UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىفەن جېن

فەن جېن

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى بۇددا دىنى كەڭ تارقالغان جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە، ھەممە ئادەم دېگۈدەك «روھ (ئىلاھ) يوقالمايدۇ»، «سەۋەب - نەتىجە قىسمىتى» ۋە «ھايات - مامات نۆۋەتلىشىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش خۇراپىي دىنىي ۋەزلەرگە ئىشەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بىرلا ئادەم باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، دۇنيادا ئالۋاستى، ئىلاھ دېگەنلەرنىڭ بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ ئادەم دەل جەنۇبىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ماتېرىيالىست مۇتەپەككۇر ۋە ئاتېئىزمچى فەن جېندۇر. فەن جېن (تەخمىنەن مىلادىيە450 −515 - يىللار) نەنشياڭ ۋىلايىتىنىڭ ۋۇيىن دېگەن يېرى (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسى چىنياڭ ناھىيىسى)دىن. ئۇ ئادەتتىكى پۇقرا ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، تۈز مىجەز، ئۆگىنىشتە تىرىشچان ئادەم بولۇپ، جەنۇبىي سۇلالىنىڭ چى، لياڭ دەۋرلىرىدە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ۋالىي، باش دىۋان مىرزا بېگى، دىۋان سول قول ۋەزىرى قاتارلىق مەنسەپلەردە ئولتۇرغان. نەسەب ۋە مۇرىتلار ناھايىتى نەزەرگە ئېلىنىدىغان جەنۇبىي سۇلالىدە، فەن جېن ئۇلۇغ كۇڭزىچى ليۇ شيەننىڭ بىلىم يۇرتىدا ئوقۇپ، «باشقا تالىپلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تىرىشچان تالىپ» سۈپىتى بىلەن، رەخت كىيىم، چىغ كەش كىيىپ، ئاتلىق ياكى مەپىلەردە ماڭىدىغان ئاقسۆڭەكلەر بالىلىرىنىڭ ئارىسىدا پىيادە مېڭىپ، قىلچە ئۇيىلىپ ئولتۇرمىغان. مىلادىيە507 - يىلى فەن جېن «ئىلاھ يوقىلىدۇ» دېگەن ئۆلمەس ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاتېئىزم ئىدىيىسىنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ: ئادەمنىڭ روھى بىلەن جىسمى ئۆزئارا بىرلىشىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى پىچاق بىلەن ئۆتكۈر بىسنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ. پىچاق بولمىسا بىس بولمايدۇ، ئادەمنىڭ جىسمى ئۆلسە روھىمۇ بىللە يوقىلىدۇ. شۇڭا، ئادەم ئۆلسە روھ ئۆلمەيدۇ، ھاياتلىق بىلەن ماماتلىق نۆۋەتلىشىدۇ ۋە سەۋەب - نەتىجە قىسمىتى كۆرۈلىدۇ دېگەنلەر بىمەنە سەپسەتىلەردۇر، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھال بۇددا دىنىغا ئىشىنىدىغان جەمئىيەتتە ناھايىتى زور زىلزىلە پەيدا قىلغان. چى سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى جىنلىڭ شياۋ زىلياڭ نۇرغۇن راھىب ۋە قەلەمكەشلەرنى قوزغاپ فەن جېن بىلەن بەس - مۇنازىرە قىلدۇرغاندا، فەن جېن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مات قىلىۋەتكەن. شياۋ زىلياڭ يەنە يۇقىرى مەنسەپ ۋە نۇرغۇن مائاش بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلىپ، فەن جېننى ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاشقا ئۇناتماقچى بولغاندا، ئۇ قەتئىي رەت قىلىپ: «ئەمەل بېرىمەن دەپ مېنىڭ كىتابلىرىمنى كۆيدۈرۈۋېتىشلىرى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس!» دېگەن. كېيىن لياڭ سۇلالىسى چى سۇلالىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىگەندە، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان پادىشاھ ۋۇدى تەختكە چىقىپلا، بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا، يەنە ئاقسۆڭەكلەر، تۆرىلەر، راھىبلاردىن60 نەچچە ئادەمنى سەپەرۋەر قىلىپ70 نەچچە پارچە ماقالە يازغۇزۇپ، فەن جېنگە رەددىيە بەرگەن، ئەمما غەلىبە قىلالمىغان. فەن جېن ھوقۇقدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپمۇ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ مۇنازىرىلىشىپ، باشتىن - ئاخىر تىز پۈكمىگەن. فەن جېننىڭ ئاتېئىزملىق تەشەببۇسلىرى ھۆكۈمرانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغاچقا، ئاخىر مەنسىپى ئېلىپ تاشلىنىپ، گۇاڭجۇغا سۈرگۈن قىلىنغان، ئۇزاق ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى