دېڭ شىچاڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
دېڭ شىچاڭ (1849 −1894 - يىللار) جياۋۇ ئۇرۇشىدا ۋەتەن ئۈچۈن باتۇرلارچە قۇربان بولغان داڭلىق دېڭىز ئارمىيە قوماندانى، گۇاڭدۇڭنىڭ فەنيۈ (ھازىرقى گۇاڭجۇ) دېگەن يېرىدىن.1874 - يىلى فۇجۇدىكى كېمىسازلىق مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن، جەنۇبىي ئوكيان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ »دۇڭيۈن«، »جېنۋېي« قاتارلىق پاراخوتلىرىنىڭ كاپىتانى بولغان، كېيىن شىمالىي ئوكيان پاراخوت ئەترىتىگە يۆتكەلگەن.1887 - يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ ھەربىي پاراخوت سېتىۋېلىپ ئەكەلگەن، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت − «جىيۈەن» نىڭ كاپىتانلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ ئىش قىلىشتا چېۋەر، «غەربنىڭ ھەربىي تاكتىكىسىنى ئۆگەنگەن»، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى كۈچلۈك سەركەردە ئىدى. ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە دائىم: «ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ، لېكىن ئادەم ئۆلۈشتىن بۇرۇن بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىشى كېرەك» دەپ نەسىھەت قىلىپ تۇرغان ھەمدە ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن.1894 - يىلى جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى پارتلىغاندا، ئۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا: تاسادىپىي ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ قالسام، ياپونىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتىنى سوقۇپ تەڭ ھالاك بولىمەن، دەپ قەسەم بەرگەن.
شۇ يىلى9 - ئاينىڭ17 - كۈنى، شىمالىي ئوكيان پاراخوت ئەترىتى سېرىق دېڭىزنىڭ دادۇڭگو ئەتراپىدا ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. دېڭ شىچاڭ «جىيۈەن» ناملىق جەڭ پاراخوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، يامغۇردەك ئېتىلىۋاتقان توپ ئوقلىرىغا قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەن پاراخوتلىرىنى كۆپ قېتىم تالاپەتكە ئۇچراتقان. ئۇ شىمالىي ئوكيان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ «دىڭيۈەن» ناملىق باشلامچى پاراخوتتىكى قوماندانلىق بايرىقىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال «جىيۈەن» ناملىق پاراخوتتا بايراق چىقىرىپ، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان، بۇنىڭ بىلەن، دۈشمەن پاراخوتلىرى تەرەپ - تەرەپتىن قىستاپ كېلىپ «جىيۈەن» ناملىق پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغان. «جىيۈەن» قاتتىق مۇھاسىرىدە قېلىپ، نۇرغۇن ئوق تەگكەن، دېڭ شىچاڭ قوشۇنىنىڭ بارلىق ئوق - دورىلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، پاراخوتتىكى بارلىق ئوفىتېسر - ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ۋەتەن ئۈچۈن باتۇرلارچە قۇربان بېرىشكە نىيەت باغلىغان، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ دۈشمەن بىلەن تەڭ ھالاك بولۇش ئۈچۈن، پاراخوتنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ دۈشمەننىڭ «جىيې» ناملىق پاراخوتىغا قاتتىق سوقۇلغان. ئەمما، بەختكە قارشى ئۇلارنىڭ پاراخوتى تورپېدانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۆكۈپ كەتكەن، «جىيۈەن» دىكى250 ئوفىتسېر - ئەسكەر ئىچىدە20 دىن كۆپرەكىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلارنىڭ ھەممىسى شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان. دېڭ شىچاڭ دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن، «پاراخوتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا، ھايات قالغىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟» دېگىنىچە دېڭىزغا سەكرەپ قۇربان بولغان.