سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار تەدبىرلىرى» دېگەن كىتابلارنى ئوقۇشقا ناھايىتى ئامراق ئىدى، چامباشلىقنىمۇ ياخشى ئۆگەنگەنىدى. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، شىمالدىكى جىن دۆلىتى جەنۇبقا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، يۆ فېينىڭ ئانىسى ئوغلىنى جىن دۆلىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتاشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ دۈمبىسىگە «سادىقلىق بىلەن دۆلەتكە جاۋاب قايتۇر» دېگەن خەتنى يازغان.1122 - يىلى يۆ فېي ھەربىي سەپكە قاتناشقان ھەمدە جەڭلەردە پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، تۆۋەن دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىققا ئۆستۈرۈلگەن.1127 - يىلى «جىڭكاڭ ئۆزگىرىشى» يۈز بېرىپ، جىن سۇلالىسى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنى يوقاتقاندا، يۆ فېي زۇڭ زېغا ئەگىشىپ، كەيفېڭنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇ يەردە قالغان.1129 - يىلى جىن قوشۇنى جەنۇبقا يۈرۈش قىلغاندا، يۆ فېي قوشۇننى باشلاپ گۇاڭدېغا بېرىپ، جىن قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان، ئىككىنچى يىلى جىن قوشۇنىنىڭ باش سانغۇنى ۋۇ جۇ جيەنكاڭ (ھازىرقى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرى) ئەتراپىدىكى نيۇتۇشەن تېغىدا يۆ فېينىڭ يوشۇرۇن زەربىسىگە ئۇچراپ، رەسۋا بولۇپ قاچقان. يۆ فېي جيەنكاڭنى قايتۇرۇۋېلىپ، زور تۆھپە يارىتىپ، داڭق چىقارغان. ئۇ جىن سۇلالىسىگە قارشى جەڭدە خىل «يۆ جەمەتى قوشۇنى» نى بەرپا قىلغان. بۇ قوشۇننىڭ ئىنتىزامى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ھەرقانچە قىيىنچىلىققا يولۇقسىمۇ، پۇقرالارنىڭ يىڭنىچىلىك نەرسىسىگە چېقىلمايتتى. كېيىن، سۇڭ گاۋزۇڭ «ساداقەتمەن يۆ جەمەتى قوشۇنى» دېگەن مەكتۇپنى يېزىپ، يۆ فېيگە ئىنئام قىلغان. يۆ فېينىڭ قوماندانلىقىدىكى يۆ ئائىلىسى قوشۇنى جەڭلەردە ئۇدا غەلىبە قىلىپ، جىن قوشۇنىنى قاتتىق ساراسىمگە سالغان. مىلادىيە1134 - يىلى، يۆ فېي يۆ جەمەتى قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ قورچاق چى ھاكىمىيىتىدىكى ليۇ شياڭ قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچى بىلەن شياڭياڭدا ھەل قىلغۇچى جەڭ قىلىپ، قورچاق چىنىڭ100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، شياڭياڭ قاتارلىق ئالتە ئايماقنى ئارقا - ئارقىدىن قايتۇرۇۋالغان. ئىككىنچى يىلى، ئۇ ياغمىلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان.1136 - يىلى، يۆ فېي قوشۇننى باشلاپ شەنشى، خېنەنلەردىكى نۇرغۇن ئايماق، ناھىيىلەرگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، قورچاق چى قوشۇنىنى يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ قىلغان. يۆ فېي جەڭدە ئاجايىپ تۆھپە يارىتىپ، ئەمىر لەشكەر (ئەڭ ئالىي ھەربىي ئەمەلدار) لىككە تەيىنلەنگەن. ئۇ شىمالغا يۈرۈش قىلىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مەكتۇپ يوللىغان بولسىمۇ، لېكىن سۇڭ گاۋزۇڭ ۋە باش ۋەزىر چىن خۇينىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.1140 - يىلى، جىن قوشۇنى جەنۇبقا ئومۇميۈزلۈك يۈرۈش قىلغاندا، يۆ فېي يەنچېڭ (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسى)دا جىن قوشۇنىنىڭ باش سانغۇنى ۋۇ جۇ بىلەن تىركەشكەن. ۋۇ جۇ تۆمۈر دۇبۇلغىلىق «تۆمۈر فوتو» ۋە ئوڭ - سول قاناتنى ھاسىل قىلغان «ئايلانما ئات» قوشۇنىنى باشلاپ، يۆ جەمەتى قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغاندا، يۆ فېي ئەسكەرلەرنى قىلىچلىرىنى ئۇزۇن كالتەككە تېڭىپ، دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ پۇتىنى چېپىپ، جىن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۈيۈك يەنچېڭ ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. يۆ فېي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يىڭچاڭ، جېڭجۇ، لوياڭلارنى قايتۇرۇۋېلىپ، جۇشيەنجېن بازىرى (ھازىرقى خېنەن كەيفېڭنىڭ غەربىي جەنۇبى)غا قوشۇن كىرگۈزگەن. شۇ چاغدا، شىمالدىكى ھەرقايسى يول سادىق - ئادىل قوشۇنلىرى بەس - بەستە يۆ فېيگە ئەل بولغان. بىراق، يۆفېي «خۇاڭلۇڭ مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە تېگىش قىلىش» قا تەييارلىنىۋاتقاندا، سۇڭ گاۋزۇڭ ۋە چىن خۇي باشچىلىقىدىكى تەسلىمچىلەر تەرەپدارلىرى يۆ فېينى قوشۇن چېكىندۈرۈشكە بۇيرۇغان.1142 - يىلى، چىن خۇي يۆ فېينى «توپىلاڭ قىلماقچى» دەپ بەتنام چاپلاپ، يوقىلاڭ جىنايەت بىلەن مەخپىي ئۆلتۈرۈۋەتكەن، شۇ يىلى ئۇ39 ياشتا ئىدى. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىچىدە يۆ فېينىڭ ئوغلى يۆ يۈن ۋە قول ئاستىدىكى سەركەردە جاڭ شيەنلەرمۇ بار ئىدى. سۇڭ نىڭزۇڭ دەۋرى (1195 - يىلى) گە كەلگەندە، يۆ فېي ئاقلانغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
يۆ فېي | UyghurWiki | UyghurWiki