مافۇشىڭ (ماتىتەي)
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
مافۇشىڭ خۇيزۇ (ئۇنىڭ ئەرەبچە ئىسىمى مۇھەببەت يۇنۇس، ئۇيغۇرلار ئۇنى ماتىتەي دەپ ئاتىغان) ئۇ يۈننەي ئۆلكىسىنىڭ خۇاپىڭ ناھىيىسىدە 1866 - يىلى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
مافۇشىڭ كىچىگىدىنلا ئۇرۇش، جىدەلگە ئامراق، خورىكى چوڭ، قارام ۋە قارا يۈرەك بولۇپ ئۆسكەن. ئۇ بالا ۋاقتىدىلا ئۆزىنىڭ قارا كۈچىگە تايىنىپ چامباشىچىلىق ماھارىتىنى ئىگىللىگەن. شۇ زاماننىڭ شارائىتى بويىچە پات - پات بولۇپ تۇرىدىغان چامباشىچىلار ئېلىشىشىدا مافۇشىڭ يۈننەننىڭ دوتىيى مافۇلۇغا ياراپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مافۇشىڭ مەنچىڭ قوشۇنى ئىچىدە تۆۋەن دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىستېر بولدى.
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا (1900 - يىلى) سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ بېيجىڭنى بېسىۋالدى. سىى شىتەيخۇ شىئەنگە قېچىپ كەتمەك بولىدۇ. بۇ چاغدا يۈننەننىڭ دوتىيى مافۇلۇ مافۇشىڭنى چامباشچىلىقتا ماھىر دېگەن ئىشەنچ بىلەن سى شىتەيخۇنىڭ قوغدىغۇچىسى قىلىپ بەلگىلەيدۇ. سى شىتەيخۇ شىئەنگە بارغاندىن كېيىن گوندىمىياۋ بۇتخانىسىغا كۆجە كۆيدۈرگىلى بارغاندا، مافۇشىڭنىڭ نەچچە ئون جىڭ ئېغىرلىقتىكى يوغان بىر قىلىچنى قولىغا ئېلىپ قېلىچۋازلىق ناھاىيتى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قايىل بولىدۇ - دە، ئۇنى خېنەن مەسلىھەتچى سانغۇنىلىقىغا تەيىنلەيدۇ. مافۇشىڭ خېنەندە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا خېنە سەييارە سىلاۋچىسىنىڭ بەگزادىسى ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ خەلقنى بوزەك قىلىدۇ. ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ. مافۇشىڭ بەگزادىنى قاتتىق ئۇرۇپ ئەدەبلەيدۇ. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن خېنەن سەييارە سىلاۋچىسى مافۇشىڭنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى توپلاپ خان ئوردىسىغا ئەرز سۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مافۇشىڭ ئەمەلدىن ئايرىلىپ شىنجاڭغا پالىنىدۇ.
مافۇشىڭ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، مىچۇەن (ئۈچ بۇلاق) دە ئولتۇراقلىشىپ دېھقانچىلىق قىلىدۇ. شۇ چاغدا بۇ يەردە يەنە ئوردا تەرىپىدىن شىنجاڭغا پالانغان بىر قانچە ئائىلە دېھقان بار ئىدى.
مافۇشىڭ ياڭ زېڭشىن بىلەن بىر يۇرتلۇق بولغاچقا بەزىدە ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى خۇيزۇلارنىڭ ئولتۇرۇش - قوپۇشلىرىدا ئۇچرىشىپ قالىدۇ.
ياڭ زېڭشىن مافۇشىڭنىڭ ئىچكى ئۆلكىدە تۇتقان مەنسەپلىرى خەلق ئىچىدىكى ئابرويى ۋە ھەربى، چامباشچىلىق ماھارىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە كىرىشىدۇ - دە، پات - پات ئەۋەتىپ ئۇنى ئۆزىگە مايىل قىلىدۇ. كېيىن مافۇشىڭنى خۇيزۇ باتاليون (يىڭ) غا يىڭجاڭ قىلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ مافۇشىڭ ياڭ زېڭشىن ئۈچۈن تولىمۇ سەمىمىي خىزمەت قىلىدۇ. ياڭ زېڭشىنمۇ مافۇشىڭغا ئىشەنچ باغلايدۇ. كېيىنكى ۋاقىتتا مافۇشىڭ ياڭ زېڭشىندىن كېيىن ئەمما ھەممە كىشىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مۇھىم شەخسكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
مافۇشىڭ چوڭ ھوقوقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن 1911 - يىلى، ئۆزىگە ئوردا - ساراي سېلىشقا كىرىشىپ ئۈرۈمچى ليۇداۋاندىن ئالتە مو يەر تاللاپ ئۆزىگە ھەشەمەتلىك ساراي سالىدۇ. دەرۋازا ئالدىغا شىرنىڭ ئىككى ھەيكلىنى ئورنىتىدۇ. ساراينىڭ مەركىزى ئەتراپىغا خىش ۋە ياغاچتىن ئىككى قەۋەتلىك بىنا سېلىپ خۇددى ئىچكى ئۆلكىدىكى ھۆكۈمەت مەھكىمىلىرىنىڭ تۈسىگە كىرگۈزىدۇ. 80 ئېغىز ئەتراپىدا بولغان بۇ ساراي خانىلىرى كۆك كاھىشلىق بولۇپ، بۇنىڭغا سەرپ قىلىنغان پۇل خەلقتىن شۇلىۋېلىنغانىدى.
ئۇزاق ئۆتمەي شىنجاڭدا ئىنقىلاب پارتلاپ سەييارە سىلاۋچى يۈەن داخۇا خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ئىچكىرىگە كېتىدۇ. ياڭ زېڭشىن شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە مېۋىسىگە ئىگە بولۇپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدۇ.
بۇ يىللاردا (1912 - يىلى) قۇمۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇت تەرىپىدىن ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان تۆمۈر خەلىپە ئۇيغۇر خەلقىنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنىدى. ياڭ زېڭشىن كۆپ ئاماللارنى قىلىپمۇ قوزغىلاڭچىلارنى تىنجىتالمايدۇ. ئاخىر ياڭ زېڭشىن ھېلە ئىشلىتىپ تۆمۈر خەلىپە باشچىلقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، تۆمۈر خەلىپىگە قىلتاق قويىدۇ. قىلتاققا چۈشكەن تۆمۈر خەلىپە كېلىشىم بويىچە قوزغىلاڭنى توختىتىپ 160 - دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ «چېگرا ئاتلىق ئەسكەرلەر ئۈچىنچى يىڭى» نىڭ يىڭجاڭى بولۇپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ.
1913 - يىلى 9 - ئايدا ياڭ زېڭشىن يېڭى قورال تارقىتىش نامىدا، تۆمۈر خەلىپىنى قوراللىرىنى تاپشۇرۇشقا قىستايدۇ ۋە تۆمۈر خەلىپىنى مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن يىغىن زالىدا قولغا ئېلىشنى مافۇشىڭغا تاپشۇرىدۇ. مافۇشىڭ تۆمۈر خەلىپىنى قورالسىزلاندۇرغاندىن كېيىن ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن مافۇشىڭ تېخىمۇ كۆرەڭلەيدۇ. ياڭ زېڭشىن مافۇشىڭنى يوقتىش خىيالىغا كەلگەن بولسىمۇ ئامالسىز قېلىپ ۋاقىتلىق كۆزدىن يوقىتىش چارىسىنى قوللىنىپ 1914 - يىلى مافۇشىڭنى قەشقەرنىڭ تىتەي (ھەربىي ئەمەلدارى) لىكىگە تەيىنلەيدۇ.
بۇ يىللاردا گېلاۋخۇيچىلار شىنجاڭنىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدا ھەرىكەتلىنىۋاتقان ئىدى. مافۇشىڭ قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن ئۆزى تىتەي بولۇپ يېڭىشەھەردە، ئوغلى ما جيۇ ۋىنتتەي (بىرىگادا قوماندانى) بولۇپ كونا شەھەردە تۇرىدۇ ۋە گېلاۋخۇيچىلارنى تازىلاش باھانىسى بىلەن قەشقەردە چوڭ گېلاۋخۇيچىلارنى تازىلاش باھانىسى بىلەن قەشقەردە چوڭ تۇتقۇن ۋە قىزغىن قىلىپ خەلقنىڭ يۈرىكىنى مۇجىدى. مال - مۈلكىنى بۇلاپ بايلىق توپلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى خان، ئۆزى بەگ بولۇۋالغان مافۇشىڭ ھېچكىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلمايدۇ،
قەشقەر يېڭى شەھەردە ئۆزى ئۈچۈن ئۈچ قەۋەتلىك بىر بىنا سالدۇرۇپ، ئۈرۈمچىدىكى تۆت خۇتۇنىنى ئېلىپ كېلىپ ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سەككىز شەھەرنىڭ تۇنجىسى بولغان قەشقەر، شۇ چاغلاردا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تىنچ ياكى مالىمان بولۇشىغا تەسىر كۆرىسىتىدىغان جاي ئىدى. ياڭ زېڭشىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي دىنىي ۋە مىللىي (ئۇيغۇرلانى خۇيزۇلار ئارقىلىق باشقۇرۇش) مۇناسىۋەت ئارقىلىق كونتىرول قىلماقچى بولۇپ،ئۆزىنىڭ يېقىنى بولغان مافۇشىڭنى قەشقەرگە تىتەي قىلىپ ئەۋەتتى. مافۇشىڭ قەشقەردە زورلۇق - زومبۇلۇق قىلدى. نۇرغۇن خۇتۇن ئالدى. پۇقرالارنىڭ خوتۇن - قىزلىرىنى ئاياغ ئاستى قىلدى. ئومۇمنىڭ ۋە خۇسۇسىلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگەللىۋالدى. خەلقنىڭ مال - مۈلكىنى قاقتى - سوقتى قىلدى، خىلمۇ خىل جازا ۋاسىتىلىرىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ كىشىلەرنىڭ پۇت - قولىنى كەستى، كەلسە - كەلمەس قىرغىنچىلىق قىلدى. بۇ ئىشلارنى ياڭ زېڭشىن ئاڭلىماسلىققا سالدى. زەيلەشتۈرىدۇ دەپ ھەربىيلەرنى ئىشقا سېلىپ ئورمانلىقنى تارتىۋالدى. زەيلەشتۈرىدۇ دەپ ھەربىيلەرنى ئىشقا سېلىپ ئورمانلىقنى تارتىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر خەلقىنىڭ ئوتۇن يېقىلغۇسى ئۈچۈن خالىس ئەھيا قىلىنغان بۇ ئورمان مافۇشىڭنىڭ شەخسىي مۈلكى بولۇپ قالىدۇ. ماتىتەي بۇ يەرگە دەسلەپ ھەربىي قۇرغان (مەشق ئورنى)، كېيىن ما ئائىلىسى ئۈچۈن ھەشەمەتلىك ساراي، داچىلار سالىدۇ. مافۇشىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئازادە ئىمارەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، 1916 - يىللاردا تۆت خۇتۇنىنى ئېلىپ كېلىپ داچىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي مافۇشىڭ زۇلۇم، زورلۇق بىلەن ھازىرقى كونا شەھەرنىڭ لەنگەر يېزىسىغا يەنە بىر ساراي سالدۇرىدۇ. بۇ ساراي ئالاھىدە كۆركەم بولۇپ، ناھايىتى ھەشەمەتلىك بولغان قۇرۇلۇش ئىدى مافۇشىڭ (ماتىتەي) يېشى 60 تىن ئاشقاندىمۇ شەھۋە خۇمارىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىۋىپلارغا قۇۋۋەت دورىسى ياسسىتىدۇ. بۇ دورىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئەركەك قۇچقاچنىڭ مېڭىسى لازىم بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن يۇرتقا قۇچقاچ ئالۋىنى سالىدۇ. بۇ قەشقەر تارىخىدىكى مەشھۇر «قۇچقاچ ئالۋىنى» ئىدى. بۇ ئالۋان يۇرت ئىچىدە ناھايىتى ئېغىر زۇلۇم بولغان. 100 قۇچقاچ ئالۋان قويۇلسا شەھەر ھاكىمى 200، يېزا بەگلىرى 500 دەپ بۇيرۇق چۈشۈرسە، يۈز بېشى ئون بېشىغا نەچچە ھەسسە قاتلىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1000 قۇچقاچ تۇتسا ئۇنىڭدىن ئونى ئەركەك بولۇپ، قالغىنى بىكار چىققان. شۇڭا بىر يېزا 10 مىڭ قۇچقاچ تۇتسا، بىر بەگلىك 100مىڭ قۇچقاچ تۇتۇشقا مەجبۇر بولغان. پېشقەدەملەرنىڭ بايان قىلىشىغا قارىغاندا شەھەر، يېزا خەلقى قولىدا داس، كونا پەتنۇسىنى جاراڭلىتىپ، كۈنى قۇچقاچ قوغلاپ ئۆتكەن. شۇ يىللاردا قۇچقاچ ئالۋىنىنى تۆلەپ بولالماي ئۆي ۋاقىدىن ئايرىلىپ كەتكەن، قاماققا چۈشكەنلەر ناھايىتى كۆپ بولغان.
شۇ يىللاردا، ماتىتەي (مافۇشىڭ) نىڭ ھەرخىل زۇلۇمىغا چىدىمىغان خەلق:
سوخو يولى قومۇشلۇق،
ئوغاق سېلىپ ئورغان يوق.
14 يىللاپ شەھەر سورىغان،
ماتىتەيدەك زالىم يوق . . .
دېگەن قوشاقلارنى ئوقۇيدۇ .
ماتىتەي قەشقەردە بولغان ۋاقىتتا خەلققە موم ئالۋىنى قويغان. ماتىتەينىڭ «موم ئالۋىنى» ناھايىتى دەھشەتلىك ئۆتكەن. بۇ ئالۋاندا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خانىۋەيران بولغان. قاماققا ئېلىنغان، پۇت - قوللىرىنى كېسىلگەن، بۇ ۋەقە مۇنداق بولغان:
شۇ زاماندا ئۇلۇغچاتنىڭ قىزىل بوي دېگەن يېرى ئەتراپىدا نېفىتلىك بولۇپ، ئۆزلىكىدىن ئۆرلەپ قالغان ماي ساسلىقلاردا سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرگەن. بەزى جايلاردا لاتقىغا ئوخشاش ئۇيۇپ قالغان. بۇنى كۆرگەن يەرلىك ئادەملەر تاغ ياقىسىدىن موم چىقتى دېگەن گەپنى تارقىتىدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ماتىتەي بۇنى موم قىلىپ سېتىش بۇيرۇقى چىقىرىدۇ. روزى بەگ، جىڭچى ئىمام، ھاشىم چوڭ، ئاۋۇت ئىمام دېگەن كىشىلەرنى ئىشقا سېلىپ قەشقەر كونا شەھەر، يېڭى شەھەردىكى دۇكانلارغا بۇ مومنى كۆپلەپ ساتىدۇ. موزدوزلار بۇ مومنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ موم بولماي قارىماي ئىكەنلىكىنى بىلىپ سېتىۋېلىشتىن باش تارتىدۇ، سېتىۋالغان دۇكانلار زىيان تارتىدۇ. سېتىپ ئېلىشنى رەت قىلغانلار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە قارىشىلىق قىلدى دەپ قامىلىدۇ. زىيانغا ئۇچرىغانلار ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمتىگە، ماتىتەي ئۈستىدىن ئەرز قىلىدۇ. ياڭ زېڭشىن ماتىتەينى ئەيىپلەيدۇ. ماتىتەي بۇنىڭ ئۆچىنى خەلقتىن ئېلىپ دەھشەتلىك چارىلارنى يۈرگۈزىدۇ. مەسىلەن: روزى بەگنى باش جىنايەتچى دەپ ئۇنىڭ قولىنى بېغىشىدىن كېسىپ شەھەر ئايلاندۇرۇپ ھاشىم چوڭ، ئاۋۇت ئىماملارنىڭمۇ قولىنى كېسىپ سازايى قىلىدۇ. قولى كېسىلگەنلەرنىڭ قولىنى ياغدا داغلاپ قېنىنى توختاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ئازاب ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ياڭ زېڭشىن مافۇشىڭغا ئوچۇق - ئاشكارە بىر نېمە دېمىگەن بىلەن قورسىقىدا ئۇنى يوقىتىش نىيىتىگە كېلىپ ئۇنىڭ كونا رەقىبى ماشاۋۋۇنىڭ قولى بىلەن يوقىتىش پىلانىنى ئاللىقاچان تۈزۈپ قويغان ۋە ماشاۋۇغا بۇ ھەقتە بۇيرۇق بەرگەن؛ 1924 - يىلى 5 - ئايلاردا ماشاۋۋۇ بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۈچتۈرپان قاخشال يولى بىلەن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئاقسۇ، كۇچادىن تەشكىللەنگەن ياردەمچى قوشۇن رامىزان ھاجى دېگەن ئادەم قوماندانلىقىدا چوڭ يول بىلەن ماڭىدۇ. بۇ ئىككى قوشۇن بىر ۋاقىتتا قەشقەرگە بېرىپ، ماشاۋۋۇ قوشۇنى قەشقەر يېڭى شەھەرنى، ئاقسۇ، كۇچادىن كەلگەن قوشۇن قەشقەر كونا شەھەرنى مۇھاسىرە قىلىپ بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم باشلايدۇ. ئىككى سائەتلىك قاتتىق جەڭدە ماتىتەي ماشاۋۋۇنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ئەڭ ئالى جازا بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ دارغا ئېسىلغان تېنى قەشقەردە ئۈچ كۈن سازايى قىلىنىدۇ.
قەشقەر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان قوشۇن شەھەر دەرۋازىسى ئېچىلىشى بىلەن شەھەرگە ئاتلىق بېسىپ كىرىدۇ. ماجىيوۋ قېچىپ راۋاق تەرەپكە ماڭغاندا، رامىزان ھاجى ئۇنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەيدۇ. ماجىيوۋ رامىزان ھاجىنى تاپانچا بىلەن ئېتىپ تاشلايدۇ. شۇ چاغدا ماجىيوۋغىمۇ ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماتىتەينىڭ 10 نەچچە يىللىق ھاكىمىيىتى ئاخىرلىشىدۇ.
ماتىتەي تولۇم چاشقان،
ئالۋاننى تولا چاشقان.
ئالۋاننى تولا سېلىپ،
دارغا ئېسىلىپ ياتقان.