سۇڭزەن گەنبۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
سۇڭزەن گەنبۇ ئېلىمىزنىڭ تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق سىياسىيون. ئۇ ئۆز ھاياتىدا زاڭزۇ قەبىلىلىرىنىڭ تارقاق، قالاق ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە خەنزۇلار بىلەن زاڭزۇلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكىمۇ ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان.
سۇڭزەن گەنبۇ (650 −617 - يىللار) تۈبۈت خانى لاڭرە زەنپۇنىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ،13 يېشىدا تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاتامان بولغان. ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ ئوقيا ئېتىش ۋە نەزم ئوقۇش ماھارىتىنى پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇ شىزاڭدىكى قەبىلىلەرنى ئارقا - ئارقىدىن بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، لوشيې (بۈگۈنكى لاسا) نى پايتەخت قىلىپ، قانۇن تۈزگەن، يېزىق ئىجاد قىلغان، ئەمەلدارلىق تۈزۈمى ۋە ھەربىي تۈزۈم ئورنىتىپ، پەيدىنپەي تۈبۈتلەرنىڭ قۇللۇق تۈزۈمدىكى ھاكىمىيىتىنى تۇرغۇزغان، سۇڭزەن گەنبۇ گەرچە ۋەتەننىڭ غەربىدىكى زېمىنىنى ئىگىلەپ، نېپالنى بويسۇندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرى ۋە مەدەنىيەت، قائىدە - يوسۇنلىرىغا ناھايىتى ئىنتىلگەن.
جېنگۇەننىڭ8 - يىلى (643 - يىلى) سۇڭزەن گەنبۇ تۇنجى قېتىم چاڭئەنگە ئەلچى ئەۋەتىپ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن رەسمىي دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنە ۋەزىرىنى ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، قۇدىلىشىش تەكلىپىنى بەرگەن. تاڭ تەيزۇڭ پادىشاھ جەمەتىدىن بولغان قولى چېۋەر، ئەقىللىق مەلىكە ۋېن چېڭنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىشقا قوشۇلغان. مىلادىيە641 - يىلى، ئۇ نۇرغۇن ئادەم باشلاپ بوخەي (بۈگۈنكى چىڭخەيدىكى جالىڭخۇ) گە بېرىپ كېلىننى كۈتۈۋالغان. مەلىكە ۋېن چېڭ نۇرغۇن قىز مېلى ئالغاچ بارغان، يەنە كىتاب، كۆكتات ۋە ئاشلىق ئۇرۇقى دېگەندەك لازىمەتلىكلەرنىمۇ ئېلىۋالغان، ئۇنىڭدىن باشقا توقۇمىچىلىق، كەشتىچىلىككە ماھىر ئوردا كېنىزەكلىرى بىلەن پىشقان ھۈنەرۋەنلەرنى بىللە ئالغاچ كەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، زاڭزۇلار خەنزۇلارنىڭ ياردىمىدە، بارا - بارا مېتال تاۋلاش، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ياساش، توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق، ھاراقچىلىق، قەغەزچىلىك تېخنىكىلىرىنى ئىگىلەپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغان. سۇڭزەن گەنبۇ يەنە تۈبۈت ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى چاڭئەنگە بىلىم ئېلىشقا ئەۋەتكەن ھەمدە تاڭ سۇلالىسىدىن بىر قىسىم ئۆلىمالارنى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن. مەلىكە ۋېن چېڭ يۇقىرىقى تۆھپىلىرى بىلەن، زاڭزۇلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، زاڭزۇلار ئۇنى يېقىن كۆرۈپ، «خەنزۇ ھەدە» دەپ ئاتاشقان.
سۇڭزەن گەنبۇ تاڭ سۇلالىسىگە قارىتا دوستانە سىياسەت يۈرگۈزۈپ، تاڭ تەيزۇڭ بىلەن «خەنزۇلار بىلەن زاڭزۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيە بىرلىكى ھاسىل قىلىپ، زاڭزۇلارنىڭ خەنزۇلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، شىزاڭنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.