كاڭ يۇۋېي
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
مىلادىيە1895 - يىلى باھاردا، چىڭ ھۆكۈمىتى جياۋۇ ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ، ياپونىيە بىلەن دۆلەتكە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان «ماگۇەن شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، گۇاڭدۇڭ نەنخەيلىك بىر خەتمەكەردە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن بېيجىڭغا ئىمتىھان بەرگىلى كەلگەن1300 دىن ئارتۇق خەتمەكەردە بىلەن بىرلىشىپ، پادىشاھقا نەچچە مىڭ خەتلىك مەكتۇپ سۇنۇپ، شەرتنامىگە ئىمزا قويماسلىقنى، پايتەختنى يۆتكەشنى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى ۋە قانۇننى ئۆزگەرتىپ دۆلەتنى روناق تاپتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. مانا بۇ تارىختىكى مەشھۇر «ھۆكۈمەت مەپىسىدە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ پادىشاھقا مەكتۇپ سۇنۇشى» دۇر. بۇلارنى تەشەببۇس قىلغۇچى كىشى دەل يېڭىلىققا كۆچۈش ۋە قانۇن ئۆزگەرتىش بايراقدارى كاڭ يۇۋېيدۇر.
كاڭ يۇۋېي (1858 −1927 - يىللار) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ نەنخەي دېگەن يېرىدىن. ياش - ئۆسمۈر مەزگىلىدە مۇنتىزىم تەربىيە ئېلىپ، جاھاننىڭ ئىشلىرى بىلەن ھەپىلىشىدىغان جاسارەت يېتىلدۈرگەن.1879 - يىلىدىن باشلاپ غەرب كاپىتالىزم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدە، بارا - بارا قانۇن ئۆزگەرتىش ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن.1888 - يىلى تۇنجى قېتىم پادىشاھقا قانۇن ئۆزگەرتىش توغرىسىدا مەكتۇپ يوللىغان. بىراق، مەكتۇپ پادىشاھنىڭ قولىغا تەگمىگەن.1891 - يىلىدىن باشلاپ، ئۇ گۇاڭجۇدا »ۋەنمۇ ساۋتاڭ« مەكتىپىنى قۇرۇپ، يېڭىلىققا كۆچۈش، قانۇن ئۆزگەرتىش نەزەرىيىسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. «يېڭىدىن ئېنىقلانغان ساختا قەدىمكى كىتابلار ئۈستىدە تەھلىل»، «كۇڭزىنىڭ تۈزۈم ئۆزگەرتىشى ئۈستىدە تەھلىل» دېگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ، كېيىنكى مەزگىلدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ۋە قانۇن ئۆزگەرتىش ھەرىكەتلىرىگە نەزەرىيىۋى ئاساس سالغان.1895 - يىلى، كاڭ يۇۋېي ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى لياڭ چىچاۋ مەشھۇر «ھۆكۈمەت مەپىسىدە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ پادىشاھقا مەكتۇپ سۇنۇشى» ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان، ئۆزىمۇ يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان. كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا، كاڭ يۇۋېي پادىشاھ گۇاڭشۈگە ئىزچىل مەكتۇپ يوللىغاندىن سىرت، يەنە بېيجىڭ، شاڭخەيدە «قۇدرەت تېپىش جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، «جۇڭگو ۋە چەت ئەل خەۋەرلىرى»، «قۇدرەت تېپىش گېزىتى» نى چىقىرىپ، يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنى تەرغىب قىلغان. ئۇ يەنە بېيجىڭدا «ۋەتەننى قوغداش جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، نىزامنامە تۈزگەن، ھەرقايسى جايلاردا شۆبە ئۇيۇشما قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، قانۇن ئۆزگەرتىپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنى مۇراجىئەت قىلغان. ئۇ پادىشاھ گۇاڭشۈگە مەكتۇپ يوللاپ، يېڭىلىققا كۆچۈپ قانۇن ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بايان قىلغان، ۋەزىرلەرنىڭ قەسەم بېرىشىنى، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ئۈستىدە قارار چىقىرىشىنى ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان.1898 - يىل (دېھقانلار كالېندارى بويىچە ۋۇشۈ يىلى)6 - ئاينىڭ11 - كۈنى، گۇاڭشۈ ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ «دۆلەتنى تىنچىتىش» پەرمانىنى چۈشۈرۈپ، قانۇن ئۆزگەرتىشنى جاكارلىغان. ئۇزاق ئۆتمەي، پادىشاھ گۇاڭشۈ تۇنجى قېتىم كاڭ يۇۋېينى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى زۇڭلى يامۇلىنىڭ زەنگىلىكىگە تەيىنلىگەن. قانۇن ئۆزگەرتىش مەزگىلىدە، كاڭ يۇۋېي كەينى - كەينىدىن مەكتۇپ يوللاپ، قانۇن ئۆزگەرتىشنىڭ يېڭى لايىھىسى ۋە تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق پىلانلىغۇچىسى بولۇپ قالغان.9 - ئاينىڭ21 - كۈنى، سىشى تەيخۇ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پادىشاھ گۇاڭشۈنى نەزەربەند قىلىپ، تەن سىتۇڭ قاتارلىق ئالتە كىشىنى قەتل قىلغان. كاڭ يۇۋېي ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن.100 كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشقان قانۇن ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى ئەنە شۇنداق مەغلۇپ بولغان. مانا بۇ تارىختىكى داڭلىق «ۋۇشۈ يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش»، يەنى «100 كۈنلۈك يېڭىلىققا كۆچۈش» ھەرىكىتىدۇر.1889 - يىلى كاڭ يۇۋېي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئوكيان ۋە ياپونىيىدە پادىشاھنى قوغداش ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇشنى تەشۋىق قىلىپ، دېموكراتىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرغان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئۇ كۇڭزىچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا قارشى تۇرغان.1917 - يىلى، جاڭ شۈن قاتارلىقلار بىلەن بىللە چىڭ پادىشاھىنى قايتا تىكلەشنى پىلانلاپ، قورچاق پادىشاھ فۇ يىغا توققۇز قېتىم باش ئۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يېڭىلىققا كۆچۈش، قانۇن ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرىدىن پادىشاھنى قوغداش تەرەپدارلىرىنىڭ كاتتىۋېشىغا ئايلىنىپ قالغان.1927 - يىلى كېسەل سەۋەبىدىن چىڭداۋدا ۋاپات بولغان.