شۈن كۇاڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
شۈن كۇاڭ − ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر ۋە مائارىپشۇناس. ئۇ كۇڭزىچىلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، كېيىن ئالدىنقى چىن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن جۇزىنىڭ ئىلىم ئىدىيىسىنى تەنقىد قىلىپ ۋە يەكۈنلەپ، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرلىرىدىكى ساددا ماتېرىيالىزم ئىدىيىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن.
شۈن كۇاڭ (تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى313 −238 - يىللار) تارىختا شۈەنزى دەپ ئاتالغان، يېغىلىق دەۋرىدىكى جاۋ بەگلىكىدىن. شۇ چاغدا، كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ شۈن چىڭ دەپ ئاتىغان، كېيىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن پادىشاھ بى شۇەن (ئىسمى شۈن) ئۇنىڭ ئىسمىنى سۇن چىڭ دەپ ئۆزگەرتكەن. شۈنزى ياش چېغىدا چى بەگلىكىگە بېرىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ بىلىم ئالغان، چى بەگلىكىنىڭ ئاستانىسى لىڭزى (ھازىرقى شەندۇڭ ئۆلكىسى زىبو شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدا)دىكى سۇ شيا ئوردىسىدا كۆپلىگەن ئىلمىي ئېقىملار ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. كېيىن، مەشھۇر ئالىم بولۇپ، سۇشيادا ئۈچ قېتىم باش ئۆلىما بولغان، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن جايلارنى ئايلىنىپ، چىن بەگلىكى، چى بەگلىكى قاتارلىق جايلارغا بارغان، كېيىن يەنە چۇ بەگلىكىگە بەيئەت قىلغان. شۇ زامانلاردا، چۇ بېگى چۈن شېن باش بولۇپ، مۆتىۋەر، قولىدىن ئىش كېلىدىغان كىشىلەرنى قوبۇل قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنى لەنلىڭ (بۈگۈنكى شەندۇڭ ئۆلكىسى ساڭسەن ناھىيىسىنىڭ لەنلىڭ بازىرى)نىڭ ئامبىلى قىلغان. چۈن شېن ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ ئەمەلدارلىقنى تاشلاپ، ئۆيىدە كىتاب يازغان. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، خەن فېي، لى سىلار ئۇنىڭ داڭلىق شاگىرتلىرىدۇر.
شۈنزى ئاتېئىزمنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ: ئاسمان (تەڭرى) − ئىرادىگە ئىگە بولمىغان تەبىئەت، تەبىئەتنىڭ بەلگىلىك ھەرىكەت قانۇنىيىتى بار، بۇنداق قانۇنىيەت ئىنسانلار جەمئىيىتىدە شياڭ ياۋغا ئوخشاش ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ بولغىنىغا ئوخشاش مەۋجۇت بولۇپ، شياڭ جيېغا ئوخشاش يامان كىشىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن يوقىلىپ كەتمەيدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇ يەنە «ئىلاھىيەت بىلەن ئىنسانىيەتنى ئايرىش» نۇقتىئىنەزىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەڭرى ئىنسانىيەتنى باشقۇرالمايدۇ، تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ ئۆزگىرىشلىرى ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئىنسانلارمۇ ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ ئىرادىسىنى تەبىئەتكە تاڭالمايدۇ، ئىنسانلار تەبىئەتنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، توغرا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدۇ، ئۇنداق قىلمايدىكەن، ئىشنى بۇزىدۇ، دەپ قارىغان.
ئۇنىڭ «ئىلاھىي تەقدىرنى بويسۇندۇرۇش ۋە خىزمەت قىلدۇرۇش» تىن ئىبارەت ئادەم تەبىئەت ئۈستىدىن مۇقەررەر غەلىبە قىلىش ئىدىيىسى تېخىمۇ قىممەتلىكتۇر. ئۇ ئادەم كۈچى تەبىئەتنى بويسۇندۇرالايدۇ، «تەقدىر» نى بويسۇندۇرالايدۇ، تەبىئەتنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ قارىغان. بۇنىڭدىن2000 يىل ئىلگىرى، شۈن كۇاڭنىڭ مۇنداق ساددا ماتېرىيالىزم نۇقتىئىنەزىرىنى ئوتتۇرىغا قويالىشى ناھايىتى قىممەتلىكتۇر.
شۈنزى يەنە «يامان تەبىئەتلىك بولۇش نەزەرىيىسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئادەمنىڭ تەبىئىتى يامان بولىدۇ، دەپ قارىغان. مۇنداق «يامان تەبىئەتلىك بولۇش نەزەرىيىسى» مۇ مېڭزىنىڭ «ئادەم تۇغۇلۇشىدىن ئاق كۆڭۈل بولىدۇ نەزەرىيىسى» گە ئوخشاش بىر خىل ئابستراكت ئىنسان تەبىئىتى نەزەرىيىسى ھەم ئىدېئالىزم ئىدىيىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ «يامان تەبىئىتى» نى تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان.
شۈنزى تەلىم - تەربىيە توغرىسىدا نۇرغۇن مۇپەسسەل بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. «شۈنزى» دېگەن كىتابتىكى «نەسىھەت ئىلمى» دېگەن بىرىنچى ماقالىدە مەخسۇس تەربىيە ۋە ئۆگىنىش مەسىلىسى سۆزلەنگەن. بۇ ماقالىنىڭ بېشىدىلا: «شاھلار ئېيتىدۇرلەركى: ئۆگىنىشنىڭ چېكى يوقتۇر، قارا كۆكتىن چىقىدۇ، ئەمما كۆكنى بېسىپ چۈشىدۇ، مۇز سۇنىڭ مۇزلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، ئەمما سۇدىن سوغۇق بولىدۇ» دەپ ئېيتقان. ھازىر ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان «شاگىرتى ئۇستازىدىن ئېشىپ چۈشمەك» دېگەن ئىدىئوم ئەنە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان.