شۈن گۇەن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى سىياسىي ۋەزىيەتتە داۋالغۇش يۈز بېرىدۇ. مىلادىيە315 - يىلى تەپرىقىچى كۈچلەرنىڭ كاتتىۋېشى دۇ زېڭ10 نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇن باشلاپ ۋەنچىڭ (ھازىرقى خېنەننىڭ نەنياڭ ناھىيىسى)غا قورشاپ ھۇجۇم قوزغايدۇ. جىن سەركەردىسى شۈن سۇڭ شەھەرنى قاتتىق قوغدايدۇ. يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، شەھەردىكى ئوزۇق - تۈلۈك ئۆكسۈپ قالىدۇ، قوشۇننىڭ تەڭدىن تولىسى قىرىلىپ ۋە يارىلىنىپ، ۋەزىيەت ناھايىتى جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شۈن سۇڭ شياڭچېڭ (ھازىرقى خۇبېينىڭ شياڭياڭ ناھىيىسى) ۋالىيسى شى لەندىن ياردەم سوراشنى قارار قىلىدۇ. ئەمما، دۈشمەنلەر شەھەرنى قاتمۇقات قورشىۋالغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەنچېڭ بىلەن شياڭچېڭنىڭ ئارىسى500 -600 يۈز چاقىرىم كېلەتتى. شياڭچېڭ ۋالىيسىغا مەكتۇپ ئاپىرىپ ياردەم تەلەپ قىلىشقا ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى سانغۇنلاردىن بىرەرىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ. شۈن سۇڭ قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي بېشى قېتىپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا بىر قىزچاق كىرىپ، شياڭچېڭغا مەكتۇپ ئاپىرىپ ياردەم تەلەپ قىلىشقا بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قىزچاق باش سانغۇن شۈن سۇڭنىڭ قىزى شۈن گۇەن (مىلادىيە303 - يىلى تۇغۇلغان) ئىدى.
شۈن گۇەن يىنچۈەننىڭ لىنيىن (ھازىرقى خېنەننىڭ لىنيىن ناھىيىسى) دېگەن يېرىدىن. ئۇ كىچىكىدىنلا دادىسى بىلەن قوشۇندا تۇرغاچقا، قورال - ياراغ بىلەن ھەپىلىشىشكە خۇشتار بولۇپ قالغان ۋە ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئاجايىپ ماھارەت ئىگىلىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كەسكىن جەڭلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەچكە، يېشىغا باقماي جاسارەت ۋە زېرەك چوڭ بولغان. شۇ يىلى ئۇ ئاران12 ياشتا ئىدى. شۈن سۇڭ قىزىنى كىچىك كۆرۈپ ئۇنىڭ بۇ خەتەرلىك سەپەرگە چىقىشىغا قوشۇلمايدۇ. ئەمما، شۈن گۇەننىڭ قايتا - قايتا تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇۋېلىشى بىلەن، ئاخىر ماقۇل بولىدۇ.
شۈن گۇەن مەكتۇپنى ئېلىپ، ئون نەچچە ياراملىق ئەزىمەتتىن تەركىب تاپقان كىچىك ئەترەتنى باشلاپ، ئاي قاراڭغۇسىدا جەنۇبىي قوۋۇقتىن ئېتىلىپ چىقىپ كېتىدۇ. دۇ زېڭ دەرھال100 ئاتلىق لەشكەر چىقىرىپ ئۇلارنى قوغلاشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇلار جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا20 چاقىرىمچە يول يۈرگەندە، دۇ زېڭنىڭ لەشكەرلىرى يېتىشىۋالىدۇ. قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا قالغان شۇ جىددىي پەيتتە، شۈن گۇەن دەرھال ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ، باتۇرلىرىغا كەينىدىن قوغلاپ كەلگەنلەرگە ساداقتىن ئوق ئۈزۈشكە بۇيرۇق بېرىدۇ. تېز قوغلاپ كېلىۋاتقان دۇ زېڭ لەشكەرلىرى ئۇشتۇمتۇت ئېتىلغان ئوقلاردىن دالدىلىنالماي، پاتىپاراقچىلىق ئىچىدە نەچچە ئونى ھالاك بولىدۇ. شۈن گۇەن شۇ مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ئەترىتىدىكىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىدۇ ۋە قويۇق ئورمانغا كىرىۋېلىپ، قوغلاپ كېلىۋاتقانلاردىن قۇتۇلىدۇ.
ئۇلار كىرپىك قاقماي ئىككى كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ، ئاخىر شياڭچېڭغا ئامان - ئېسەن يېتىپ بارىدۇ. ۋالىي شى لەن ياردەم تەلەپ قىلىش مەكتۇپىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ ۋە شۈن گۇەنگە: «قىزىم، زور تۆھپە ياراتتىڭىز» دەيدۇ ۋە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، سانغۇن جۇ فاڭ باشچىلىقىدىكى ياردەمچى قوشۇننى ئەۋەتىپ، ۋەنچىڭ شەھىرىنى قۇتۇلدۇرۇۋالىدۇ.