UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىگۇەن تيەنپېي

گۇەن تيەنپېي

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى ئەپيۈن ئۇرۇشىدا ۋەتەن ئۈچۈن شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان ۋەتەنپەرۋەر سەركەردە گۇەن تيەنپېي (1781 −1841 - يىللار) جياڭسۇنىڭ شەنيىن (ھازىرقى خۇەيئەن) دېگەن يېرىدىن. ياش ۋاقتىدا ئارمىيىگە قاتنىشىپ، كۆپ قېتىملىق جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەن، ۋۇسۇڭ بازىرىنىڭ باشبۇغى، جياڭنەننىڭ ياساۋۇل بېگى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. داۋگۇاڭنىڭ14 - يىلى (1834 - يىلى) چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۇاڭدۇڭ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياساۋۇل بېگى قىلىپ تەيىنلەنگەن. چەت ئەل ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ توختاۋسىز ئىغۋاگەرلىكى ئالدىدا، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن زەمبىرەك سۇپىسى سالدۇرۇپ، زەمبىرەكلەرنى كۆپەيتىپ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرغان، ئەسكەرلەرنى ئۆزى شەخسەن مەشىق قىلدۇرۇپ، گۇاڭدۇڭنىڭ دېڭىز مۇداپىئەسىنى كۈچەيتكەن.1839 - يىلى، گۇەن تيەنپېي لىن زېشۈنىڭ گۇاڭجۇدىكى ئەپيۈن چەكلەش ھەرىكىتىنى پائال قوللاپ، كۆپ قېتىم شەخسەن ئۆزى گۇاڭدۇڭدىكى دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنىنىڭ قوراللىق ئىغۋارگەرلىكى ۋە ھۇجۇمىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈرگەن. ئۇرۇش داۋامىدا، ئۇ دائىم پاراخوتنىڭ بېشىدا تىك تۇرۇپ، مەردانىلىك بىلەن ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. ئەپيۈن ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ قوشۇن باشلاپ ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان.1841 - يىلى2 - ئايدا، ئەنگلىيە قوشۇنى خۇمېنغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىغان، گۇەن تيەنپېي گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭنىڭ باش ھەربىي ۋالىيسى چى شەندىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ قوشۇننى باشلاپ خېڭداڭ، يۇڭئەن، جىڭيۈەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زەمبىرەك سۇپىلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىغان ھەمدە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ قول ئاستىدىكىلەرنى تارتۇقلىغان.25 - كۈنى، ئەنگلىيە ئارمىيىسى خېڭداڭنى ئىشغال قىلىۋالغان.26 - كۈنى، گۇەن تيەنپېي جېڭيۈەن زەمبىرەك سۇپىسىدا دۈشمەن بىلەن باتۇرانە ئېلىشىش جەريانىدا كۆپ قېتىم يارىدار بولۇپ، كىيىم - كېچەكلىرى قىپقىزىل قانغا بويىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆز قولى بىلەن زەمبىرەك ئېتىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى يوپۇرۇلۇپ كەلگەندە، ئۇ قىلچە ھودۇقماي، قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ دۈشمەن ئەسكەرلىرى بىلەن قۇچاقلاشما جەڭ قىلغان. قىلىچىنى ئەپچىللىك بىلەن ئوينىتىپ، بىرمۇنچە دۈشمەن ئەسكىرىنى جېنىدىن جۇدا قىلغان، ئاخىرىدا ئېغىر يارىدار بولۇپ ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەچكە، قول ئاستىدىكى400 دىن ئارتۇق ئەسكىرى بىلەن ۋەتەننى قوغداش يولىدا باتۇرلارچە قوربان بولغان. كېيىنكىلەر چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا باتۇرلۇق بىلەن قارشى تۇرغان بۇ قەھرىماننى مەڭگۈ خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يۇرتىدا ئابىدە تىكلىگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
گۇەن تيەنپېي | UyghurWiki | UyghurWiki