UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىلوبىن

لوبىن

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى لوبىن شەرقىي شىمال پىدائىيلىرىنىڭ گېنېرال لېيتنانت دەرىجىلىك ئەمەلدارى، ئۇ <18 - سېنەتبىر ۋەقەسى> دىن كېيىن قوماندان جىڭ رۇيچىڭ باشچىلىقىدا سىبىرىيە ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چېكىنىدۇ 1931 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىدا پاناھلىنىدۇ. كېيىن سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوماندان جىڭ رۇيچىڭ باشچىلىقىدىكى 40 مىڭ ئەتراپىدىكى شەرقىي شىمال پىدائىيلىرى جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئۇلار چۆچەك، غۇلجا چىگراسى ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرىپ، ئاساسەن شىمالىي شىنجاڭغا ئورۇنلىشىدۇ. ئۇلار شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن جىن شۇرېننىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. 1930 - يىلى 3 - ئىنتېرناتسىئونال موسكۋادا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغىلاردىن چېن جۇڭ قاتارلىق ئالتە نەپەر كىشىنى شىنجاڭ ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىگە خىزمەتكە ئەۋەتىدۇ. ئۇلار شىنجاڭ چىگراسىدىن ئۆتەلمەي ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالىدۇ. 1933 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالغان ئاشۇ كىشىلەردىن چىن جۇڭ، لى شاۋتيەن، تاۋمىڭلار <12 - ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى> نى قوزغىغاندا، جىن رۇيچىن باشچىلىقىدىكى شەرقىي شىمال پىدائىيلىرى ئاق ئورۇس قىسىملىرى بىلەن بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشكە ياردەم بېرىدۇ. گېنېرال لوبىن شەھەر ئامانلىقىنى قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ. سىياسىي ئۆزگىرىش غەلىبە قىلىپ، شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، گېنېرال لوبىن شېڭ شىسەينىڭ مەسلىھەتچىلەر باشقارمىسىدا ئىشلەيدۇ. خوجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇت مۇھىتى قىسىملىرى قەشقەرگە ئورۇنلىشىپ، مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدا ئاتلىق 6 - دىۋىزىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي لوبىننى قەشقەردىكى بۇ دىۋىزىيىنىڭ قوماندانى قىلىپ تەيىنلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
لوبىن | UyghurWiki | UyghurWiki