مالياڭجۈن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
چوڭ ئاخۇن مالياڭجۈن يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا ياشىغان خۇيزۇلار ئىچىدىكى ئەڭ سادىق، پەزىلەتلىك، ئىخلاسمەن ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە خۇيزۇ ئاخۇنلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ مەرتىۋىلىك دىنىي زاتتۇر.
مالياڭجۈن 1867 - يىلى گەنسۇنىڭ چىڭشۈي ناھىيىسى جياڭجىيا چۈەن يېزىسى(ھازىر بۇ ناھىيە خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى) شاڭمۇجۇاڭ كەنتىدە ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھاللىق ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئەجدادلىرى ئىسلام قائىدىلىرىگە ئىنتايىن قاتتىق رىئايە قىلىدىغان، ئېتىقادى قاتتىق دىنىي زاتلاردىن ئىدى. مالياڭجۈنمۇ ئىسلام دىنىغا قاتتىق ئىخلاس قويۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا دىن - تەرىقەت يولىغا قەدەم قويغاچقا، كىچىك ۋاقتىدىلا كىچىك مائاخۇن دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىن شىنجاڭنىڭ گۇچۇڭ ناھىيىسىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇھەممەت يۈسۈپ دەپ ئات قويىدۇ. ھاياتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئىسلام دىنى مۇرتلىرى ئونى ھۆرمەتلەپ، <شەيخ>دەپ چاقىرىدىغان بولىدۇ.
ھەزرىتى مالياڭجۈن مىنگونىڭ 2 - يىلى، يەنى 1913 - يىلى شىنجاڭغا قەدەم قويغاندا ئۇنىڭ ئىخلاسمەن مۇرىتلىرى، چوقۇنغۇچىلىرى پىيادە ھالدا ئۇنى قۇمۇلغىچە ئۇزىتىپ كېلىدۇ. قۇمۇلدىكى مۇسۇلمانلار كوچىدا قاتار سەپ تارتىپ، ھەر خىل نازۇ - نېمەتلەر بىلەن ئۇنى داغدۇغىلىق كۈتىۋالىدۇ. مالياڭجۈن تەنتەنە بىلەن مەسچىتكە كىرگەندە قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىلا قۇمۇل شەنشى چوڭ مەسچىتىنىڭ ئىماملىقىغا تەيىنلىنىدۇ.
مالياڭجۈن شۇنىڭدىن ئېتىبارەن نۇرغۇن جايلاردىكى مەسچىتلەردە ئىماملىق قىلىپ يۈرىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خۇيزۇ دۇڭخاڭ مەسچىت جامائىتى ئۇنى ئۈرۈمچىگە كېلىشىمۇ كېلىپ ئىمام بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىشىمۇ كاتتا زىلزىلە قوزغايدۇ. ئۇ كېيىن سانجىغا كۆچىدۇ، قارا شەھەر ناھىيىلىرىدە بولىدۇ. مىنگونىڭ 8 - يىلى يەنە 1919 - يىلى غۇلجا شەھىرىدىكى خۇيزۇ ئۆلىمالارنىڭ تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋېلىشى، ئابرۇيلۇق كىشىلەرنىڭ ئارىلىشىپ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى دىنىي ئەربابلار نائىلاج مالياڭجۈننىڭ غۇلجىغا بېرىشىغا قوشۇلىدۇ. مالياڭجۈن خېلى ئۇزۇن مەزگىل غۇلجىدا تۇرۇپ قالىدۇ ۋە دىنىي پائالىيەت بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. 1938 - يىلى (مىنگونىڭ 27 - يىلى) شۇ ۋاقىتتىكى خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى ماشياۋۋۇ، مۇئاۋىن نازىرى لىن يەنشۇ قاتارلىقلارنىڭ دىنىي زاتلارغا ماسلىشىپ نەسىھەت قىلىشى بىلەن ھەزرىتى مالياڭجۈن غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، دىنىي ساھەنى قايتىدىن جانلاندۇرىدۇ. مىنگونىڭ 29 - يىلى يەنى 1940 - يىلى قىشتا شېڭ شىسەي ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرماقچى، دېگەن بەتنام بىلەن ھەزرىتى مالياڭجۈن ۋە بىر قىسىم مۇرىتلىرىنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ قېتىم نۇرغۇن موللىلار تۈرمىدىكى قىيىن - قىستاق جەريانىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ھەزرىتى مالياڭجۈننىڭ چوڭ ئوغلى مادېشنىمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ. مالياڭجۈن تۈرمىدىمۇ بەش ۋاخ نامازنى تاشلىمايدۇ ۋە <ئىسلام دىنى تارىخى>، <ھالاللىق بىلەن يېزىلغان شېئىرلار> ناملىق نادىر، ئىسلام دىنى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ چىقىدۇ. 1943 - يىلى شېڭ شىسەي شىنجاڭدىن يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىن مالياڭجۈنمۇ تۈرمىدىن چىقىدۇ. شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن مالياڭجۈن پارتىيە - ھۆكۈمەتنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، يەر ئىسلاھاتى، ئىجارە كېمەيتىش، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشىيەنگە ياردەم بېرىش قاتارلىق بىر قاتار سىياسىي ھەرىكەتلەرگە ئاكىتىپ قاتناشقانلىقى ئۈچۈن شىنجاڭ خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى، غەربىي - شىمال مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.
1957 - يىلى 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 4 - كۈنى ھەزرىتى مالياڭجۈن چوڭ ئاخۇن كېسىلى ئېغىرلىشىپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۈرۈمچىدىكى خۇيزۇ شەنشى چوڭ مەسچىتىدە ۋاپات بولىدۇ مېيىتنى سانجى ناھىيىسىنىڭ ليۇگۇڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ. 18 - كۈنى دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندە، ھۆكۈمەت دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان كىشىلەرنى بىر كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدۇ. غەربىي - شىمال مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، ئىسلام دىنى جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار تەزىيە تېلگراممىسى، تەزىيە خەتلىرى ئەۋەتىدۇ.