ئوۋ جى
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
تاڭ سۇلالىسىدىكى ئاتاقلىق ئەدىب ليۇ زۇڭيۈەن كىچىككىنە بىر بالا ئۈچۈن تەرجىمىھال يازغان. بۇ بالا باتۇر ھەم پاراسەتلىك چوپان ئوۋ جىدۇر.
ئوۋ جى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چېنجۇ (ھازىرقى خۇنەننىڭ چىنشيەن ناھىيىسى)دىن بولۇپ، شۇ چاغدا ئاران11 ياشقا كىرگەنىدى، جۇغى كىچىك، ئوتۇن تەرگەچ قوي باقىدىغان بۇ دېھقان بالىسى بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن تاغدا قوي بېقىۋاتقاندا، توساتتىن نەدىندۇر ئىككى قاراقچى پەيدا بولۇپ، ئۇنى باغلىۋېلىپ ئاغزىغا لاتا تىقىپ قويۇپ: «ھوشۇڭنى تاپ! بىز بىلەن ماڭ، قاچماقچى بولۇپ باقە قېنى ...» دەپ پارقىراپ تۇرغان پىچىقىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پۇلاڭلىتىپتۇ ۋە بوغۇزلىغاندەك ھەرىكەتلەرنى قىلىپتۇ. ئوۋ جى ئۆزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، شەھەرگە ئاپىرىپ سېتىۋېتىلىدىغانلىقىنى پەملەپتۇ. ئۇ ئامال قىلىپ قولىنى بوشىتىۋېلىپ، بۇ ئىككى قاراقچىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ ۋە شۇئانلا ناھايىتى قورقۇپ كېتىپ يىغلىغان قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ. قاراقچىلار ئۇنىڭ «قورقۇنچاق» لىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئېلىپ40 نەچچە چاقىرىم يول يۈرۈپتۇ. قاراڭغۇ چۈشۈپتۇ، شەھەرگىمۇ ئاز قاپتۇ. قاراقچىلار يول بويىدا ھاراق ئىچىشكە باشلاپتۇ. ئىچىپ قانغاندىن كېيىن، قاراقچىنىڭ بىرى ئوۋ جىنى سېتىش ئىشى توغرۇلۇق ئادەم بېدىكى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپ كېتىپتۇ. يەنە بىرى مەست بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. ئوۋ جى قاراقچىنىڭ قىلىچىنىڭ يەرگە سانجىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپلا كۆڭلىگە بىر ئىشنى پۈكۈپتۇ - دە، قىلىچنىڭ يېنىغا ئاستا كېلىپ كەينىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ، قولى باغلانغان ئارغامچىنى قىلىچ بىسىغا سۈركەپ ئۈزۈپ قولىنى بوشىتىپتۇ، ئاندىن قىلىچنى ئىتتىك ئېلىپلا، مەست بولۇپ يېتىپ قالغان قاراقچىنى چېپىپ ئۆلتۈرۈپتۇ.
دەل شۇ ئەسنادا يەنە بىر قاراقچى بازاردىن كېلىپ قاپتۇ - دە، سەزدۈرمەي ئېتىلىپ كېلىپ ئوۋ جىنى تۇتۇۋاپتۇ. ئوۋ جى شۇ جىددىي پەيتتە دەرھال ئەقىل تېپىپ، قاراقچىغا: «ئىككىڭلار مېنى ساتقان پۇلنى تەڭ بۆلۈشەتتىڭلار، شۇڭا پۇل ساڭىلا قالسۇن دەپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم. ئەمدى مېنى ساتساڭ پۇل ساڭىلا قالىدىغان بولدى» دەپتۇ. قاراقچى ئوۋ جىنىڭ گېپىنى توغرا ھېسابلاپ قايىل بوپتۇ ۋە ئۇنى ئادەم بېدىكىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپتۇ. كېچىدە قاراقچى ئوۋ جىنىڭ قولىنى تېخىمۇ چىڭ باغلاپ قويۇپ، يېنىدا يېتىپ ئۇخلاپتۇ. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىسسىنىش ئۈچۈن ئوت قالاپ قويۇلغان بىر ئاتەشدان بار ئىكەن، ئوۋ جى قورققان بولۇۋېلىپ بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ يېتىۋالغاچ، قۇتۇلۇپ چىقىش ئامالى ئۈستىدە ئويلىنىپتۇ. قاراقچى قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەندىن كېيىن، ئوۋ جى ئاتەشدان يېنىغا ئاستا سۈرۈلۈپ كېلىپ، قولىنىڭ قاقلىنىپ ئېچىشىشىغا چىداپ، قولى باغلاقلىق ئارغامچىنى كۆيدۈرۈپ ئۈزۈپتۇ - دە، بېغىشىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىغا قارىماي، دەرھال قىلىچنى ئېلىپ ئۇخلاۋاتقان قاراقچىنى ئۆلتۈرۈپتۇ.
ئەتىسى ئوۋ جى مەھكىمىگە بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغاچ، قاراقچىنى ئۆلتۈرگەنلىك جەريانىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. مەھكىمە ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭ ھەم يۈرەكلىك، ھەم پەم - پاراسەتلىكلىكىدىن سۆيۈنۈپ ئۇنى ماختاپتۇ ھەمدە مەھكىمىدە ئېلىپ قېلىپ خىزمەت بېرىش ئويى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئەمما، ئوۋ جى: «ئۆيگە قايتمىسام بولمايدۇ، دادام، ئاپام مېنىڭ نەگە كەتكەنلىكىمنى بىلەلمەي شۇ تاپتا تازا تىت - تىت بولۇۋاتقاندۇ» دەپتۇ.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئوغرى - قاراقچىلار ئوۋ جىنىڭ ئۆيى ئالدىدىن ئۆتەلمەس بوپتۇ.