UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىخادىۋاڭ

خادىۋاڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى 1895 - يىلى تولى ناھىيىسىدە تۇغۇلغان خادىۋاڭ (خەدىچە) كۆگىداينىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئادىل غازىنىڭ نەۋرىسى، مامۇر بەگ تۆرىنىڭ قىزى، ئەلەن ۋاڭ بىلەن 1910 - يىلى توي قىلىدۇ. خەدىچە ئېگىز بوي، قاڭشارلىق، پېشانىسى كەڭ، بۆرەك يۈز، قارا كۆز چىرايلىق ئايال. ئانىسى قىزاينىڭ ساما تۆرىسى، دادىسى كېرەينىڭ كۆگدەي تۆرىسى، خادىۋاڭنىڭ نەسەبى تۆرە بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ. خادىۋاڭ ئوردا ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغان بىلەن ئوردا چارۋىسىنى باشقۇرىدۇ. ئۇ 1930 - يىلىغا كەلگەندە ياۋروپا - ئاسىيا شىركىتىدە خىزمەت ئىشلىگەن ئارغىن تۆلەغازى دېگەن ئادەمنى سودا باشقۇرۇشقا قويۇپ، يۇڭ - تېرە، ئۈچەي، تىرك چارۋا - ماللارنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتكۈزۈپ ئۇ يەردىن سانائەت مېلى ئېلىپ كېلىپ سودا قىلىدۇ. ئالتايدا قازاقلاردىن ئەڭ دەسلەپ ماشىنىدا ئولتۇرغان، سودا قىلغان، بولۇپمۇ چەت ئەل بىلەن سودا قىلغان كىشى خادىۋاڭ خانىمدۇر. 1942 - يىلى گومىنداڭ مەخسۇس ماشىنا بىلەن خادىۋاڭنى بالىلىرى مىللەتقان، باتۇقان، قىزى زادە، مەسخۇدە، كىچىك بالىسى چۇكىتايلار بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ ئېرى ئەلەن ۋاڭغا قوشۇپ نەزەر بەند قىلىدۇ. ئوغلى زەكىقاننى مال - مۈلكىنى باشقۇرۇشقا قويۇپ قويىدۇ. 1944 - يىلى ئەتىيازدا ئەلەن ۋاڭ، خادىۋاڭ ۋە بالا - چاقىلىرى نەزەربەندتىن بوشىتىلىدۇ، ئەلەن ۋاڭنى ئالتايغا مۇئاۋىن نازىرى قىلىپ بەلگىلەيدۇ. ئەلەن ۋاڭ كېسەللىكىنى سەۋەب قىلىپ خىزمەتكە بارمايدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپ خادىۋاڭنى پۇقرالارغا تەشۋىق قىلىش ئۆمەك باشلىقى قىلىپ بەلگىلەيدۇ. خادىۋاڭ شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چونجىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان قازاق ئائىلىسىگە ماددىي ياردەم بېرىشنى قولغا كەلتۈرىدۇ. 1945 - يىلى گومىنداڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى يېشىن يەرلىك مەھسۇلاتلار شىركىتىنى ئۆزگەرتىپ قۇرغاندا خادىۋاڭنى دەسلەپ شىركەت ھەيئىتى، كېيىن مۇئاۋىن باشلىق قىلىپ بەلگىلەيدۇ. 1946 - يىلى 4 - ئايدا گومىنداڭ خادىۋاڭنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەيئىتى قىلىپ بەلگىلەيدۇ، گومىنداڭنىڭ ئۆلكىلىك ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ھەيئەت ۋە دائىمىي ھەيئەت بولۇپ سايلىنىپ، گومىنداڭ پىرقە باشلىقلىرى قاتارىدا ئورۇن ئالىدۇ. 1946 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شېڭ شىسەي دەۋرىدە مۇسادىرە قىلىنغان مال - مۈلۈكلەرنى ئېنىقلاش ھەيئىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولۇپ سايلىنىدۇ. خادىۋاڭ 1946 - يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۈرۈمچى ۋالىيسى ھەم سىلىڭبۇنىڭ سىڭلىسى، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى شىنجاڭ ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ نازارەتچىسى بولىدۇ، 1946 - يىلى 6 - ئايدا ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت نەنجىڭدە ئېچىلغان گومىن داخۇيغا قاتنىشىشقا ئۆلكىدىن بىر كىشىنى تاللاشنى قارار قىلىپ خادىۋاڭنى تاللايدۇ. خادىۋاڭ گومىن داخۇيغا قاتناشقان مەزگىلدە جاڭ جېشى قاتارلىقلار قوبۇل قىلىدۇ. ئۇ سۇڭ مېيلىڭ باشقۇرغان يىغىنىدا شىنجاڭ ئاياللىرى توغرىسىدا دوكلات بېرىدۇ. خادىۋاڭ 1962 - يىلى ۋاپات بولىدۇ. (ئەلەن ۋاڭ بىلەن خادىۋاڭ ھەققىدىكى ماتېرىياللار قازاقچە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر» ژۇرنىلى 2000 - يىلى 4 - سانىدىن ئېلىندى).
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
خادىۋاڭ | UyghurWiki | UyghurWiki