دۇڭ بىۋۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان دۇڭ بىۋۇ ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنى دەسمالغا، باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلغۇچىغا ۋە خەقنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچىغا ئوخشاتقان. بۇ، دۇڭ بىۋۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە پارتىيىگە، خەلققە چەكسىز سادىق بولۇپ، رازىمەنلىك بىلەن ئىنقىلابنىڭ چاكىرى بولۇپ ئۆتكەنلىكىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.
دۇڭ بىۋۇ (1886 −1975 - يىللار) خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭئەن (ھازىرقى خۇڭئەن) شەھىرىدىكى نامرات زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلىي ئىسمى شيەنسۇڭ بولۇپ، ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن بىۋۇغا ئۆزگەرتكەن.1911 - يىلى ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، ئۇ ۋۇچاڭنى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىگە كىرگەن. شىنخەي ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ياپونىيىگە بېرىپ قانۇن ئۆگەنگەن. بۇ ئارىلىقتا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ يۈەن شىكەيگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى ۋە قانۇننى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان.1920 - يىلى6 -،7 - ئايلاردا، چېن تەنچيۇ قاتارلىق يولداشلار بىلەن بىللە ۋۇخەن كوممۇنىزم تەتقىقاتى گۇرۇپپىسىنى قۇرغان.1921 - يىلى شاڭخەيدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ1 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، خۇبېيدا ھەر ساھە ئاممىسىنى قوزغاپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىشقا مەدەت بەرگەن، ئەنگلىيىنىڭ كونسېسىيىسىنى قايتۇرۇۋېلىپ، گومىنداڭ ئوڭچىلىرى بىلەن كۈرەش قىلغان. بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پارتىيىنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن، ياپونىيە ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا بارغان.1932 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ج ك پ6 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى5 - ئومۇمىي يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان.1934 - يىلى10 - ئايدا، يېشى50 كە يېقىنلىشىپ قالغان دۇڭ بىۋۇ قىزىل ئارمىيىنىڭ ئۇزۇن سەپىرىگە قاتناشقان. قارلىق تاغقا يامىشىش، ئوت - چۆپلۈكلەردىن ئۆتۈشكە ئوخشاش جاپالىق، خەتەرلىك سەپەردە، يېشى چوڭىيىپ، تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن دۇڭ بىۋۇ دائىم دېگۈدەك ئېتىنى يارىدارلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۆزى پىيادە يول ماڭغان. شىمالىي شەنشىگە كەلگەندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.
ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ جۇ ئېنلەي، يې جيەنيىڭ قاتارلىق يولداشلار بىلەن بىرلىكتە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، گومىنداڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ھەمدە گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى دېموكراتىك ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان.1943 - يىلى9 - ئايدا، گومىنداڭنىڭ3 - نۆۋەتلىك سىياسىي ئىشلار كېڭىشى2 - يىغىنى چاقىرىلغاندا، دۇڭ بىۋۇ ئۆزى يالغۇز يىغىنغا قاتنىشىپ، گومىنداڭنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا، ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىدەك سۇيىقەستىنى نۇرغۇن پاكىتلار ئارقىلىق پاش قىلىپ، كومپارتىيە ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئارمىيىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا چىڭ تۇرغانلىقىدەك زور تۆھپىسىنى تەشۋىق قىلغان.1945 - يىلى4 - ئايدىن6 - ئايغىچە، دۇڭ بىۋۇ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ئازاد رايون خەلقىگە ۋاكالىتەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي نىزامنامىسىگە ئىمزا قويغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى7 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى1 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.
ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، دۇڭ بىۋۇ جۇ ئېنلەيگە ھەمكارلىشىپ چۇڭچىڭ، شاڭخەي، نەنجىڭلاردا تىنچلىق، دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىچكى ئۇرۇشقا، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش يولىدا ھارماي قاترىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، جېڭۋۇيۈەن (ھۆكۈمەت ئىشلىرى مەھكىمىسى)نىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مەركىزىي مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ھاردىم - تالدىم دېمەي ئىشلىگەن.1975 - يىل4 - ئاينىڭ2 - كۈنى بېيجىڭدا ۋاپات بولغان.