UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىلو رۇڭخۇەن

لو رۇڭخۇەن

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى 1963 - يىل12 - ئاينىڭ16 - كۈنى، جۇڭگونىڭ داڭلىق ھەربىي ئالىمى لو رۇڭخۇەن كېسەل سەۋەبىدىن بەختكە قارشى ۋاپات بولدى. جۇ دې، ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق ئىنقىلابچىلار ئۇنىڭغا ئاتاپ مەرسىيە يېزىپ، ئۇنىڭ شانلىق ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى. لو رۇڭخۇەن (1902 −1963 - يىللار) خۇنەننىڭ خېڭشەن دېگەن يېرىدىن.1927 - يىلى ۋۇچاڭ جۇڭسەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ، شۇ يەردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. ھەربىي ئىشلار ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ پىكىر بايان قىلىشقا ناھايىتى ھېرىسمەن بولغاچقا، بەزى ساۋاقداشلىرى ئۇنى «قەغەز يۈزىدە چىڭ تۇرغۇچى» دەپ مازاق قىلغان. بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن گۇاڭدۇڭنىڭ جەنۇبىدىكى تۇڭچېڭ، چۇڭياڭ دېگەن جايلاردا دېھقانلار قوزغىلىڭىنى كۆتۈرۈپ، دېھقانلار قوغدىنىش قوشۇنى قۇرغان. ئىلگىرى ئۇنى مازاق قىلغانلارمۇ لو رۇڭخۇەنگە قايىل بولماي تۇرالمىغان. گۇاڭدۇڭنىڭ جەنۇبىدىكى قوزغىلاڭدىن كېيىن، ئۇ قوشۇنىنى باشلاپ ماۋ زېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، جىڭگاڭشەنگە كەلگەن.1930 - يىلى، قىزىل ئارمىيە4 - جۈنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان.1934 - يىلى10 - ئايدا،25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرگە قاتنىشىپ، قىزىل4 - ئارمىيە سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، لو رۇڭخۇەن8 - ئارمىيە115 - شىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، سىياسىي كومىسسارى ۋە شەندۇڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.1941 - يىلى قوشۇننى باشلاپ ئۇدۇل شەندۇڭغا بېرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىنقىلابىي بازا قۇرۇپ، بەش يىل جاپالىق ھەم ئىنتايىن غەلىبىلىك جەڭلەرنى قىلغان. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇ لىن بياۋ قاتارلىقلار بىلەن بىللە بۇيرۇققا بىنائەن قوشۇن باشلاپ شەرقىي شىمالغا بېرىپ، شەرقىي شىمال خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋە4 - ئارمىيە دالا ئۇرۇشى ئارمىيىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان.1948 - يىلى9 - ئايدىن11 - ئايغىچە، ئۇ لىن بياۋ بىلەن بىللە لياۋشېن ئۇرۇشىغا كونكرېت تەشكىلاتچىلىق ۋە قوماندانلىق قىلغان، ئارقىدىن يەنە لىن بياۋنىڭ قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ پىڭجىن ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە قوماندانلىق قىلغان، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ520 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقىتىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، شىمالىي جۇڭگو رايونىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئازاد قىلغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، لو رۇڭخۇەن مەملىكەتلىك ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.1955 - يىلى ئۇنىڭغا مارشاللىق ئۇنۋانى بېرىلگەن. لو رۇڭخۇەن پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق بولۇپ، خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ سىياسىي خىزمىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى