UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىپېڭ دېخۇەي

پېڭ دېخۇەي

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى پېڭ دېخۇەي (1898 −1974 - يىللار) خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭتەن دېگەن يېرىدىن.1916 - يىلى18 يېشىدا ئەسكەر بولغان. بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، مىللىي ئىنقىلاب ئارمىيىسىدە يىڭجاڭ، تۇەنجاڭ بولغان. بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەممە يەرنى ئاق تېررورلۇق قاپلىغان شارائىتتىمۇ، دادىللىق بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.1928 - يىلى7 - ئايدا پىڭجياڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان، قوزغىلاڭچى قوشۇننى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسىنىڭ5 - جۈنى قىلىپ ئۆزگەرتىپ، جۈنجاڭ بولغان ھەمدە خۇنەن، خۇبېي، جياڭشى ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرغان. شۇ يىلى12 - ئايدا، قوشۇنىنى باشلاپ جىڭگاڭشەنگە بېرىپ ماۋ زېدۇڭ، جۇ دې رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيە بىلەن غەلىبىلىك ئۇچرىشىپ، جىڭگاڭشەندە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان.1930 - يىلى پېڭ دېخۇەي قىزىل ئارمىيە3 - جۈنتۈەنىنىڭ قوماندانى بولغان. شۇ يىلى8 - ئايدا، قىزىل ئارمىيىنى باشلاپ چاڭشانى ئىشغال قىلغان.2 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى ئۇرۇشتا، قوشۇنىنى باشلاپ جياڭشىدىن فۇجيەنگىچە غەلىبىلىك جەڭ قىلغان.1934 - يىلى10 - ئايدا، قىزىل ئارمىيىنىڭ3 - جۈنتۇەنىنى باشلاپ ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان، بۇ جەرياندا ئېگىز تاغ چوققىلىرىدا يول ئېچىپ، دەريا - ئېقىنلارغا كۆۋرۈك سېلىپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ئاجايىپ زور خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن. شىمالىي شەنشىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، قىزىل ئارمىيىنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شەنشى، گەنسۇ تارماق قوشۇنىنىڭ قوماندانى، قىزىل ئارمىيە ئالدىنقى سەپ دۈشمەنگە زەربە بېرىش قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، پېڭ دېخۇەي8 - ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئۇ قوشۇننى باشلاپ دۈشمەن ئارقا سېپىگە ئۇدۇل ھۇجۇم قىلىپ، شىمالىي جۇڭگودا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرمۇنچە ئىنقىلابىي بازىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.1940 - يىلى8 - ئايدىن12 - ئايغىچە،8 - ئارمىيىنىڭ400 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەردىن تەركىب تاپقان100 نەچچە تۈەنلىك زور قوشۇنىنى باشلاپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ، دۈشمەننىڭ40 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقىتىپ،2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق قاتناش لىنىيىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ،3000 غا يېقىن دۈشمەن ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئارمىيە - خەلقنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بەرگەن. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پېڭ دېخۇەي جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى،1 - دالا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسارى بولغان. ئۇ ئاۋۋال قوشۇن باشلاپ شىمالىي شەنشىدە ئۆزىدىن ئون ھەسسە كۆپ گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن بىر قاتار غەلىبىلىك جەڭلەرنى قىلىپ، يەنئەننى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئارقىدىنلا قوشۇن باشلاپ گومىنداڭنىڭ ئۆتكۈر سەركەردىسى خۇ زۇڭنەننىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، غەربىي شىمالنى ئازاد قىلغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پېڭ دېخۇەي ج ك پ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، غەربىي شىمال بيۇروسىنىڭ1 - شۇجىسى، غەربىي شىمال رايونلۇق ھەربىي، سىياسىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان.1950 - يىلى جۇڭگو پىدائىيلار ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەن ھەمدە پىدائىيلار قوشۇنىنى باشلاپ چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇش قىلىپ، ۋەتەننى قوغدىغان، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىقى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىنىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقارغان.1955 - يىلى ئۇنىڭغا مارشال ئۇنۋانى بېرىلگەن. پېڭ دېخۇەي دۇرۇس، تۈز مىجەز، ئىنقىلاب ئىشلىرىغا ئىنتايىن سادىق رەھبەر ئىدى.1959 - يىلى، ئۇ «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» تىن ئىبارەت قارىغۇلارچە ئىلگىرىلەش ھەرىكىتىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، خاتا تەنقىدلەنگەن. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھايات - ماماتلىق كۈرەش قىلغان بۇ مەشھۇر ئىنقىلابچى1974 - يىلى11 - ئايدا ئۇۋالچىلىق ئىچىدە ۋاپات بولغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى