UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىجۇ ئېنلەي

جۇ ئېنلەي

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى جۇ ئېنلەي (1898 −1976 - يىللار) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، جۇڭگونىڭ مەشھۇر دىپلوماتى، خەلقنىڭ ياخشى زۇڭلىسى. جۇ ئېنلەينىڭ ئەسلىي يۇرتى جېجياڭنىڭ شاۋشىڭ دېگەن يېرى بولۇپ، ئۇ جياڭسۇنىڭ خۇەيئەن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، تيەنجىن نەنكەي ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان.1917 - يىلى ياپونىيىگە ئوقۇشقا بېرىپ، ۋەتەننى، مىللەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇشنىڭ يولى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، «تيەنجىن ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمە ئاخباراتى» نىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تيەنجىندىكى «4 - ماي» ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.1920 - يىلىدىن1924 - يىلىغىچە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فرانسىيە ۋە گېرمانىيىگە بېرىپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇغان ھەمدە ياۋروپاغا كەلگەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشچىلار ئارىسىدا ماركسىزمنى تەشۋىق قىلغان.1922 - يىلى فرانسىيىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياۋروپا باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ياۋروپا باش ياچېيكىسىدا رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن.1924 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە1 - جۈن سىياسىي بۇسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ئۇ چېن تۇڭمىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلىرىگە قارىتا قىلىنغان ئىككى قېتىملىق جازا يۈرۈشىگە ۋە گۇاڭجۇ سودىگەرلەر ئىتتىپاقىنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتىش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان.1926 - يىلى شاڭخەيگە بېرىپ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. كېيىنكى يىلى3 - ئايدا، شاڭخەي ئىشچىلىرىنىڭ3 - قېتىملىق قوراللىق قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ غەلىبە قىلغان.1927 - يىلىدىكى بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جۇ ئېنلەي «1 - ئاۋغۇست» نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇشنىڭ تۇنجى پاي ئوقىنى ياڭرىتىپ، خەلق ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان.1928 - يىلىدىن1931 - يىلىغىچە، ئۇ شاڭخەيدە يەر ئاستى كۈرىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، ئاخبارات تورى بەرپا قىلىپ، ئىنقىلابنىڭ خائىن ۋە ساتقۇنلىرىنى يوقىتىپ، ئىنقىلابىي بازىلارنىڭ كۈرىشىگە مەدەت بەرگەن.1932 - يىلى مەركىزىي ئىنقىلابىي بازىغا بېرىپ، جۇ دې بىلەن بىرلىكتە تۆتىنچى قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى تۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ غەلىبە قازانغان.1935 - يىلى ئېچىلغان زۇنيى يىغىنىدا، ماۋ زېدۇڭنىڭ پۈتۈن پارتىيىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى تۇرغۇزۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. يىغىندىن كېيىن، ئۇ ماۋ زېدۇڭغا ھەمكارلىشىپ قىزىل ئارمىيىنىڭ گومىنداڭنىڭ نەچچە100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنىڭ قورشاپ زەربە بېرىشىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشىدە تەشكىلاتچىلىق ۋە قوماندانلىق قىلىپ، نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەت ۋە خېيىمخەتەرنى يېڭىپ،25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرنى غەلىبىلىك تاماملىغان.1936 - يىلى «شىئەن ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ۋاكالىتەن شىئەنگە بېرىپ جياڭ جيېشى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جياڭ جيېشىغا «ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش» تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلدۇرغان ھەمدە »شىئەن ۋەقەسى«نى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تازا ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە، جۇ ئېنلەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئۇزاق مۇددەت تۇرغان. ئۇ دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھ ۋە ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ماۋ زېدۇڭ بىلەن بىللە چۇڭچىڭغا بېرىپ، جياڭ جيېشى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا «گومىنداڭ - كومپارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئۇ چۇڭچىڭ ۋە نەنجىڭدا قېپقېلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رايوندىكى خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىگە پائال مەدەت بەرگەن ۋە رەھبەرلىك قىلغان.1946 - يىلى ئىچكى ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، جۇ ئېنلەي يەنئەنگە قايتىپ كېلىپ، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ باش سەنمۇجاڭى بولغان، كېيىن ماۋ زېدۇڭغا ھەمكارلىشىپ لياۋ شېن، پىڭجىن، خۇەيخەي ئۇرۇشلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭگە تەشكىلاتچىلىق ۋە قوماندانلىق قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشقا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى بولغان. ئۇ جۇڭگونى قۇدرەتلىك سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، كۈندە نۇرغۇن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىنتايىن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن. خەلقئارا ئىشلاردا چوڭ - چوڭ دىپلوماتىيە سىياسەتلىرىنى تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە ئۇلارنى شەخسەن ئىجرا قىلغان.1955 - يىلى، ئۇ تەشەببۇس قىلغان مەشھۇر «تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپى» باندۇڭدا چاقىرىلغان ئاسىيا، ئافرىقا ئەللىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا ئېتىراپ قىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان.1972 - يىلى، ئۇ يەنە ماۋ زېدۇڭغا ھەمكارلىشىپ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان ھەمدە جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، ئۇ لىن بياۋ، جياڭ چىڭ باشچىلىقىدىكى ئىككى ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھ بىلەن تۈرلۈك شەكىلدە كۈرەش قىلغان. كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپ، ھەر ۋاقىت پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غېمىنى يېگەن، خەلقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان، ھەتتا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندىن كېيىنمۇ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرغان.1975 - يىلى چاقىرىلغان مەملىكەتلىك4 - قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيىدا، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن جۇڭگودا سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە پەن - تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان.1976 - يىل1 - ئاينىڭ8 - كۈنى، جۇ ئېنلەي كېسەل سەۋەبىدىن بېيجىڭدا ۋاپات بولغان، جەسەت كۈلى ئۆزىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ۋەتەننىڭ بىپايان تۇپرىقىغا چېچىلغان. ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىدە «خەلقنىڭ ياخشى زۇڭلىسى» دېگەن مەڭگۈلۈك ئابىدىنى تىكلەپ بەردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
جۇ ئېنلەي | UyghurWiki | UyghurWiki