UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىنيې شىچېڭ

نيې شىچېڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى نيې شىچېڭ (? −1900 - يىللار) ئەنخۇينىڭ خېفېي دېگەن يېرىدىن. ياش ۋاقتىدا چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىدە ئەسكەر بولۇپ، جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشى، جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى ۋە سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇ ئۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، يېقىنقى زامان تارىخىدىكى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى مەشھۇر سەركەردە، باتۇر جەڭچى.1884 - يىلى جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندا، فرانسىيە ئارمىيىسى جىلۇڭنى ئىشغال قىلىۋالغان. نيې شىچېڭ قوشۇن تارتىپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان، جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن باشبۇغلۇققا ئۆستۈرۈلگەن.1894 - يىلى جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى پارتلىغاندا، نيې شىچېڭ قوشۇن باشلاپ ياپونىيە ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلىنىپ، لياۋنىڭنىڭ شەرقىدىكى جيۇليەنچېڭ (ھازىرقى دەندۇڭنىڭ غەربىي شىمالى)دىكى خۇشەن تېغىنى چىڭ ساقلىغان، ياپونىيە ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈرگەن ۋە سەركەردىسى فۇگاڭ سەنزاۋنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ليەنشەنگۈەننى قايتۇرۇۋالغان، كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىگە يارىشا باش ياساۋۇل بەگلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن. ئۇ تۆت ئايغا سوزۇلغان جاپالىق جەڭ داۋامىدا، ئەسكەرلەر بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولغان، دۇبۇلغا - ساۋۇتلىرىنى سالماي، كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن.1895 - يىلى2 - ئايدا بۇيرۇققا بىنائەن پايتەختكە قايتۇرۇپ كېلىنگەن.1900 - يىلى يىخېتۇەن ھەرىكىتى پارتلاپ، سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تاجاۋۇزچى دۆلەتلەرگە تېخى «جەڭ ئېلان قىلماستىنلا»، نيې شىچېڭ دادىللىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، تيەنجىندە سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قەيسەرلىك بىلەن قارشى تۇرغان. جۈنلياڭدا تاجاۋۇزچى ئارمىيىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقاندىن كېيىن، ئۇ يەنە قوشۇنىنى باشلاپ تيەنجىندىكى كونسېسسىيىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ، تاجاۋۇزچى ئارمىيە بىلەن نەچچە ئون كۈن جاپالىق جەڭ قىلغان. تاجاۋۇزچىلارمۇ: «جۇڭگو بىلەن تۇتۇشقاندىن بېرى، بۇنداق باتۇر سەركەردىنى ئۇچرىتىپ باقمىغانتۇق» دەپ ئۇنىڭغا قايىل بولۇشقا مەجبۇر بولغان. ئەينى چاغدا، سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى ئۈزلۈكسىز ئەسكەر كۆپەيتكەن، ئەمما نيې شىچېڭ ياردەمچى قوشۇن بولمىغان ئەھۋالدا، ئۆز ئارمىيىسىگە تايىنىپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭنى داۋاملاشتۇرغان ھەمدە تاجاۋۇزچىلار بىلەن ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىشقا قەسەم ئىچكەن.7 - ئايدا، ئۇ قوشۇنىنى باشلاپ تيەنجىننىڭ بالىتەي دېگەن يېرىدىكى تاش كۆۋرۈككە كېلىپ، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ تاجاۋۇزچى ئارمىيە بىلەن تۇتۇشۇشقا ھازىر بولۇپ تۇرغان. ئۇ مەردانە قەدەملەر بىلەن كۆۋرۈك بېشىغا چىقىپ، قول ئاستىدىكىلەرگە: «ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى، جان چىقىپ كەتسىمۇ بىر قەدەم چېكىنىشكە بولمايدۇ» دەپ چاقىرىق قىلغان، كەسكىن ئۇرۇش داۋامىدا، ئۇ كۆپ قېتىم يارىدار بولغان، قول ئاستىدىكىلىرى ئۇنىڭدىن ۋاقتىنچە چېكىنىپ تۇرۇشنى يىغلاپ تۇرۇپ ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ جەڭگە قوماندانلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئاخىر كۆكرىكىگە زەمبىرەك ئوقى تېگىپ، شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان. كېيىنكىلەر نيې شىچېڭنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇ قانلىق جەڭ قىلغان بالىتەيدىكى تاش كۆۋرۈككە «نيېگۇڭ كۆۋرۈكى» دەپ نام بەرگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
نيې شىچېڭ | UyghurWiki | UyghurWiki