چېن يى
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
چېن يى (1901 −1972 - يىللار) سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ لېجى دېگەن يېرىدىن. ئۇ ۋەتەننى، مىللەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يولىنى تېپىش ئۈچۈن،1919 - يىلى فرانسىيىگە بېرىپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىشلەپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇغان. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.1927 - يىلىدىكى «1 - ئاۋغۇست» نەنچاڭ قوزغىلىڭىدىن كېيىن قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىپ، ئىتتىپاق، پارتىيە ۋەكىلى بولغان.1928 - يىلى جۇ دېغا ئەگىشىپ نەنچاڭ قوزغىلىڭىنىڭ قالدۇق قوشۇنىنى باشلاپ شياڭنەن قوزغىلىڭىنى كۆتۈرگەن ھەمدە جىڭگاڭشەنگە يۆتكىلىپ، ماۋ زېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيە بىلەن ئۇچراشقان. چېن يى قىزىل ئارمىيە4 - جۈن سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، ئىنقىلابىي بازا قۇرۇش ۋە قىزىل ئارمىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كۈرەشلىرىگە تۆھپە قوشقان. كېيىن يەنە جياڭشى ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسارى بولغان.1934
- يىلى قىزىل ئارمىيىنىڭ ئاساسلىق كۈچى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولغاندا، چېن يى بۇيرۇققا بىنائەن جەنۇبىي جياڭشىدا قېپقېلىپ، ئۈچ يىل ئىنتايىن جاپالىق، ئەمما ناھايىتى نەتىجىلىك پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلغان. ئۇ شېئىر يېزىپ شۇ چاغدىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلغان.1937
- يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، يېڭى4 - ئارمىيە1 - تارماق قوشۇنىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، ماۋشەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرغان.1940 - يىلى10 - ئايدا ئۇ قوشۇنىنى باشلاپ جياڭسۇنىڭ شىمالىدىكى خېڭچياۋ كۆۋرۈكىدە گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ15 مىڭ ئادىمىنى يوقاتقان.1941 - يىلى «جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يېڭى4 - ئارمىيىنىڭ مۇۋەققەت جۈنجاڭى ۋە جۈنجاڭى بولۇپ، ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىنقىلابىي بازىلارنى مۇستەھكەملىگەن ۋە كېڭەيتكەن.
ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، چېن يى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەندۇڭ دالا ئۇرۇش ئارمىيىسى، شەرقىي جۇڭگو دالا ئارمىيىسى،3 - دالا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسارى بولغان. ئۇ قوشۇنلىرىنى باشلاپ شەندۇڭنىڭ مېڭلياڭگۇ دېگەن يېرىدە گومىنداڭنىڭ داڭدار قوشۇنى −74 - شىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ھەمدە كۆلىمى ئىنتايىن زور بولغان خۇەيخەي ئۇرۇشىنى تەشكىللەشكە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلغان. كېيىن يەنە قوشۇنىنى باشلاپ چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پايتەختى نەنجىڭنى ۋە شاڭخەي قاتارلىق جايلارنى ئازاد قىلغان.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، چېن يى شەرقىي جۇڭگو ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان، كېيىن يەنە گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.1955 - يىلى ئۇنىڭغا مارشال ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئۇ ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا لىن بياۋ، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلغان. ئۇ شۇ چاغدىكى ھېس - تۇيغۇلىرىنىمۇ يارقىن شېئىرىي مىسرالار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.
چېن يى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شائىر بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «ئەلەمگىمۇ، قەلەمگىمۇ ماھىر» دەپ تەرىپلەنگەن.1972 - يىلى كېسەل سەۋەبىدىن بېيجىڭدا ۋاپات بولغان.