چېن دۇشيۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
چېن دۇشيۇ (1879 −1942 - يىللار) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تۇنجى باش شۇجىسى.
چېن دۇشيۇنىڭ ئەسلىي ئىسمى چىڭتۇڭ، تەخەللۇسى جۇڭفۇ. ئەنخۇينىڭ خۇەينىڭ دېگەن يېرىدىن. دەسلەپتە ياپونىيىگە بېرىپ ئوقۇغان، كېيىن ئىنقىلابىي پارتىيىدىكىلەر بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.1915 - يىلى شاڭخەيدە «يېڭى ياشلار» ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، دېموكراتىيە، ئىلمىيلىقنى بايراق قىلىپ، فېئوداللىق مۇستەبىت تۈزۈمنى ۋە كۇڭزىچىلىقنى تەنقىد قىلغان. بۇ ژۇرنالنىڭ چىقىرىلىشى «4 - ماي» يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ قوزغالغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە بىر مەيدان ئىدىيىنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان.1917 - يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى سەي يۈەنپېينىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولغان.1918 - يىلى لى داجاۋ بىلەن بىللە ئەينى چاغدىكى سىياسىي ئەھۋالنى تەنقىدلەش ئالاھىدىلىك قىلىنغان «ھەپتىلىك ئوبزور» ژۇرنىلىنى چىقارغان.1919
- يىلى «4 - ماي» ھەرىكىتى پارتلىغاندا، ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە ئاتلىنىپ، ئارقا - ئارقىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ، بېيياڭ ھۆكۈمىتىنى پاش قىلغان، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قوللاپ، «4 - ماي» ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى بولۇپ قالغان ھەمدە «4- ماي» ھەرىكىتى مەزگىلىدىكى باش قوماندان دەپ تەرىپلەنگەن.1919 - يىلى6 - ئايدا، بېيياڭ ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى قولغا ئالغاندا، چېن دۇشيۇ بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، «بېيجىڭ خەلقىنىڭ خىتابنامىسى» نى تۈزۈپ، ئاممىغا تارقىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئەكسىيەتچى ساقچى، ھەربىيلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ،83 كۈن تۈرمىدە ياتقان.
«4 - ماي» ھەرىكىتىدىن كېيىن، چېن دۇشيۇ داڭلىق ماركسىزمچى بولۇپ قالغان.1920 - يىلى، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ياردىمىدە شاڭخەي كوممۇنىزمچىلار گۇرۇپپىسىنى قۇرغان، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى ئاساسلىق قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، لى داجاۋ بىلەن بىللە «جەنۇبتا چېن دۇشيۇ، شىمالدا لى داجاۋ بار» دەپ تەرىپلەنگەن.1921
- يىلى7 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك1 - قۇرۇلتىيى شاڭخەيدە ئېچىلغان. شۇ چاغدا گۇاڭجۇدا تۇرۇۋاتقان چېن دۇشيۇ «4 - ماي» ھەرىكىتىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى تەسىرىگە تايىنىپ مەركىزىي بيۇرونىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىشقا باشلىغان، كېيىن مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن.1924 - يىلى كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭ ھەمكارلاشقان دەسلەپكى مەزگىلدە، گومىنداڭ ئوڭچىللىرىنىڭ ھۇجۇمىغا قايتۇرما زەربە بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان. مىللىي ئىنقىلابنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، گومىنداڭنىڭ ئوڭچىل كۈچلىرى ئۈزلۈكسىز زورىيىشقا باشلىغان، بۇنىڭ بىلەن، چېن دۇشيۇدىمۇ تەدرىجىي سولچىل ئىدىيە باش كۆتۈرۈپ چىققان ھەمدە پۈتۈن پارتىيىگە سولچىل تەسلىمچىلىك لۇشيەنى ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، گومىنداڭ ئوڭچىلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، ئۇلارغا يول قويۇپ، ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن، ئەڭ ئاخىرىدا بۈيۈك ئىنقىلابنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.1927
- يىلى7 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى قايتىدىن تەشكىللەنگەندە، چېن دۇشيۇ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن توختىتىپ قويۇلغان. لېكىن، ئۇ سەۋەنلىكىنى بوينىغا ئالمىغاچقا،1929 - يىلى11 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن.1931 - يىلى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى سولچىل ئۆكتىچىلەر مەزھىپى» نىڭ باش شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن.1932 - يىلى، شاڭخەيدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىپ،1937 - يىلى8 - ئايدا تۈرمىدىن چىققان. ئۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بەرگەن ئەمەلنى رەت قىلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۆز سەۋەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، پارتىيىگە قايتىپ كېلىش ھەققىدىكى تەكلىپنىمۇ قوبۇل قىلمىغان. ئەڭ ئاخىرىدا سەرسان - سەرگەردان بولۇپ، سىچۇەنگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئىدىيىۋى ئېقىمدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىغان.1942 - يىلى نامراتلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن، سىچۇەننىڭ جياڭلۈ دېگەن يېرىدە ۋاپات بولغان.