لىن جىلۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇنىڭ ئەسلى ئىسمى لىن ۋېيلياڭ بولۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيشەن ناھىيىسىدىن، 1916 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرىدۇ ۋە پارتىيە مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن ياپونىيىگە ئەۋەتىلىدۇ. 1937 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. 1939 - يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن شىنجاڭدا ئىشلەشكە ئەۋەتىلىدۇ. شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى، ئاقسۇ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، كۇچارنىڭ ھاكىمى، ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. 1942 - يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ۋە 1943 - يىل 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەنىدى.