UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىجۇاڭ جۇ

جۇاڭ جۇ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى يېغىلىق دەۋرىدە، چۇ بەگلىكىنىڭ بېگى ۋېيۋاڭ ناھايىتى تالانتلىق بىر ئادەمنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ، مىڭ تىللا پۇل بىلەن ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنى ۋەزىرلىككە تەكلىپ قىلىدۇ. لېكىن، ئۇ ئادەم چۇ بەگلىكىنىڭ ئەلچىسىگە: «مىڭ تىللا پۇل ناھايىتى كۆپ پۇل، ۋەزىرلىك ناھايىتى يۇقىرى مەرتىۋە. ئەجەبا، سىز نەزىر - چىراغ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كالىنى كۆرمىگەنمۇ؟ كىشىلەر ئۇنى ئېسىل بوغۇزلار بىلەن باقىدۇ، كەشتىلەنگەن كىيىملەرنى كىيىندۈرۈپ ياسايدۇ، ئاندىن كېيىن تەيمياۋ ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ ئۆلتۈرۈپ نەزىر قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ يەنە ئەركىن، ھۆر ھايۋان بولالامدۇ؟ ... مەن تېيىز كۆلچەكتە، كىچىك ئېرىق - ئۆستەڭلەردە ئۈزۈپ، كۆڭلۈمنى خۇش قىلسام قىلىمەنكى، لېكىن پادىشاھنىڭ چۈشەپ قويۇشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايمەن» دەيدۇ. بۇ ئادەم دەل جۇاڭ جۇدۇر. جۇاڭ جۇ (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى369 −286 - يىللار) − ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر ھەم ئەدىب. ئۇ لاۋزىنىڭ ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ھەم ئۇنى راۋاجلاندۇرغان. شۇڭا، كىشىلەر لاۋزى بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنى بىرلەشتۈرۈپ «لاۋ - جۇاڭ» دەپ ئاتىغان. ئۇ يېغىلىق دەۋرىدىكى سۇڭ بەگلىكىنىڭ مېڭ دېگەن يېرىدىن (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسى شاڭچيۇ رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) بولۇپ، يۇرتىدا چىلانلىقنى باشقۇرىدىغان كىچىك ئەمەلدار بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي زاھىت بولۇپ ياشىغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى ناھايىتى نامرات بولۇپ، بەزى چاغلاردا چىخ كەش توقۇپ تىرىكچىلىك قىلغان. جۇاڭ جۇ يۇقىرى ئەمەل تۇتۇپ، كۆپ مائاش ئېلىشنى مەنسىتمەي، سىرتلاردا بىكار ئايلىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرگەن. لېكىن، ئۇ رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ، ئىپتىدائىي جەمئىيەتكە قايتىشنى ئۈمىد قىلىپ، شۇ چاغلاردىكى چۈشكۈنلەشكەن بەزى قۇلدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىنىش، دۇنيادىن بىزار بولۇشتەك كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. جۇاڭ جۇ ئىدىيىسىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ دۇنيادىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى نىسپىي بولىدۇ؛ شەيئىنىڭ چوڭلۇقى ياكى كىچىكلىكىنىڭ مىقدارى تۈگىمەس بولىدۇ؛ ۋاقىت دەرياسىنىڭ ئايىغى بولمايدۇ؛ ئادەمنىڭ پايدا ئېلىشى ياكى زىيان تارتىشى ئۆزگەرمەس بولمايدۇ؛ شەيئىنىڭ باش - ئايىغىنى تاپقىلى بولمايدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ ھەقىقىي ئەقىللىق ئادەم ئەتراپلىق قارايدۇ، كىچىكنى ئاز دېمەيدۇ، چوڭنى كۆپ دېمەيدۇ، چۈنكى شەيئىنىڭ چوڭلۇقى ياكى كىچىكلىكىنىڭ مىقدارى تۈگىمەس بولىدۇ، دەپ سانىغان. جۇاڭ جۇ شەيئىنىڭ نىسپىيلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتكەن، بۇ ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر. شۇغىنىسى ئۇ نىسپىيلىكنى زىيادە مۇبالىغە قىلىپ، بارلىق قارىمۇقارشىلىقنىڭ چەك - چېگرىسىنى ئىنكار قىلىۋەتكەن. مەسىلەن، ھايات بىلەن مامات، ئۆمۈر كۆرۈش ۋە ئۆلۈش، ھەق بىلەن ناھەق، بەخت بىلەن بالا - قازا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاش، پەرقى يوق دەپ قاراپ، ئوبيېكتىپ ھەقىقەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ، تامامەن ئىدېئالىزم پاتقىقىغا پېتىپ قالغان. گەرچە جۇاڭ جۇ ئىدىيىسىنىڭ تەركىبىدە بىرمۇنچە پاسسىپ ئامىللار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ماقالىلىرى ناھايىتى ئېسىل يېزىلغان. ئۇ پەلسەپىۋى قائىدىلەرنى مەسەللەر بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ماھىر بولغاچقا، بەدىئىي جەھەتتە ناھايىتى يۇقىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ «جۇاڭزى» دېگەن نامدا52 ئەسەر يازغان، ھازىر ئۇلاردىن33 ى ساقلىنىپ قالغان. بۇلاردىن «ئىچكى ئەسەر» نىڭ يەتتە پارچىسى جۇاڭ جۇنىڭ ئەسىرى، قالغانلىرى كېيىنكى ئالىملارنىڭ بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى