UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىماشاۋۋۇ (مادوتەي)

ماشاۋۋۇ (مادوتەي)

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى ماشاۋۋۇ (خۇيزۇ) تۇڭگانلارنىڭ خەلىپە (ئىشان) سى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ماشاۋۋۇ توقسۇن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا دىن تەرغىب قىلىش بىلەن داڭ چىقارغان، ئۆزىگە كۆپلىگەن مۇرىت توپلىغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى توقسۇن، قەشقەر، كېيىنكى ۋاقىتتا ئىلىدا تۇرغان. پائالىيىتى ئېنىق ئەمەس. ماشاۋۋۇ شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى - كەيىنىدە قەشقەردە بولغاندا ئۇنىڭ قەشقەر، يەركەن، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى مۇرىتلىرى نەچچە مىڭ (خۇيزۇ) غا يەتكەن. ئۇنىڭ دىنىي سالاھىتىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا قەشقەرنىڭ ئامبال (ھاكىم) لىقىنى بەرگەن. مافۇشىڭ (ماتىتەي)قەشقەردە بولغان مەزگىلدە ماتىتەينىڭ خۇتۇنى ماشاۋۋۇرغا مۇرىت بولغان ۋە ئۇنى كۆرگەنلا يەردە ئۇنىڭغا تىزلىنىپ ھۆرمەت بىلدۈرگەن. ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ قارايدىغان ماتىتەي بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان. شۇ كۈنلەردە ماشاۋۋۇ قەشقەرنىڭ دوتىيى جۇرۇيچى بىلەن زىتلىشىپ قالىدۇ - دە، ياڭ زېڭشىنگە مەلۇم قىلمايلا، جۇرۇيچى بىلەن زىتلىشىپ قالىدۇ - دە، ياڭ زېڭشىنگە مەلۇم قىلمايلا، جۇرۇيچى (دوتەي) بىلەن ھاكىم (ماشاۋۋۇ) نىڭ تامغىسىنى تارتىۋېلىپ ئۇلارنى قەشقەردىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. ياڭ زېڭشىن ماتىتەينىڭ بۇ قىلمىشىدىن ئاغرىنىپ بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش قارارىغا كېلىدۇ. پۇرسەت كۈتىدۇ - دە، ۋەقەدىن كېيىن جۇرۇيچىنى ئاقسۇغا دوتەي، ماشاۋۋۇنى ئۈچتۈرپانغا ھاكىم قىلىپ تەيىنلەيدۇ. 1919 - يىلنىڭ ئالدى - كەينىدە ماشاۋۋۇ ئۈچتۈرپاندا بولغان مەزگىلدە، تاشكەنتتە ئابدۇللا روزى باقىيوۋ، ماسەنچىلار باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. 3 - ئىنتېرناتسىئونال ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ ئىتتىپاقتا نەچچە مىڭلىغان ئەزا ۋە 586 كوممۇنىست بار ئىدى. بۇ كوممۇنىستلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئۇيغۇر بولۇپ، ئاز بىر قىسمى 3 - ئىنتېرناتسىئونالنىڭ شەرق س بىيورۇسنىڭ شۇجىس ئابدۇللا روزى باقىيوۋ، مۇئاۋىنى ماسەنجى ئىدى (ماسەنجى قارا قولدا توختاپ قالغان ئىلغار زىيالى خۇيزۇ ئىدى.) شىنجاڭدىكى ھەر قايسى خەلقلەر ئىچىدە سوتسىيالىستىك يېڭى ئىدىيە تارقتىش ، ئىزىلگۈچى ئەللەرنىڭ ھەققانىي كۈرىشىگە ياردەم بېرىش 3 - ئىنتېرناتسىئونالنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان ۋەزىپىسى ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچتۇرپاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خادىملىرى ماشاۋۋۇنىڭ مافۇشىڭ بىلەن زىددىيىتى بار ئىكەنلىكىنى. ماشاۋۋۇنىڭ دەردىنى ئىچىگە سېلىپ يۈرگەنلىكىنى بىلەتتى. قانداقتۇ بىر سەۋەبلەر بىلەن ماشاۋۋۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىدىكى خۇيزۇ كوممونىستلىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلايدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ماشاۋۋۇ ماتىتەيدىن ئۆچ ئېلىشقا ھازىرلىنىدۇ. ئۇ ئاقسۇ دوتىيى جۇرۇيچى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ماتىتەينىڭ ياڭ زېڭشىنغا يوللىغان پوچتا مەكتۇپلىرىنى ئاقسۇدا تۇتۇپ قالىدۇ. ياڭ زېڭشىننىڭ ماتىتەيگە ئەۋەتكەن مەكتۇپلىرىنىمۇ ئۆتكۈزمەي يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى زىتلەشتۈرىدۇ ۋە بەلكى ياڭ زېڭشىنغا مەكتۇپ يوللاپ ماتىتەينىڭ يامان غەرىزىنىڭ بارلىقىنى مەلۇم قىلىدۇ. ياڭ زېڭشىن ماتىتەينى ئۆزگە خەۋپلىك دەپ بىلىپ، كونا رەقىبى ماشاۋۋۇنىڭ قولى بىلەن يوقاتماقچى بولۇپ، ماشاۋۋۇغا بۇيرۇق قىلىدۇ. ماشاۋۋۇ جىددىي ھازىرلىق قىلىدۇ. بۇ يىللاردا ماشاۋۋۇ ھەربىي مەمۇرىلار بىلەن بىرلىشىپ ئىچكى ئۆلكىلەردىن ئەيپۇن توشۇپ كېلىپ ئەپيۇنخانا، قىمارخانا ئېچىپ پۇل تېپىۋاتقانىدى. شۇ كۈنلەردە سىيىت نوچى ئۈچتۇرپانغا كېلىدۇ. ئۈچتۇرپاندا يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك ناشايان ئىشلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. ئۈچتۇرپاندا قىمارخانا، ئەپيۇنخانىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھەربىيلەر ۋە ئەمەلدارلار ئۈچتۇرپان خەلقىگە ئالۋان سېلىش ئارقىلىق ياشلارنى قىمارخانىغا ئالداپ، زورلاپ ئېلىپ كېلى مەجبۇرىي قىمار ئوينىتاتتى. ئۇتۇۋالسا قايتۇرماي، ئۇتتۇرغىچە ئوينىتاتتى. ئۇتتۇرسا قاماپ قويۇپ ياكى باغلاپ ئاتا - ئانىسى يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۆي زېمىنلىرىنى، ۋەج بېسساتلىرىنى ساتقۇزۇپ پۇلىنى ئېلىۋالاتتى. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن سىيىت نوچى بىر قىمارخانىدا جىدەل چىقىرىپ قىمارخانا خوجايىنىنى ئەيىپلەيدۇ. بۇ قىمارخانا ھەربىيلەر باشقۇرغان قىمارخانا بولغاچقا، قىمارخانا خوجايىنى بىر پەي ئەسكەرنى سىيىت نوچىنى تۇتقىلى ئەۋەتىدۇ. سىيىت نوچى بوي بەرمەي ئۇلارنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋېتىدۇ. بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ماشاۋۋۇ سىيىت نوچىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇنى ھىمايسىگە ئېلىپ، قىمارخانىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىدۇ. ئۈچتۈرپاندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان گېلاۋخۇيچىلار سىيىت نوچىنىڭ ماشاۋۋۇنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ سىيىت نوچى بىلەن ئالاقە باغلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىيت نوچى ۋەقەسى كېلىپ چىقىدۇ. سىيىت نوچىنى پايلاپ يۈرگەن ھەربىي - مەمۇرىيلار ماشاۋۋۇغا سىيىت نوچىنىڭ گېلاۋخۇيچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بالىقىنى مەلۇم قىلغاندا، ماشاۋۋۇ سىيىت نوچى ئارقىلىق ماتىتەينى، ماتىتەينىڭ قولى ئارقىلىق سىيىت نوچىنى يوقاتماقچى بولىدۇ ۋە سىيىت نوچى بىلەن قۇرئان تۇتۇ ئاغا - ئىنى بولۇشىدۇ. سىيىت نوچىنىڭ قولىغا بىر پارچە خەت تۇتقۇزۇپ، يول خىراجىتى بېرىپ ئۇنى قەشقەرگە جۇ دوتەينىڭ يېنىغا يولغا سالىدۇ. ئاغزى چاپلانمىغان بۇ كونۋېرتتىكى خەتنى ئاق كۆڭۈل سىيىت نوچى ئوقۇتۇپ كۆرمەيدۇ. جۇدوتەي خەتنى ئېلىپ ئوقۇپ ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭدىن: «خەتنى ئېچىپ كۆردۈڭمۇ» دەپ سورايدۇ ۋە: «بۇ خەتتىن مەن ۋاقىب بولدۇم،شۇنداقتىمۇ سەن ھاكىمنىڭ ئالدىغا بار» دەيدۇ، ئاندىن تۇڭچىسىغا:«بۇ تولىمۇ ئاق كۆڭۈل، ساددا ئادەم ئىكەن. بۇ خەتنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈم خېتى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇڭلار، قېچىپ كەتسۇن!» دەيدۇ. سىيىت نوچى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ماشاۋۋۇ بىلەن قۇرئان تۇتۇپ قىلىشقان قەسىمىگە ئارتۇقچە ئىشىنىپ كېتىدۇ ۋە: «بۇ ئۆلۈم خېتى ئەمەس!» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. قەشقەر ھاكىمى بۇ خەتنىڭ راستىنلا ئۆلۈم خەت ئىكەنلىكىنى ئېيىتقاندا، سىيىت نوچى ھاڭ - تاڭ قالىدۇ. «سىيىت نوچى ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئېلىپ كەپتۇ» دېگەن گەپ قەشقەرگە تارىلىپ، كۆپلىگەن كىشىلەر سىيىت نوچىدىن ھال سوراپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قېچىپ كېتىشنى نەسىھەت قىلىدۇ. ئەمما سىيىت نوچى:« قاچسام باشقىلارنىڭ سىيىت نوچى ئۆلۈمدىن قورقۇپ قاچقان، دېگەن ئۆسەك سۆزىگە قالىمەن!» دەپ قېچىپ كەتكىلى ئۇنىمايدۇ. تۆت كۈندىن كېيىن سىيىت نوچى ئۆلۈم مەيدانىغا ئېلىپ چىقىلىدۇ. كىشىلەر جاللاتنى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ ئۆلمەيدىغان يېرىگە ئاتقىن دەپ تاپىلايدۇ. ئەمىليەتتە شۇنداق قىلىنىدۇ. لېكىن سىيىت نوچى ئۆزىنى ئېتىۋېتىش توغرىسىدا چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. ئاخىر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى: «مېنى ئاتساڭ ئۇستاڭ ئات، نائۇستاڭ يېقىن كەلمە» دېگەن قوشاقنى ئېيتىپ مەردانىلارچە ئۆلگەنىكەن. ماشاۋۋۇ قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن ماتىتەينى ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. كېيىن ئۇ ماتىتەينىڭ لەنگەردىكى داچىسىغا كېتىۋاتقاندا، ماتىتەينىڭ گۇماشتىلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان بولسىمۇ، يېنىك يارىلىنىپ قېچىپ قۇتۇلىدۇ. بەزى مەلۇماتقا قارىغاندا، ماشاۋۋۇ ئۈچتۈرپاندا تۇرغان مەزگىلدە تۈركىستاندىكى خۇيزۇ كوممۇنىستلىرى ئارقىلىق سوۋېت بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغانىكەن. تۆۋەندىكىلەردىن ئۇنىڭ سوۋېت تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قۇيۇق ئىكەنلىكىنى مۇمكىن: ماشاۋۋۇ قەشقەردە ئوق تېگىپ يارىلانغاندا، سوۋېت كونسۇلىنىڭ تەكلىپى بىلەن سوۋېتكە چىقىپ داۋالاندى ۋە قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي قەشقەرگە دوتەي قىلىپ كۆتۈرۈلدى. 1933 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تۆمۈر سىجاڭ (تۆمۈر ئېلى) قوشۇنى قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندا، مادوتەي قەشقەر ھاكىمىيىتى ۋە خەزىنىسىنى ماجەنساڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلىنىڭ ھىمايىسىدا سوۋېتپەرەسىت ئىبراھىم لۇزۇڭ دېگەننىڭ بېغىدا تۇردى. شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تۆمۈر سىلىڭ قىرغىز ئوسمان قىسىملىرىنى قوغلاپ چىققاندا، ماجەنساڭ قىسىمى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ چاغدا ماشاۋۋۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئورنىغا قايتىپ، يەنىلا دوتەيلىك مەنسىپىدە تۇردى. ئۇ 1935 - يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ خەلق ئىشلار نازارىتىگە نازىر بولىدۇ. 1937 - يىلى شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ. مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدى. 1942 -يىلى تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى