مەنخەنۋاڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
مەنخەنۋاڭ (خەن - خاقان، ۋاڭ پادىشاھ دېگەن مەنىدە)، يەنى مانجۇكجاپ 1915 - يىلى تۇغۇلىدۇ. مۇڭغۇللارنىڭ كونا تورغۇت جەنۇبىي تۆرت خۇشۇنىنىڭ خەنۋاڭى بولغان دادىسى بويۇن مۆڭگو 1917 - يىلى 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۆلگەندىن كېين مانجۇكجاپ جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ يارلىقى بىلەن شۇ يىلى 5 - ئايدا ئىككى ياش ۋاقتىدا دادىسىنىڭ ئورنىدا خەنۋاڭ بولىدۇ ۋە مەنخەنۋاڭ دەپ ئاتىلىدۇ. مانجوكجاپ كىچىك بولغاچقا خەنۋاڭلىق ھوقۇقىنى ئەمەلىيەتتە ئانىسى يۈرگۈزىدۇ.
1922 - يىلى مانجوكجاپنىڭ ئانىسىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ، شۇ يىلى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ يارلىقى بىلەن خەنۋاڭلىق تامغىسىنى باشقۇرىدىغان بولىدۇ.
مەنخەنۋاڭ قاراشەھەر ئەتراپى بىلەن يولتۇز ۋادىسىدىكى مۇڭغۇللارنىڭ تورغۇت قەبىلىسىنى باشقۇرىدۇ. ئۇ 1930 - يىلى، يەنى 15 ياش ۋاقتىدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خاربىن باردۇن خوشۇنىنىڭ چىڭۋاڭى گوڭساڭ نورۇپنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىدۇ، 1937 - يىلى شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شىلىك توسۇلاچنىڭ قىزىنى توقاللىققا ئالىدۇ. شۇ يىلى شېڭ شىسەي مەنخەنۋاڭنى زىياپەتكە چاقىرىدۇ، ۋە زىياپەت ئۈستىدە «چوڭ سۈيىقەستچى» دېگەن «گۇناھ» بىلەن قولغا ئالىدۇ. ئۇ تۈرمىدە روھىي كېسەل بولۇپ قالغاچقا 1944 - يىلى قويۇپ بېرىلىدۇ. مەنخەنۋاڭ شۇنىڭدىن كېيىن ئىچكى موڭغۇل، چىڭخەي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ داۋالىنىدۇ. 1967 - يىلى 52 يېشىدا ئۆلىدۇ.