ۋېن تيەنشياڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
«قەدىمدىن تارتىپ ئۆلمىگەن كىم بار، پاك تارىخىمنى يورۇتۇپ تۇرسۇن دەپ ۋىجدانىم بىلەن ئىشلەپ كەلدىم.» بۇ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى ۋېن تيەنشياڭ1278 - يىلى يۈەن سۇلالىسى ئەسكەرلىرىگە ئەسىرگە چۈشكەندە مەردانىلىك بىلەن ئېيتقان سۆزلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىق ۋە سەمىمىي ۋىجدانى بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، پاك ئەمەلدار دېگەن نامىنى ساقلاپ قېلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
ۋېن تيەنشياڭ (1236 −1283 - يىللار) − جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر ۋەزىرى، ئاجايىپ مىللىي قەھرىمان. ئۇ جىجۇ ئايمىقى لۇلىڭلىق (بۈگۈنكى جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن رايونىدىن). ئۇ20 ياش ۋاقتىدا ئەلىيۇلئەلا بولۇپ، زىندان پىرقىسىنىڭ مۇلازىم ئەمەلدارى، رۇيجۇ ئايمىقىنىڭ ئايماقدارى، گەنسۇ ئايماقدارى قاتارلىق ئەمەللەرنى تۇتقان. ئۇ ياشىغان دەۋر دەل موڭغۇل ئارمىيىسى جەنۇبقا قاراپ ھۇجۇم قىلىۋاتقان، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى ئارمىيىسى ئۇرۇشتا ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇۋاتقان مەزگىل بولۇپ،1259 - يىلى ئۇ سۇڭ پادىشاھى لىزۇڭغا مەكتۇپ سۇنۇپ، موڭغۇل ئارمىيىسىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان؛ لى زەنگە مەكتۇپ سۇنۇپ، ئاستانىنى يۆتكىمەكچى بولغان ھەرەمئاغىسى خۇاڭ زۇڭجىنگە قاچقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.1274 - يىلى ۋېن تيەنشياڭ گەنجۇ ئايمىقىدا ئۆي - بىساتىنى سېتىپ،30 مىڭ كىشىلىك پىدائىي قوشۇن تەشكىللەپ، يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان، شۇغىنىسى پىڭجياڭدىكى جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ، لىڭئەن (بۈگۈنكى جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرى)گە چېكىنگەن.1276 - يىلى، يۈەن سۇلالىسى قوشۇنى لىڭئەننىڭ شەرق تەرىپىگە قىستاپ كەلگەندە، جەنۇبىي سۇڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى ئوڭ قول ۋەزىرلىك سالاھىيىتى بىلەن يۈەن سۇلالىسى ئارمىيىسى بىلەن سۈلھى تۈزۈش شەرتلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن. ئۇ يۈەن سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى بايىن بويان قاتارلىقلارنىڭ تەھدىتى ۋە ئازدۇرۇشىغا بوي ئەگمەي، يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قارا نىيىتىنى غەزەپ بىلەن ئەيىبلەپ، ئەلگە ئاھانەت كەلتۈرىدىغان شەرتلەرنى قەتئىي قوبۇل قىلمىغاچقا، ھەپسىگە ئېلىنغان.
ئۇزاق ئۆتمەي لىڭئەن قولدىن كەتكەچكە، ئۇ خانبالىق (بۈگۈنكى بېيجىڭ شەھىرى)قا يالاپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقاندا، جىڭكو (ھازىرقى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جېنجياڭ رايونى)دا قېچىپ كەتكەن.
ۋېن تيەنشياڭ قېچىپ قۇتۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن جەبىر - جاپا تارتىپ، فۇجۇ تەۋەسىدە ئايلىنىپ يۈرگەن ۋە كىچىك خان − سۇڭ رۇيزۇڭنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى بولۇپ، لۇ شيۇفۇ، جاڭ شىجې قاتارلىقلار بىلەن بىللە كۈچ تەشكىللەپ يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان.1277 - يىلى، ئۇ لەشكەر تارتىپ جياڭشىدىكى قولدىن كەتكەن بىر قىسىم جايلارنى قايتۇرۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئادىمى جىق دۈشمەنگە تەڭ كېلەلمەي، ئاخىر تارمار بولۇپ چېكىنگەن. ياندۇرقى يىلى، ئۇ گۇاڭدۇڭنىڭ خەيفېڭ دېگەن يېرىنىڭ ئەتراپىدىكى ۋۇپولىڭ چوققىسىدا ئەسىرگە چۈشكەن. ئۇ يۈەن سۇلالىسى سانغۇنىنىڭ تەسلىم بولۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلىپ «لىڭدىياڭدىن ئۆتكەندە» دېگەن شېئىرىنى يېزىپ، مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئېسىل سۆزلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى گۇمران بولغاندىن كېيىن، ۋېن تيەنشياڭ خانبالىققا ئېلىپ كېلىنگەن. ئۇ تۈرمىدە «جاسارەت ناخشىسى» نى يېزىپ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەتەننى مۇنقەرز قىلىۋەتكەن خانى جاۋ سى ۋە يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى شىزۇ − قۇبلاينىڭ تەسلىم بولۇش توغرىسىدىكى نەسىھىتىنى رەت قىلغان. يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئۇنىڭ ئۇيۇلتاشتەك ئىرادىسى ۋە جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىگە بولغان ئېتىقادىنى تەۋرىتەلمەي،47 يېشىدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇ قۇربان بولۇش ئالدىدا، ئۆزىنىڭ كىيىمىنىڭ تاسمىسىغا: «كۇڭزى ئېيتقان ئىنساپلىق ئادەم بولۇشنى؛ مېڭزى ئېيتقان ئادالەت ياقلاشنى. ئادالەت چوققىسىغا چىققاندىلا، ئاندىن تاپقىلى بولىدۇ مېھرىبانلىقنى، ئوقۇپ ئەۋلىيا - ئۆلىمالار كىتابلىرىنى، ئېرىشتىم نېمىگە زادى؟ خىجىل بولمايمەن بۇنىڭدىن كېيىن ئەمدى!» دەپ يازغان.