ليۇ چې
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
رىۋايەت قىلىنىشىچە، ليۇ چې (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى156 −87 - يىللار) تەيسى بولغان چاغدا، ھاممائاچىسى قىزى چېن ئاچياۋنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىپ بېرىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ: «سېنىڭچە، ئاچياۋ ياخشىمۇ؟» دەپ سورايدۇ، ليۇ چې: «ياخشى، ئەگەر نىكاھىمغا ئالالىسام، ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ئۆي سېلىپ بەرگەن بولاتتىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. كېيىن، ليۇ چې دەرۋەقە ئاچياۋنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنى خانىش قىلىدۇ، «ئاچياۋنى ئالتۇن ئۆيدە ساقلاش» دېگەن ھېكايە مانا مۇشۇنىڭدىن كەلگەن.
ليۇ چې خەن جىڭدىنىڭ ئوغلى بولۇپ، يەتتە يېشىدا ۋەلىئەھد بولغان،16 يېشىدا پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ، تارىختا خەن ۋۇدى دەپ ئاتالغان. غەربىي خەن سۇلالىسى بىرنەچچە يىل ئارام ئېلىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، «ۋېن جىڭنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى» دەك ئاسايىشلىق ۋە باياشات مەنزىرە بارلىققا كەلگەن، دۆلەت قۇدرەت تاپقان. خەن ۋۇدى تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، بۇ خىل پايدىلىق شارائىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تازا ئىشقا سېلىپ، غەربىي خەن سۇلالىسىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرگەن.
ليۇ چې سىياسىي جەھەتتە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يەرلىك بەگلىكلەرنىڭ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلاشتۇرغان؛ ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە كۇڭزىچىلارنى قەدىرلەپ، بەش دەستۇر ئەركان بېگى تەيىنلەپ، كۇڭزىچىلىق تەلىماتىنى ئۆگەتكەن ۋە تەرغىب قىلغان كۇڭزىچىلار ئىدىيىسىنى فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ ھۆكۈمران ئىدىيىسى قىلغان؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە باي سودىگەرلەرگە زەربە بېرىپ، پۇل قۇيۇش، تۇز ئىشلەش ۋە تۆمۈر تاۋلاش ئىشلىرىنى ئوردىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش ئارقىلىق، دۆلەت خەزىنىسىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتكەن ھەمدە تاۋارلارنىڭ مىقدارىنى تەڭشەپ، مال باھاسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغان. ئۇ يەنە ئاھالە كۆچۈرۈپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرىنى قىلدۇرغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى109 - يىلى ئۆزى شەخسەن ئادەم باشلاپ بېرىپ، خۇاڭخې دەرياسىدىكى يار ئېلىپ كەتكەن خۇزى دېگەن يەرنى ئېتىپ پۇختىلىغان، شۇنىڭدىن كېيىن80 يىلغىچە خۇاڭخې دەرياسىدا چوڭ ئاپەت يۈز بەرمىگەن.
ليۇ چې ھونلارغا قارىتا پاسسىپ مۇداپىئە كۆرۈش سىياسىتىنى قوللىنىشنى ئۆزگەرتىپ، كۆپ قېتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ ھونلارغا ھۇجۇم قىلغان، خېشى رايونىنى كونترول قىلىپ، غەربىي رايونغا بارىدىغان يولنى ئاچقان. ئۇ يەنە شەرقتە لياۋدۇڭغا، غەربتە يۈمېن بىلەن لوبۇجورغا تۇتىشىدىغان سېپىل سوقتۇرۇپ، شىمال تەرەپتىكى چېگرا مۇداپىئىسىنى مۇستەھكەملىگەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى138 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى119 - يىلىغىچە، جاڭ چيەننى ئىككى قېتىم غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، »يىپەك يولى«نى ئاچقان، بۇ ئارقىلىق غەربىي خەن سۇلالىسى بىلەن غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە تاڭ مېڭنى يېلاڭغا، سىما شياڭرۇنى غەربىي جەنۇبتىكى جايلارغا ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، بۇ رايونلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەن.
ليۇ چې قېرىماسلىق ۋە مەڭگۈ ھايات تۇرۇش ئىستىكىدە ئەمچىلەرگە تىۋىنىپ، دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ ۋە ئەۋلىيا - ئەنبىيالارغا نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن بايلىقنى بۇزۇپ - چاچقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، ئۇرۇش قىلىمەن دەپ نۇرغۇن بايلىقنى ئىسراپ قىلىۋەتكەنلىكى ۋە خەلقنى ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتكەنلىكىنى ئاز - تولا تونۇپ يېتىپ، جاھاننى تىنچىتىش مەقسىتىدە، قول ئاستىدىكىلەرگە خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنى، بېيىتىشنى تەشەببۇس قىلغان، بۇنىڭ بىلەن، ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن ھەر خىل زىددىيەتلەر خېلى پەسىيىپ قالغان. ليۇ چې ئۆلگەندىن كېيىن ماۋلىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.
ليۇ چې ئەقىللىق ۋە تالانتلىق فېئودال سىياسىيون. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، خەنزۇلار ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك فېئودالىزملىق جۇڭگو مۇستەھكەملىنىپ، قەدىمكى جۇڭگو مەدەنىي، باي ۋە قۇدرەتلىكلىكى بىلەن دۇنياغا تونۇلۇشقا باشلىغان.