لى سى
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى237 - يىلى، چىن بەگلىكى خەن بەگلىكى ئۆستەڭ چېپىشقا ياردەملىشىشكە ئەۋەتكەن سۇچىلىق ئۇستىسى جېن گونىڭ جاسۇس ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالغاندا، بەگ جەمەتىدىن بولغان ئاقسۆڭەكلەر ئالتە بەگلىكتىن كەلگەن مۇساپىرلارنى بەگلىكتىن ھەيدىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. لى سى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى ? −208 - يىللار) مەكتۇپ سۇنۇپ چىن بېگى يىڭ جېڭغا: مۇگۇڭ ھەزرەت يۇ يۈدىن پايدىلىنىپ كامالەت تاپقان، شياۋ گۇڭ ھەزرەت شاڭ ياڭنىڭ قانۇن ئىسلاھاتىدىن پايدىلانغان، خۇيۇاڭ بەگ جاڭ يىنىڭ باشقىلارنى ئۆزىگە چېتىشىدىن پايدىلانغان، جاۋ ۋاڭ بەگ فەن جۇدىن پايدىلىنىپ بەگلىككە ئېرىشكەن. ئاشۇ تۆت كىشىنىڭ ھەممىسى مېھمان ۋەزىرلەردۇر، مۇبادا مېھمان ۋەزىرلەر بولمىغان بولسا، چىن بەگلىكى قانداقسىگە قۇدرەت تاپالايتتى؟ ئەمدىلىكتە مېھمان كىشىلەرنى قوغلىۋەتسەك، بۇ دۈشمەن ئەللەرنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدىغان، ئۆزىمىزنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان خەتەرلىك ھەرىكەت بولۇپ قالماسمۇ؟ بۇنداق ھەرىكەتنى زادى قوللىنىپ بولماس، دەپ مەسلىھەت كۆرسىتىدۇ. چىن بېگى يېڭ جېڭ لى سىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، مېھمان پۇقرالار (مۇساپىرلار) نى قوغلىۋېتىش پەرمانىنى بىكار قىلىپ، تۈرلۈك ئىختىساس ئىگىلىرىنى توپلايدۇ.
لى سى − چۇ بەگلىكىگە قاراشلىق شاڭچەيلىك (بۈگۈنكى خېنەن ئۆلكىسى شاڭچەي رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا). ياش چاغلىرىدا ئايماقتا ئالاقە ھۆججەتلىرىنى باشقۇرىدىغان كىچىك ئەمەلدار بولغان. كېيىن شۈنزىنى ئۇستاز تۇتۇپ، قانۇنچىلارنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىلىرىنى ئۆگەنگەن. ئۇ: ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ نومۇسسىزلىق − پەسكەشلىكتۇر، ئەڭ چوڭ نادامەت − يوقسۇزلۇقتۇر، دەپ قاراپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن شان - شەرەپ ۋە بايلىق - سەلتەنەتكە ئېرىشىشكە بېرىلىپ كەتكەن. ئۇ تالىپلىق ھاياتىنى تاماملىغاندىن كېيىن چىن بەگلىكىگە بېرىپ، چىن بەگلىكىنىڭ ۋەزىرى لۈي بۇۋېينىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن. لۈي بۇۋېي ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلاپ، چىن بېگى يېڭ جېڭنىڭ ياساۋۇللۇقىغا ئۆستۈرگەن. لى سى چىن بېگىگە ئالتە بەگلىكنى مۇنقەرز قىلىپ جاھاننى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىلانىنى كۆرسەتكەندە، چىن بېگىنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ كەتكەچكە، ئۇنى دورغاپلىققا تەيىنلىگەن. ئۇ چىن بېگىگە يانتاياق بولۇپ، بىر تەرەپتىن، ئاقىللارنى ھەرقايسى بەگلىكلەرگە ئەۋەتىپ ۋەزخانلىق قىلدۇرۇپ، بەگلىكلەرنىڭ ۋەزىرلىرىگە نۇرغۇن پۇل پارا بېرىپ، بەگلىكلەرنىڭ بەگلىرى بىلەن ۋەزىرلىرىنىڭ ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، «ئالتە بەگلىك ئىتتىپاقى» غا بۇزغۇنچىلىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، قوشۇننى كېڭەيتىپ، بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدىكى ئۇرۇشنى ئاكتىپ يولغا قويغان. چىن بېگى مېھمان كىشىلەرنى قوغلىۋېتىش پەرمانىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، لى سىنىڭ ئەمىلى تا ئەدلىيە ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئالىي ئەمەلدار − دادخاھ ۋەزىر بولۇشقا قەدەر ئۆسكەن.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى221 - يىلى، چىن بەگلىكى ئالتە بەگلىكنى گۇمران قىلغاندىن كېيىن، چىن شىخۇاڭ لى سىنى ۋەزىرلىككە قويغان. لى سى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ پىكرىنى رەت قىلىپ، سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، ۋىلايەت، ناھىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىچكى مالىمانچىلىقنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتقان. ئۇ چىن شىخۇاڭغا ياردەملىشىپ پۇقرالاردىكى قورال - ياراغلارنى يىغىپ بۇزۇپ تاشلىغان، ئالتە بەگلىك ياسىغان مۇداپىئە ئىنشائاتلىرىنى بۇزۇپ، تىندۇرۇپ تاشلىغان، ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئۇ ئۆز ئالدىغا ھۆسنخەت شەكلى − شياۋجۇەنكىنى ئىختىرا قىلىپ، «ساڭجىنىڭ يېزىق ئىجاد قىلىشى» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، يېزىقنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى213 - يىلى، لى سىنىڭ تەكلىپ بېرىشى ئارقىسىدا، چىن شىخۇاڭ كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ، كۇڭزىچى ئۆلىمالارنى ئۆلتۈرۈپ كۆمۈپ، مۇستەبىتلىك ئاساسىدىكى، ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى210 - يىلى، چىن شىخۇاڭ شاچيۇدا كېسەل بولۇپ ئۆلگەن، لى سى باۋ گاۋ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ چىن شىخۇاڭنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىماي، يالغاندىن ۋەسىيەتنامە ئويدۇرۇپ چىقىپ، چىن شىخۇاڭنىڭ كىچىك ئوغلى خۇخەينى پادىشاھ قىلىپ، يەنى چىن شىخۇاڭ Ⅱ قىلىپ تىكلىگەن. لى سى كۆپ يىل ۋەزىر بولۇپ، يۇقىرى مەرتىۋىگە ۋە نۇرغۇن مائاشقا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ بىرقانچە ئوغلى يىڭ فامىلىلىك مەلىكىلەرنى نىكاھىغا ئالغان، قىزلىرى خان جەمەتى ئىچىدىكى شاھزادىلەرگە ياتلىق بولغان. دېمەك، ئۇلار ناھايىتى ھەشەمەتلىك تۇرمۇشتا ئۆتكەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى208 - يىلى، لى سى جاۋ گاۋنىڭ بوھتان چاپلىشى بىلەن قەتل قىلىنغان.