UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىشى يەنفۇ

شى يەنفۇ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى شى يەنفۇ (شىبە) 1937 - يىلى 7 - ئايدا، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، «ئىشچى مەھبۇس» دېيىلىپ، 1937 - يىلى كۈزدە قۇرۇلغان مەخپىي سوت ھەيئىتى قارىمىقىدا، مەزكۇر ھەيئەتنىڭ تەرجىمانى ۋە خاتىرە يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1938 - يىلى 12 - ئايدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ 6 - بۆلۈمىدە پۈتۈكچى بولىدۇ. 1940 - يىلى 10 - ئايدىن 1944 - يىلى 11 - ئايغىچە سوت قىلىش، خاتىرە يېزىش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ. شۇ يىللاردا ئۇ يەنە مەخپىي سوت ھەيئىتى 6 - بۆلۈم (مەخپىي ئىشلار بۆلۈم) نىڭ ۋە قورچاق ساقچى باشقارمىسىنىڭ مەخپىي ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ. 1950 - يىلى ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ. تۈرمىدە بولغان مەزگىلدە، شېڭ شىسەينىڭ «مەخپىي سوت ھەيئىتى» ۋە ساقچى باشقارمىسىدا كۆرگەن، ئاڭلىغان ۋە قىلغان ئىشلىرىنىڭ شاھىدى بولۇپ ماتېرىيال يېزىپ تاپشۇرىدۇ. شى يەنفۇ 1961 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرى تۈرمىدىن چىقىپ، 1962 - يىلى ئۆلىدۇ. (شى يەنفۇنىڭ قالدۇرغان ماتېرىيالى «شىنجاڭ مەخپىي سوت ھەيئىيى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا ماقالە قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ 1980 - يىلى 9 - ئايدا نەشر قىلىنغان 1 - سانغا بېسىلدى. بۇ تەرجىمىھال شۇ كىتابچىنىڭ 111 - ، 112 - ، بەتلىرىدىن ئېلىنىدۇ.)
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
شى يەنفۇ | UyghurWiki | UyghurWiki