چېن خۇاچېڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
چېن خۇاچېڭ (1776 −1842 - يىللار) فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ تۇڭئەن دېگەن يېرىدىن. ياش ۋاقتىدا ئارمىيىگە قاتناشقان، جىنمېن بازىرىنىڭ باشبۇغى، فۇجيەن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياساۋۇل بېگى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ ئەسكەرلىككە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بېرىلىپ، ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن. داۋگۇاڭنىڭ20 - يىلى1840 - يىلى(، ئۇ جياڭنەننىڭ ياساۋۇل بەگلىكىگە تەيىنلىنىپ، جياڭسۇ، جېجياڭلارنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. ئەپيۈن ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، قوشۇن باشلاپ بېرىپ ۋۇسۇڭ ئېغىزىنى چىڭ ساقلاپ، ئۇرۇشقا پائال تەييارلىق قىلغان. ئۇ ئىنتايىن باتۇر بولغاچقا، ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئۇنىڭدىن ئۆلگۈدەك قورقۇپ، ئۇنى «چېن يولۋاس» دەپ ئاتىۋالغان ھەمدە: «جياڭنەندىكى تۈمەن ئەسكەردىن قورقمايمىز، بىر چېن خۇاچېڭدىن قورقىمىز» دېيىشكەن.1842
- يىلى6 - ئايدا، ئەنگلىيىنىڭ پاراخوت ئەترىتى ۋۇسۇڭ ئېغىزىغا ھۇجۇم قىلغان. چېن خۇاچېڭ غەربىي زەمبىرەك سۇپىسىدا تۇرۇپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ سەككىز پاراخوتىنى پاچاقلىۋەتكەن، نۇرغۇن ئەسكىرىنى يارىلاندۇرغان ۋە ئۆلتۈرگەن. بىراق، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭنىڭ باش ھەربىي ۋالىيسى نيۇ جيەن باۋشەندىن قېچىپ كەتكەچكە، ئەنگلىيە ئارمىيىسى شەرقىي زەمبىرەك سۇپىسىنى ھۇجۇم بىلەن ئىشغال قىلىپ، قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق غەربىي زەمبىرەك سۇپىسىغا زەربە بەرگەن. ئەينى چاغدا، نۇرغۇن سانغۇنلار چېن خۇاچېڭغا چېكىنىپ چىقىشنى نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن70 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بۇ پېشقەدەم سەركەردە ئۆزىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، داۋاملىق جەڭ قىلغان. ئۇ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ قان كېچىپ جەڭ قىلىش داۋامىدا بەدىنىنىڭ يەتتە يېرىگە ئوق تېگىپ، كىيىم - كېچەكلىرى پۈتۈنلەي قانغا بويىلىپ كەتكەن، شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا جەڭگە قوماندانلىق قىلىشنى توختاتمىغان. ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى زەمبىرەك سۇپىسىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇ غەزەپ بىلەن قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە، قىلىچىنى پۇلاڭلىتىپ ئۇلارغا ئېتىلىپ كەلگەن، ئەمما بەختكە قارشى يەنە ئوق تېگىپ، باتۇرلارچە قۇربان بولغان. كېيىن، شۇ يەردىكى كىشىلەر ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان بۇ پېشقەدەم قەھرىماننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، چېڭخۇاڭ ئىبادەتخانىسىغا ئۇنىڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزغان.