سۇڭ چىڭلىڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
سۇڭ چىڭلىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى.
سۇڭ چىڭلىڭ (1893 −1981 - يىللار)، ئەسلىي خەينەننىڭ ۋېنچاڭ ناھىيىسىدىن، شاڭخەيدە تۇغۇلغان. دادىسى سۇن جۇڭشەننىڭ يېقىن دوستى بولغاچقا، ئۇ كىچىكىدىنلا سۇن جۇڭشەننىڭ ئىنقىلابىي ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.17 يېشىدا ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغان.1912 - يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە خەۋىرىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىدىن قىن - قىنىغا پاتماي قالغان ھەمدە جۇمھۇرىيەتنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.1913 - يىلى ياپونىيىگە بېرىپ، سۇن جۇڭشەنگە كاتىپ بولغان.1915 - يىلى10 - ئايدا، توكيۇدا سۇن جۇڭشەن بىلەن توي قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ سۇن جۇڭشەنگە ھەمراھ بولۇپ ئىنقىلاب ئۈچۈن دۆلەت ئىچى - سىرتىغا قاتراپ، نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.1921
- يىلى5 - ئايدا، سۇڭ چىڭلىڭ سۇن جۇڭشەن بىلەن بىللە گۇاڭجۇغا قايتىپ كەلگەن، سۇن جۇڭشەن زۇڭتۇڭلۇق تەختىگە ئولتۇرغان. كېيىنكى يىلى6 - ئايدا، چېن تۇڭمىڭ ئاسىيلىق قىلىپ، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى بومباردىمان قىلغان. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، سۇڭ چىڭلىڭ ئۆزىنىڭ ئىككى قات ئىكەنلىكىگە قارىماي، سۇن جۇڭشەننىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، سۇن جۇڭشەننى ئاۋۋال ماڭدۇرۇۋېتىپ، ئۆزى مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ قوغدىشىدا ئۇنىڭ كەينىدىن گۇاڭجۇدىن ئايرىلغان. ئاندىن كېيىن، سۇن جۇڭشەننىڭ گومىنداڭنى قايتىدىن تەشكىللىشىگە ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ روسىيە بىلەن بىرلىشىش، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش، ئىشچى - دېھقانلارغا يار - يۆلەك بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ بۈيۈك سىياسىتىنى قەتئىي ھىمايە قىلغان.1925 - يىلى سۇن جۇڭشەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۈچ بۈيۈك سىياسەتنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، گومىنداڭ ئوڭچىلىرى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلغان ھەمدە شىمالغا جازا يۈرۈشى قىلىش ئۇرۇشىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە ئاتلانغان.1927
- يىلى جياڭ جيېشى بىلەن ۋاڭ جىڭۋېي ئارقا - ئارقىدىن ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن ھەرگىز بىر يولدا ماڭمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن ھەمدە ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق22 ئادەم بىلەن بىللە گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامىدا بايانات ئېلان قىلىپ، جياڭ جيېشى بىلەن ۋاڭ جىڭۋېينىڭ ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇزاق ئۆتمەي، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە فرانسىيىگە بېرىپ، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم خەلقئارالىق پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ھەمدە1929 - يىلى دۇنيا2 - قېتىملىق جاھانگىرلىككە قارشى ئىتتىپاق يىغىنىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە سايلانغان، كېيىن يەنە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.1931
- يىلى سۇڭ چىڭلىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھىمايە قىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدە ھەرقانداق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلغان. «18 - سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى قەتئىي تەشەببۇس قىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇرەسسەچىلىك، تەسلىمچىلىك سىياسىتىگە قارشى تۇرغان.1932 - يىلى12 - ئايدا، لۇ شۈن، سەي يۈەنپېي، ياڭ شىڭفو قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە «جۇڭگو مىللىي ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىتتىپاقى» قۇرۇپ، نۇرغۇن كوممۇنىست ۋە ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك زاتلارنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ ۋە قوغداپ قېلىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىغا ئۆزگىچە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان.
ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، سۇڭ چىڭلىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گۇاڭجۇ بىلەن شياڭگاڭدا «جۇڭگونى قوغداش بۈيۈك ئىتتىپاقى» قۇرۇپ، چەت ئەللىك زاتلارغا ۋە چېگرا سىرتىدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارغا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان ۋە ئۇلاردىن ئىئانە توپلاش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. چۇڭچىڭدا تۇرغان مەزگىلىدە، ئۇ يەنە ما خەيدې، سموتوي، سىنو قاتارلىق خەلقئارالىق دوستلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىللە كۈرەش قىلغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلىشنىڭ ئالدى - كەينىدە، ئۇ شاڭخەيدە جۇڭگو پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى قۇرۇپ، ئازادلىق ئۇرۇشىغا نۇرغۇن ماددىي ياردەم بەرگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سۇڭ چىڭلىڭ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.1981 - يىلى ئۇنىڭغا جۇمھۇرىيەتنىڭ پەخرىي رەئىسى دېگەن نام بېرىلگەن. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەسمىي ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ جۇڭگونى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئۇزاق مۇددەت رەھبەرلىك قىلىپ، ئاياللار خىزمىتىگە ۋە ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنى «دۆلەتنىڭ تەۋەررۈكى» دەپ تەرىپلىگەن.
سۇڭ چىڭلىڭ خەلقئارادىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئابرۇي قازانغان بولۇپ، دۇنيا تىنچلىق مۇدىرىيىتىنىڭ رەھبىرىي ئەزاسى، ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى بويىچە ئالاقىلىشىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.