چۈ چيۇبەي
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
چۈ چيۇبەي (1899 −1935 - يىللار) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى داھىيلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئىقتىدارلىق نەزەرىيە تەشۋىقاتچىسى ۋە ئەدىب. ئۇ تۇنجى بولۇپ «ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى» نى تەرجىمە قىلغۇچى، شۇنداقلا دۇنيا پرولېتارلىرىنىڭ بۇ جاراڭلىق جەڭ مارشىنى ئېيتىپ جازا مەيدانىغا كىرگەن ئۇلۇغ جەڭچى.
چۈ چيۇبەي جياڭسۇنىڭ چاڭجۇ دېگەن يېرىدىن، ياش ۋاقتىدا بېيجىڭ رۇس مەكتىپىدە ئوقۇغان.1919 - يىلى «4 - ماي» ھەرىكىتى پارتلىغاندىن كېيىن، رۇس مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ كوچىلارغا چىقىپ، فېئودالىزمغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەكسىيەتچى ساقچى، ئەسكەرلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، لى داجاۋ تەشكىللىگەن ماركسىزم تەلىماتى تەتقىقات ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان.1920 - يىلى10 - ئايدا، «سەھەر» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەكشۈرۈشكە بېرىپ، دۆلەت ئىچىدىكىلەرگە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تەجرىبىسىنى ۋە ماركسىزم، لېنىنىزم ئىدىيىسىنى تارقاتقان.1922 - يىلى موسكۋادا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.1923
- يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى − «يېڭى ياشلار» نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان، «ئاۋانگارتلار» ژۇرنىلىنى چىقارغان ھەمدە نۇرغۇن گېزىت - ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىپ، ماركسىزم، لېنىنىزم ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان.1927
- يىلى بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چۈ چيۇبەي مەركىزىي كومىتېتنىڭ «7 - ئاۋغۇست» جىددىي يىغىنىنى چاقىرىپ، چېن دۇشيۇ ئوڭچىل پۇرسەتپەرەسلىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن. ئۇ يىغىندا سىياسىي دوكلات بەرگەن ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان. مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان مەزگىلدە، ئۇ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت قوزغاشنى ھەدەپ تەشەببۇس قىلىپ، سولچىل تەۋەككۈلچىلىك خاتالىقى ئۆتكۈزگەن.1928 - يىلى، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىجرائىيە ئەزالىقىغا سايلىنىپ موسكۋاغا بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولغان.1930 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى6 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ3 - ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىپ، پارتىيىگە زىيان كەلتۈرۈۋاتقان لىسەن لۇشيەنىنى ئىجرا قىلىشنى توختاتقان.1931 - يىلى، ۋاڭ مېڭ قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىدىن قىستاپ چىقىرىۋېتىلگەن.
شۇنىڭدىن كېيىن، چۈ چيۇبەي ئېغىر ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، ئاق تېررورلۇق قاپلىغان شاڭخەيگە بېرىپ، لۇشۈن بىلەن ھەمكارلاشقان ھەمدە سول قانات مەدەنىيەت ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان.1934 - يىلىنىڭ بېشىدا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ جياڭشىدىكى سوۋېت رايونى ئىنقىلابىي بازىسىغا كېلىپ، مەركىزىي كومىتېت ئىشچى - دېھقانلار دېموكراتىك ھۆكۈمىتى خەلق مائارىپى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.10 - ئايدا، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندا، ئۇ ئېغىر ئاغرىپ قالغاچقا، بازىدا قېلىپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان.1935 - يىلى2 - ئايدا، باشقا جايغا يۆتكىلىش ئۈچۈن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ فۇجيەندىكى تىڭشۇيكۇ دېگەن يېرىگە كەلگەندە، بەختكە قارشى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ھەمدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شاڭخاڭ ۋە چاڭتىڭ تۈرمىسىگە قامالغان. دۈشمەننىڭ قاتتىق قىيىن - قىستاققا ئېلىشى ۋە يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئۆزىگە تارتىشى ئالدىدا، چۈ چيۇبەي قەتئىي تىز پۈكمەي ئۆز مەيدانىدا ئاخىرغىچە چىڭ تۇرغان.6 - ئايدا، جياڭ جيېشى تېلېگرامما يوللاپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى بۇيرۇغان. ئۇ تېلېگراممىنى كۆرگەندىن كېيىن، قەتئىيلىك بىلەن: «كاللىنى كېسىۋەتكىلى بولىدۇ، ئەمما ئىرادىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىگىچە بەجانىدىل ئىشلەش بىز كوممۇنىستلارنىڭ پەلسەپىسى، ئىنقىلاب ئۈچۈن قۇربان بېرىش ئەڭ ئالىي شەرەپ» دېگەن.6 - ئاينىڭ18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جازا مەيدانىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقاندا، ئۇ «ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى» نى جاراڭلىق ئوقۇغان، ئاندىن تىزلىنىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، جاللاتقا: «بۇ يەر ناھايىتى ياخشى ئىكەن» دېگىنىچە دۈشمەن ئوقىدا مەردانىلەرچە قۇربان بولغان.