لاۋدەن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
لاۋدەن − ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر، تەرىقەتچىلەر (تويىن دىنى تەرەپدارلىرى)نىڭ پېشۋاسى بولۇپ، تارىختا لاۋزى دەپ ئاتالغان.
لاۋزىنىڭ فامىلىسى لى، ئىسمى ئېر دېگەن گەپمۇ بار، ئۇ ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى چۇ بەگلىكىدىن، ئەسلىدە جۇ سۇلالىسىنىڭ يىلنامىچىسى بولۇپ، جۇ خانىشنىڭ كىتابلىرىنى باشقۇرغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدا پېي دېگەن يۇرتتا (بۈگۈنكى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ پېشيەن ناھىيىسىدە) يوشۇرۇنۇپ ياشاپ، دېھقانچىلىق قىلغاچ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ تالىپلارنى تەربىيىلەپ، تەرىقەت ۋە ئەدەپ - قائىدە ھەققىدە دەرس ئۆتكەن.
يېغىلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، لاۋزىنىڭ سۆز - تەلىماتلىرى كەڭ تارقىلىپ، «تويىنىزم قەسىدىلىرى»، يەنى ھازىرقى «لاۋزى» دېگەن كىتاب قىلىپ رەتلەپ چىقىلغان. لاۋزى كائىنات ئۆزگىرىشلىرىنى «تويىن (تەرىقەت)» نۇقتىئىنەزىرى بىلەن چۈشەندۈرگەن. ئۇ «تويىن» ھەممە نەرسىنىڭ ئانىلىق كۈچىنى يارىتىدۇ، تويىن − ئالەمدىكى تۈرلۈك - تۈمەن مەۋجۇداتلارنىڭ مەنبەسى، تويىن − مەڭگۈ ھېس قىلغىلى بولمايدىغان مەنىۋى سوبستانسىيە، ئۇ ئاسمان - زېمىن بىنا بولۇشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى، دەپ قارىغان. بۇ ئىدېئالىستىك قاراشتۇر. چۈنكى، لاۋزى «تويىن» نى ئۆزىنىڭ ئىدىيە سىستېمىسىنىڭ يادروسى قىلىۋالغان، شۇڭا كىشىلەر بۇ مەزھەپنى تويىنىزم (تويىن دىنى) تەرەپدارلىرى دەپ ئاتىغان.
لاۋزى قۇللۇق تۈزۈمدىن فېئوداللىق تۈزۈمگە ئۆتۈۋاتقان ئەمىنىيە دەۋرىدە ياشىغان بولۇپ، بۇ مەزگىل دەل جەمئىيەتتە كەسكىن ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقان مەزگىل ئىدى. لاۋزى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرىغا دۇچ كېلىپ، بىرەر ئىشنى قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە «ئېقىشىغا قويۇپ بېرىپ ئىدارە قىلىش»نى تەشەببۇس قىلىپ، «شۈكۈر - قانائەت قىلىش»، «ئىشقىي نەپسىنى يىغىش» نى تەرغىب قىلغان، ھەتتا ئىنسانلار جەمئىيىتىنى كەينىگە ياندۇرۇپ «ئۇششاق ئەل، ئاز پۇقرا» ھالىتىگە كەلتۈرۈش خىيالىدا بولغان.
لاۋزى ئىدېئالىست بولسىمۇ، لېكىن ئىدىيىسىدە خېلى كۆپ ساددا دىئالېكتىكا بار. ئۇ ھەممە شەيئىنىڭ قارشى تەرىپىنىڭ بولىدىغانلىقىنى تونۇپ كەتكەن، مەسىلەن، بارلىق بىلەن يوقلۇق، ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم، ئالىيجانابلىق بىلەن رەزىللىك، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن، كۈچلۈكلۈك بىلەن ئاجىزلىق ۋەھاكازالار. ئۇ يەنە قارىمۇقارشى تەرەپلەرنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرىدىغانلىقىنىمۇ تونۇپ يەتكەن. ئۇ: «بالا - قازا بەختكە يوشۇرۇنغان، بەخت بالا - قازاغا يوشۇرۇنغان» دېگەن ناھايىتى مەشھۇر بىر سۆزنى قىلغان، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى: بالا - قازا بەخت يارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ۋەھالەنكى، بەخت ئىچىدە يەنە بالا - قازا پەيدا قىلىدىغان ئامىل بولىدۇ، بالا - قازا بىلەن بەخت ئورۇن ئالمىشىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت.
لاۋزىنىڭ تەلىماتى جۇڭگو پەلسەپىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. كېيىنكى چاغلاردا ماتېرىيالىزم تەرەپدارلىرى بىلەن ئىدېئالىزم تەرەپدارلىرى ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن قوبۇل قىلغان. يېغىلىق دەۋرىگە كەلگەندە، لاۋزى تەلىماتى جۇاڭزى تەرىپىدىن راۋاجلاندۇرۇلۇپ، تەرىقەتچىلەر ئېقىمى بولۇپ شەكىللەنگەن.