فېڭ زىسەي
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشىدا، دۈشمەننى يۈرەكزادە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ جاسارىتىنى نامايان قىلغان بىر پېشقەدەم سەركەردە بار، ئۇ دەل ۋەتەنپەرۋەر قەھرىمان فېڭ زىسەي (1818 −1903 - يىللار)دۇر.
فېڭ زىسەي چىنجۇ (ھازىر گۇاڭشىغا تەۋە)دىكى نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا تيەندىخۇي قوزغىلىڭىغا قاتناشقان.1862 - يىلى، گۇاڭشىنىڭ ياساۋۇل بەگلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئۇ قورال كۈچى ئارقىلىق چەت ئەللەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەرگە قارىتا تەسلىمچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇشى ئارقىسىدا، ئۇ ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، يەنە كېلىپ، ئۇ ئەمەلدارلار سورۇنىدىكى چىرىكلىك، بۇزۇقچىلىقلارغا تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان، شۇنىڭ بىلەن،1882 - يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن.1884
- يىلى جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندا، چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرغان. ئۇ گۇاڭشى ئارمىيىسىنىڭ ياردەمچى نازارەتچى ئامباللىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئۆزىدىكى كېسەللەر ۋە ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي، فرانسىيە ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپى − جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ گۇاڭشىدىكى چېگرىسى بولغان جېننەنگۇەن (ھازىرقى يۇيىگۇن)گە باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىپ جەڭ قىلغان ھەمدە ئالدىنقى سەپنىڭ سەركەردىلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئۇ ھەرقايسى قىسىملارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇرۇشقا پائال تەييارلىق قىلىپ، ئۆتكەل ئىچىگە زەمبىرەك سۇپىلىرىنى ياساتقان، سېپىل سوقتۇرغان، خەندەك كولاتقان.1885 - يىل3 - ئاينىڭ23 - كۈنى، فرانسىيە ئارمىيىسى جېننەنگۇەنگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قوزغىغان، بەزى دۈشمەن ئەسكەرلىرى سېپىلغا يامىشىپ چىقىشقا باشلىغان، دۇڭلىڭدىكى ئۈچ زەمبىرەك سۇپىسى قولدىن كېتىپ، ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىيلەشكەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، فېڭ زىسەي قاتتىق نەرە تارتقىنىچە خەندەكتىن سەكرەپ چىقىپ، قىلىچىنى ئويناتقىنىچە دۈشمەن ئەسكەرلىرىگە قاراپ ئېتىلغان. قول ئاستىدىكىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھۇجۇمغا ئاتلىنىپ، دۈشمەن بىلەن قۇچاقلاشما جەڭ قىلىپ، دۈشمەن قوشۇنىنى چېكىندۈرگەن.3 - ئاينىڭ25 - كۈنى، فېڭ زىسەي ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، قوشۇننى باشلاپ فرانسىيە ئارمىيىسىگە كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلىۋەتكەن، فرانسىيە ئارمىيىسى1000 دىن ئارتۇق جەسەتنى تاشلاپ لياڭشەن تەرەپكە قاچقان. فېڭ زىسەي غەلىبە پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ دۈشمەنگە قوغلاپ زەربە بېرىپ، لياڭشەن قاتارلىق مۇھىم بازىلارنى قايتۇرۇۋېلىپ، زور نۇسرەت قازىنىپ، ۋەزىيەتتە تۈپ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان. مانا بۇ مەشھۇر جېننەنگۇەن - لياڭشەن زور غەلىبىسىدۇر. لېكىن، يۇمشاق باش چىڭ ھۆكۈمىتى فرانسىيە ئارمىيىسى بىلەن مۇرەسسەلىشىشنى تەلەپ قىلىپ، فېڭ زىسەينىڭ ۋيېتنامدىن قايتىپ كېلىشى ھەققىدە كەسكىن بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئۇ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە كۆپ قېتىم تېلېگرامما يوللاپ مۇرەسسە قىلغۇچىلارنىڭ كاللىسىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ، جەڭنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشى ئارقىسىدا، زار - زار يىغلىغىنىچە قوشۇننى چېكىندۈرۈپ قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يۈننەننىڭ ياساۋۇل بېگى، گۈيجۇنىڭ ياساۋۇل بېگى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن،1903 - يىلى86 يېشىدا ھەربىي لاگېردا قازا قىلغان.