جۇچۇن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى، ۋۇ دۆلىتىدىكى تەيخۇ كۆلىنىڭ غەربىي جەنۇب قىرغىقىدىكى خەلق «ئۈچ زىيانداش» تىن قاتتىق يىرگىنىدىكەن. بۇ «ئۈچ زىيانداش» نىڭ بىرى يولۋاس بولۇپ، شۇ جايدىكى بىر يولۋاس ئادەم ۋە چارۋىلارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈپ كەلگەنىكەن. ئىككىنچىسى ئەجدىھا بولۇپ، دەرياغا يوشۇرۇنۇۋالغان بىر ئەجدىھا پات - پات ئۆرلەپ چىقىپ، دەريادا كېتىۋاتقان كېمە - قولۋاقلارنى ئۆرۈۋېتىپ، ئادەملەرگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزىدىكەن. ئۈچىنچىسى جۇچۇ (مىلادىيە240 - يىلىدىن299 - يىلغىچە ياشىغان) ئىسىملىك مۇتتەھەم ئۆسمۈر بولۇپ، شۇ جايدىكى پۇقرالار جۇچۇنى يولۋاس ۋە ئەجدىھاغا قوشۇپ «ئۈچ زىيانداش» دەپ ئاتايدىغان بولغانىكەن. بۇنىڭدىن شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ جۇچۇغا قانچىلىك ئۆچ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
جۇچۇ يىشىڭنىڭ ياڭشيەن (ھازىرقى جياڭسۇنىڭ يىشىڭ ناھىيىسى) دېگەن يېرىدىن بولۇپ، دادىسى ياقا يۇرتتا ئەمەلدار ئىكەن، ئاپىسى بالدۇرلا ئالەمدىن ئۆتكەنىكەن، ئۇنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولمىغانلىقتىن ئۇ ھېچقانداق تەربىيە كۆرمىگەنىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ۋالىينىڭ بەگچىكى بولغاچقا، ئەل ئارىسىدا زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىپ ئادەتلىنىپ كەتكەنىكەن. ئۇنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ قالتىس كۈچتۈڭگۈر بولۇپ، ئەلەم ماھارىتىدە تازا يېتىلگەنىكەن. ئادەتتە ئۇ كوچا - كويلاردا جېدەل تېرىپ، كىشىلەرنى ئۇرىدىكەن، تىللايدىكەن، لېكىن ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى يولۋاس ۋە ئەجدىھا بىلەن بىر قاتاردا قويۇپ «ئۈچ زىيانداش» دەپ ئاتايدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەن.
بىر كۈنى جۇچۇ كۆۋرۈك بېشىدا غەمكىن ئولتۇرغان بىرنەچچە مويسىپىتنى كۆرۈپ، ھاكاۋۇرلۇق بىلەن: «ھۇ ئۆلمەيدىغان قېرىلار، نېمىگە قاپاقلىرىڭنى تۈرۈۋېلىشتىڭ؟» دەپ سوراپتىكەن، ئۇلار: «بۇ يەردىكى ئۈچ زىيانداش بەكمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئۇ: «قايسى <ئۈچ زىيانداش> ئۇ؟» دەپ سوراپتىكەن، بوۋايلار: «قايسى <ئۈچ زىيانداش> بولماقچىدى؟ جەنۇبىي تاغدىكى ئاق قاشقىلىق يولۋاس، دەريادىكى ئەجدىھا ۋە سەن قوشۇلۇپ <ئۈچ زىيانداش> بولمامسىلەر؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. «نېمە؟ مېنى بالايىئەزىم كۆرۈۋاتامسىلەر؟ − دەپتۇ جۇچۇ دەرغەزەپكە كېلىپ ۋە ئارقىدىنلا باتۇرلۇقىغا ئېلىپ پەرۋاسىز ھالدا، − يولۋاس، ئەجدىھالار زىيانداش بولسا، مەن دەرھال بېرىپ ئۇجۇقتۇرۇۋېتىمەن» دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپتۇ.
جۇچۇ ۋەدىسى بويىچە جەنۇبىي تاغقا بېرىپ ساداق بىلەن يولۋاسنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن شەمشىرىنى ئېلىپ دەرياغا چۈشۈپ، ئەجدىھا بىلەن ئۈچ كېچە - كۈندۈز ئېلىشقىنىچە نەچچە ئون چاقىرىم يىراقلارغا ئېقىپ بېرىپتۇ ۋە ئەجدىھا بىلەن بىراقلا چۆكۈپ كېتىپتۇ. پۇقرالار »ئۈچ زىيانداش« تىن قۇتۇلدۇق دەپ ئويلاپ، خۇشال بولۇشۇپ تەنتەنە قىلىشىپتۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن جۇچۇ ئەجدىھانى ئۆلتۈرۈپ قايتىپ چىقىپ قارىغۇدەك بولسا، پۇقرالار خۇشال بولۇشۇپ تەنتەنە قىلىشىۋاتقۇدەك. شۇندىلا ئۇ پۇقرالارنىڭ ئۆزىنىڭ بالدۇرراق ئۆلۈشىنى قانچىلىك ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ. ئۇ ئېسىنى تېپىپ، ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇزۇن يول بېسىپ كاتتا ئۆلىما لۇيۈندىن تەلىم ئېلىشقا بېرىپتۇ. ئۇ لۇيۈنگە: «مەن ئىلگىرى كۆپ ئەسكى ئىشلارنى قىلغان، ھازىر شۇ قىلىقلىرىمنى تاشلاپ خاتالىقلىرىمنى ئۆزگەرتىش ئىرادىسىگە كەلدىم. ئەمما، يېشىم20 گە يېقىنلىشىپ قالغاچقا، گۇناھلىرىمنى يۇيۇپ، خاتالىقلىرىمنى ئۆزگەرتىپ ياخشى ئادەم بولۇشقا كېچىكىپ قالدىممۇ - قانداق، دەپ ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن» دەپتۇ. لۇ يۈن ئۇنىڭغا: «بىر ئادەم ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى ئەتىگەندە چۈشىنىپ، كەچتە ئۆلۈپ كەتسىمۇ كېچىكمەيدۇ، شۇنىڭدىمۇ ئەھمىيەتسىز ياشىمىغان ھېسابلىنىدۇ. سەن تېخى ياش ئىكەنسەن، خاتالىقلىرىڭنى ئۆزگەرتىش ئىرادىسىگە كەلگەنلا بولساڭ، ئەلۋەتتە كېچىكمىگەن ھېسابلىنىسەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
جۇچۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزگىرىپ تىرىشىپ ئۆگىنىپتۇ. بىلمىگەنلىرىنى تارتىنماي باشقىلاردىن سوراپتۇ، چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا بەل باغلاپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئايماق مەھكىمىسىدە ئىشلەشكە كۆرسىتىلىپتۇ، كېيىنچە ۋالىي بولۇپ، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئەمەللەرگە ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ مەيلى قانچىلىك چوڭ ئەمەل تۇتۇپ، قانچىلىك مەرتىۋىگە ئولتۇرسۇن، پاك ئۆتۈپ، رەزىل كۈچلەر بىلەن ئېلىشىپ، خەلقنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپتۇ.