UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىجۇ دې

جۇ دې

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى جۇ دې (1886 −1976 - يىللار) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەشھۇر رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. سىچۇەننىڭ يىلۇڭ دېگەن يېرىدىكى ياللانما دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن باشلاپ بېرىلىپ ئوقۇپ، ۋەتەننى، مىللەتنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئىزدەنگەن.1909 - يىلى يۈننەن جياۋۇ مەكتىپىگە ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىي ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىگە قاتناشقان.1911 - يىلى شىنخەي ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، يۈننەن قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ھەمدە قوشۇنغا ئەگىشىپ سىچۇەنگە بارغان.1915 - يىلى يۈننەندە سەي ئې رەھبەرلىكىدىكى يۈەن شىكەيگە جازا يۈرۈشى قىلغان دۆلەتنى قوغداش قوشۇنىنىڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ھەمدە دۆلەتنى قوغداش قوشۇنىنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىش لىنىيىسىدىكى تايانچلاردىن بولۇپ قالغان.1917 - يىلى، ئۇ يەنە سىچۇەندە دۈەن چىرۇيگە جازا يۈرۈشى قىلىنغان قانۇننى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان، كېيىن گېرمانىيىگە بېرىپ ئوقۇغان.1922 - يىلى جۇ دې گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، كېيىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.1925 - يىلى يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ موسكۋا شەرق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان.1926 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇزاق ئۆتمەي بۇيرۇققا بىنائەن نەنچاڭغا بېرىپ، مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە3 - جۈنىنىڭ ئوفىتسېر تەربىيىلەش ئۆمىكىنى قۇرغان.1927 - يىلىدىكى بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ جۇڭگو ئىنقىلابىنى قۇتقۇزۇ پ قېلىش ئۈچۈن، جۇ ئېنلەي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە «1 - ئاۋغۇست» نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ،9 - ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن جۈنجاڭى بولغان ھەمدە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ1 - پاي ئوقىنى ئاتقان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ قالدۇق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ شياڭنەن قوزغىلىڭىنى كۆتۈرۈپ، ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرغان.1928 - يىلى4 - ئايدا، قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ جىڭگاڭشەنگە چىقىپ، ماۋ زېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى قوشۇن بىلەن ئۇچرىشىپ، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسىنىڭ4 - جۈنىنى قۇرۇپ، بۇ جۈننىڭ جۈنجاڭى بولغان.1930 - يىلىدىن باشلاپ قىزىل ئارمىيە1 - جۈنتۇەنىنىڭ جۈنتۇەنجاڭى،1 - يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، قىزىل ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى، جۇڭخۇا سوۋېت ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ۋە ماۋ زېدۇڭ بىلەن بىرلىكتە قىزىل ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ1 -،2 -،3 - قېتىملىق قورشاپ يوقىتىشقا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، جۇ ئېنلەي بىلەن بىرلىكتە قىزىل ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ،4 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.1934 - يىلى10 - ئايدا، ئۇ25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان. بۇ جەرياندا جاڭ گوتاۋ بۆلگۈنچى گۇرۇھىنىڭ پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلغان.1937 - يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، جۇ دې8 - ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئۇ8 - ئارمىيىنى باشلاپ دۈشمەن ئارقا سېپىگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كەڭ بازا قۇرغان. ياپون جاھانگىرلىكىگە قارشى سەككىز يىللىق ئۇرۇش داۋامىدا، ئۇ ماۋ زېدۇڭ بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ئازاد رايونلاردىكى جەڭ مەيدانلىرىدا ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ، ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن جاپالىق جەڭ قىلىپ، ياپون ئالۋاستىلىرىنى مەغلۇپ قىلىشتا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جۇ دې جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئۇ ماۋ زېدۇڭ بىلەن بىرلىكتە لياۋ شېن، پىڭجىن، خۇەيخەيدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭگە تەشكىلاتچىلىق ۋە قوماندانلىق قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈشىگە قوماندانلىق قىلىپ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە زور تۆھپە قوشقان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇ دې مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.1954 - يىلى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. مەملىكەتلىك2 -،3 -،4 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى بولغان.1955 - يىلى ئۇنىڭغا جۇمھۇرىيەتنىڭ مارشالى دېگەن ھەربىي ئۇنۋان بېرىلگەن. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، ئۇ لىن بياۋ بىلەن جياڭ چىڭ باشچىلىقىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھ بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلغان. جۇ دې جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن بارلىق زېھنىي كۈچىنى خالىس تەقدىم قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.1976 - يىل7 - ئاينىڭ6 - كۈنى بېيجىڭدا ۋاپات بولغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
جۇ دې | UyghurWiki | UyghurWiki