UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىشۆ رېنگۇي

شۆ رېنگۇي

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى مىلادىيە662 - يىلى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ گاۋزۇڭ خانى شۆ رېنگۇي (614 −683 - يىللار) گە تەڭرىتاغقا يۈرۈش قىلىپ، توققۇز تۈرككە زەربە بېرىش پەرمانىنى چۈشۈرىدۇ. سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا، تاڭ گاۋزۇڭ ئۇنى ساۋۇتقا ئوق ئېتىپ بېقىشقا بۇيرۇپ: «قەدىمكى زاماندا يادىن ئوق ئېتىشقا ماھىر كىشىلەر يەتتە قەۋەت ساۋۇتنى تېشىۋەتكەنىكەن، سەن بەش قەۋەتنى تېشىۋېتىشنى سىناق قىلىپ باققىن» دېگەن. شۆ رېنگۇي بىر ئوق بىلەن ساۋۇتنى تېشىۋەتكەن، گاۋزۇڭ خان ناھايىتى ھەيران بولۇپ، يەنە تېخىمۇ چىڭ ساۋۇتتىن بىرنى ئەكەلدۈرۈپ ئۇنىڭغا ئىنئام قىلغان. توققۇز تۈرك قوشۇنى تاڭ قوشۇنلىرى بىلەن تۇتۇشۇپ قالغاندا، بىرقانچە ئون باتۇرنى جەڭگە چىقارغان، شۆ رېنگۇي ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ پاي ئوق ئۈزۈپ، ئۈچ ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، قالغانلىرى ئاتتىن چۈشۈپ تەسلىم بولغان. شۆ رېنگۇي توققۇز تۈركنى تىنچىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۈچ ئاقساقىلىنىلا تۇتۇپ ئوردىغا قايتقان. تاڭ قوشۇنى: «سانغۇنىمىز تىنچىتتى تەڭرىتاغنى ئۈچ ئوق بىلەن، جەڭچىلەر ياڭرىتىپ زەپەر مارشىنى ئۆتتى خەنگۇەندىن» دەپ ناخشا ئېيتقان. شۆ رېنگۇينىڭ ئىسمى لى بولۇپ، فېڭجۇ ئايمىقىنىڭ لۇڭجىن دېگەن يېرىدىن (ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ خېجىن دېگەن يېرىدىن). دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئاتلىق ئۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تەيزۇڭ لياۋدۇڭنى ئىستېلا قىلغاندا لەشكەر بولغان. تاڭ قوشۇنى ئەنشى شەھىرى (ھازىرقى لياۋنىڭ ئۆلكىسى خەيچېڭ شەھىرى)نى قوشقاندا، كورېيە250 مىڭ لەشكەرنى ياردەمگە ئەۋەتىپ قورشاۋنى بۆسۈۋەتمەكچى بولغان. ئىككى قوشۇن جەڭ قىلغاندا، شۆ رېنگۇي ئاق تون كىيىپ، قولىغا تەبەر ئېلىپ، بېلىگە كامان ئېسىپ، دۈشمەن ئىستىھكاملىرى ئارىسىدا قىر - چاپ قىلىپ، ئالدىغا كەلگەن دۈشمەننى قىرىپ تاشلىغان، ئارقىدىنلا تاڭ قوشۇنلىرى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ كورېيە قوشۇنلىرىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. ئوڭ ئوق قوشۇن يانداش كەپتاۋۇل سانغۇنى ئۇنى ماختاپ: «مەن لياۋدۇڭنى ئېلىشقا خۇشتار ئەمەس، بەلكى سانغۇنغا ئېرىشىشكە خۇشتار» دېگەن. تاڭ گاۋزۇڭ تەختتىكى چاغدا، شۆ رېنگۇي غەربىي تۈرك ۋە كورېيىگە قارشى قىلغان ئۇرۇشلىرىدا نۇرغۇن قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. بىر يىلى ئۇ2000 ئادەمنى باشلاپ، جىڭسەندە كورېيىنىڭ چوڭ قوشۇنى بىلەن قاتتىق ئېلىشقان. ئۇ ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان، ئاندىن قوشۇننى باشلاپ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، فۇيۈ (ھازىرقى جىلىن ئۆلكىسىدىكى نۇڭئەن) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننىڭ10 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقاتقان. شۆ رېنگۇي فۇيۈ شەھىرىنى ئالغاندىن كېيىن، فۇيۈشەن رايونىدىكى40 نەچچە شەھەر - قەلئە ئۇنىڭغا ئەل بولغان.668 - يىلى، كورېيە گۇمران بولغان. شۆ رىنگۇي ئاجايىپ خىزمەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئوڭ ئوق قوشۇنىنىڭ ئۇلۇغ سانغۇنى، قوشۇمچە ئەندۇكاڭغا قورۇقچىبەگ بولۇپ، پيۇڭياڭنى ساقلىغان. مىلادىيە670 - يىلى، شۆ رېنگۇي لوسا ئايمىقى جاغداۋۇل قوشۇنىنىڭ بۈيۈك باشبۇغى بولۇپ، قوشۇننى باشلاپ تۈبۈتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. ئورۇنباسار باشبۇغ ئۇنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنمىغانلىقتىن، تاڭ قوشۇنى قاتتىق مەغلۇپ بولغان. شۆ رېنگۇي ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغان، كېيىن يەنە ئىشقا قويۇلۇپ، لياۋدۇڭ (شەرقىي لياۋ)نى مۇھاپىزەت قىلغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى