UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىياۋ چۇڭ

ياۋ چۇڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى تاڭ كەييۇەننىڭ4 - يىلى (716 - يىلى) شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردا چېكەتكە ئاپىتى يۈز بېرىپ، چېكەتكە ھەممە يەردە زىرائەتلەرنى يەپ كېتىدۇ. پۇقرالار «چېكەتكە ئەۋلىيا» نى رەنجىتىشتىن قورقۇپ، كۈجە كۆيدۈرۈپ، باش ئۇرۇشتىن باشقا ئىشنى قىلالمايدۇ، ئەمەلدارلارمۇ ئامال قىلالماي، قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ چاغدا، ۋەزىر ياۋ چۇڭ (650 −721 - يىللار) باشقىلارنىڭ گېپىگە پىسەنت قىلماي، كىشىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، چېكەتكە يوقىتىشنى قەتئىي تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، جايلار «كېچىدە ئوت يېقىش، ئوت ئەتراپىغا ئازگال كولاش» چارىسىنى قوللىنىپ چېكەتكە يوقىتىدۇ. پەقەت بىر بيەنجۇ ئايمىقىدىلا140 مىڭ دەن (بىر دەن60 كىلوگرامغا تەڭ) چېكەتكە يوقىتىلىدۇ. نەتىجىدە، قەھەتچىلىكنىڭ خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ياۋ چۇڭ شەنشى شاشى (بۈگۈنكى خېنەن ئۆلكىسى سەنمېنشيا رايونى)دىن بولۇپ، ئەمەلدار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئۇ ياش ۋاقتىدا بىكار تەلەپ بولۇپ يۈرۈپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىجتىھات بىلەن ئوقۇپ، كېيىنرەك ياراملىق كىشى بولغان. ۋۇ زېتيەن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرى رۇيزۇڭ ۋە شۇەنزۇڭ قاتارلىق پادىشاھلارنىڭ ۋەزىرى بولغان. تۇنجى قېتىم ۋەزىر بولغاندا50 ياشلارغا كىرگەن. ئۇ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ بوھتان چاپلاش ئارقىلىق پەيدا قىلىنغان بىرقانچە ناھەقچىلىك دېلوسىدىن نارازى بولۇپ، گەپنى يوشۇرمايلا دەپ ۋۇ زېتيەننى تەنقىد قىلىپ، كۈمۈش بىلەن تارتۇقلانغان. ئىككىنچى قېتىم ۋەزىر بولغاندا، دائىم سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىدىغان مەلىكە تەيپىڭگە مەكتۇپ سۇنۇپ، ئۇنى شەرقىي ئاستانىگە كۆچۈشكە دەۋەت قىلىپ، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاتقان بولسىمۇ، ئەمما ۋەزىپىسى تۆۋەنلىتىۋېتىلگەن. ئۈچىنچى قېتىم ۋەزىر بولغاندا، مەكتۇپ سۇنۇپ ئەمەلدارلار ۋە مەرتىۋىسى يۇقىرى جەمەت - تۇغقانلارنىڭ ئوردا ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى مەنئى قىلىشنى، بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى سېلىشنى مەنئى قىلىشنى، ۋەزىر - ۋۇزرالارنىڭ مەسلىھەت - تەكلىپ بېرىشى قاتارلىق ئون ئىشنى تارتۇقلاش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. بۇ مەزگىل ئۇنىڭ40 نەچچە يىللىق ئەمەلدارلىق ھاياتىدا ئەڭ كۆپ نەتىجە قازانغان مەزگىلى بولغان. ياۋ چۇڭ تاڭ شۇەنزۇڭغا ياردەملىشىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلغاندا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالىغان، خاننىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىمۇ ئاياپ ئولتۇرمىغان. شۆ خانى لى يېنىڭ تاغىسى ۋاڭ شيەنتۇڭ ھوقۇقىغا تايىنىپ ئۆكتەملىك بىلەن قانۇنسىزلىق قىلىپ ئەمەلدارلارنىڭ ئەرز قىلىشىغا ئۇچرىغاندا، تاڭ شۇەنزۇڭ ۋاڭ شيەنتۇڭغا كەڭچىلىك قىلىپ جازانى كەچۈرۈم قىلىش توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن. ئەمما ياۋ چۇڭ قەتئىي يول قويماي، قانۇن بويىچە جازالاشتا چىڭ تۇرغاچقا، پادىشاھنىڭ تۇغقانلىرى ھەيۋىسىنى يىغىشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ياۋ چۇڭ يەنە شۇەنزۇڭغا مۇھاپىزەتچى قوشۇننى باشقۇرىدىغان سىپاھلىققا يەرلىك ئەمەلدارلارنى قويۇپ، ئۇلارنى مائاشتىنلا بەھرىمەن قىلىشنى، ھەربىي، سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشتۇرماسلىقنى؛ يىراق تۇغقانلىرىغا چوڭ ئەمەل بەرمەسلىكنى، ئەمىلى ۋە ھوقۇقى چوڭ، يۈز تاپقان تۆھپىكارلارنى سىرتقا ئەۋەتىپ ۋەزىپىگە قويۇشنى تەۋسىيە قىلغان. شۇنداق قىلىپ، ياۋ چۇڭ مەركەز ھاكىمىيىتىدە مالىمانچىلىق پەيدا قىلىدىغان يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى تۈگىتىپ، «زاماننى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرغۇچى ۋەزىر» دېگەن نامنى ئالغان. ياۋ چۇڭ ئەمەلدارلارنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. تاڭ جۇڭزۇ زامانىسىدا ئەمەل پۇلغا سېتىلىپ، يانتۇ پېچەتلەنگەن يارلىق چۈشۈرۈش شەكلى بىلەن پەرمان چۈشۈرۈلۈپ ۋەزىپىگە تەيىنلىنەتتى. شۇ چاغدا بۇ «يانتۇ پېچەتلىك پەرمان ئەمەلدارى» دەپ ئاتىلاتتى. ياۋ چۇڭ يانتۇ پېچەت پەرمان بىلەن ئەمەلدار تەيىنلەش تۈزۈمىنى تامامەن ئەمەلدىن قالدۇرغان ھەمدە تاڭ شۇەنزۇڭنى مۇنداق پەرمانلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر قىلغان. ئۇ پاك ئەمەلدارلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، ئەمەلدارلاردىن ئادىل ۋە ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، باج - سېلىقنى يېنىكلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بەرگەن. ئۇ پەرمان چۈشۈرۈپ شەيخ - راھىبلار، ئايال راھىبەلەردىن12 مىڭنى قىسقارتىپ، ئۇلارنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتكەن. سۇڭ جىڭنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا ۋەزىر بولۇشقا كۆرسەتكەن، شۇڭا شۇ چاغلاردا « ياۋ - سۇڭ ۋەزىر» دەپ ئاتىلىپ، «كەييۈەن ئىسلاھاتى» نى يولغا قويغان.720 - يىلى تاڭ شۇەنزۇڭ ياۋ چۇڭغا ئەڭ ئالىي پەخرىي ئەمەل − «سەنگۇڭ» لۇقنى بەرگەن بولسىمۇ، ياۋ چۇڭ بۇنداق ئالىي شەرەپنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىغان، كېيىنكى يىلى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
ياۋ چۇڭ | UyghurWiki | UyghurWiki