UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىلياڭ چىچاۋ

لياڭ چىچاۋ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى لياڭ چىچاۋ (1873 −1929 - يىللار) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنخۇي دېگەن يېرىدىن، يېقىنقى زامان يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. ئاتاقلىق تەشۋىقاتچى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى.1891 - يىلى ئۇ كاڭ يۇۋېينى ئۇستاز تۇتۇپ، كاڭ يۇۋېينىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان شاگىرتى بولۇپ قالغان.1895 - يىلى، ئۇ كاڭ يۇۋېي بىلەن بىللە بېيجىڭغا بېرىپ تەشرىپدارلىققا ئىمتىھان بەرگەن، كاڭ يۇۋېينىڭ مەشھۇر «ھۆكۈمەت مەپىسىدە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ پادىشاھقا مەكتۇپ سۇنۇشى» ھەرىكىتىنى قوزغىشىغا ھەمكارلىشىپ، يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى جەريانىدا، لياڭ چىچاۋ گېزىتنى ئىستىھكام، قەلەمنى قورال قىلىپ، يېڭىلىققا كۆچۈش ۋە قانۇن ئۆزگەرتىش ساداسىنى ياڭراتقان.1896 - يىلى ئۇ شاڭخەيدە «ۋەزىيەت گېزىتى» دە باش مۇھەررىرلىك قىلىپ، «قانۇن ئۆزگەرتىش قارارى» نى ئېلان قىلغان، «غەرب سىياسىتى مەجمۇئەسى» دېگەن توپلامنى تەھرىرلىگەن. كېيىنكى يىلى خۇنەنگە بېرىپ، چاڭشا ۋەزىيەت مەكتىپىنىڭ لىكتورلۇقىغا تەيىنلەنگەن، تەن سىتۇڭ بىلەن ئىككىسىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، خۇنەندە يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان. لياڭ چىچاۋنىڭ ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيە يېڭىچە، قەلىمى ئۆتكۈر بولغاچقا، ئەسەرلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ يىراق - يېقىنغا داڭقى چىقىپ، ئەينى چاغدىكى داڭلىق تەشۋىقاتچى بولۇپ قالغان.1898 - يىلى پادىشاھ گۇاڭشۈنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىش مەزگىلىدە، ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ،6 - دەرىجىلىك مىرزا بەگلىكىگە تەيىنلەنگەن. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، تەرجىمە ئىدارىسىنى قۇرۇش ئىشلىرىنى پىلانلىغان، يېڭى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقان. قانۇن ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئەلچىخانىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان، كېيىن باشقىچە ياسىنىپ ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن. ياپونىيىدە سەرسان بولۇپ يۈرگەن مەزگىلىدە، لياڭ چىچاۋ ئالدى بىلەن «مۇھاكىمە گېزىتى» نى، كېيىن «يېڭى خەلق گېزىتى» نى چىقىرىش ئارقىلىق، قوشۇن توپلاپ گۇاڭشۈنى يۆلەپ تۇرغۇزۇشنى پىلانلىغان. ئۇ پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ غەرب كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي تەلىماتىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلىم ساھەسىدە زور تەسىر قوزغىغان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، لياڭ چىچاۋ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ئاساسىي قانۇن تەرەپدارلىرى ئاساس قىلىنغان ئىلغارلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ نام - ئابرۇيىغا تايىنىپ، يۈەن شىكەينى قوللىغان ۋە يۈەن شىكەي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە قوماندانى بولغان.1916 - يىلى يۈەن شىكەي ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ ماقالە يېزىپ يۈەن شىكەيگە قاتتىق زەربە بېرىپ، پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قارشى چىققان. يۈەن شىكەي20 مىليون يۈەن چىقىرىپ ئۇنى يېنىغا تارتماقچى بولغاندا، لياڭ چىچاۋنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئۇ يەنە ئوقۇغۇچىسى چەي ئېخۇينىڭ يۈننەندە دۆلەتنى قوغداش ئارمىيىسىنى تەشكىللەپ، يۈەن شىكەيگە قارشى بايراق كۆتۈرۈپ چىقىشىغا مەدەت بەرگەن. يۈەن شىكەيگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە دۇەن چىرۇي ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرى بولغان، بىراق ئۇزاق ئۆتمەي مىلىتارىستلىرىنىڭ قالايمىقان ئۇرۇش قىلىشى داۋامىدا سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان ھەمدە ئىلمىي تەتقىقات ۋە مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان.1929 - يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى