ماخۇسەن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
ماخۇسەن گەنسۇلۇق خۇيزۇ. ئۇ ماجۇڭيىڭ بىلەن بىر يۇرتلۇق ھەم ماجۇڭيىڭنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرى.
ماخۇسەن 1931 - يىلى ماجۇڭيىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىققان. ئۇ، ماجۇڭيىڭنىڭ ياراملىق چاپارمىنى ۋە 36 - دىۋىزىيە تەمىنات باشلىقى ئىدى. ماجۇڭيىڭ شېڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەندە، كېلىشىمگە ئاساسەن ماخۇسەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەرلىك قوزغىلاڭچىلارنى بېسىقتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغان، ئۇ قارا شەھەردىن تا قەشقەرگە بارغىچە يەرلىك قوشۇنلاردىن ئۈزۈلدۈرمەي زەربە يەپ، قەشقەردە ئازغىنە ۋاقىت تۇرۇپ ئۆزىنى ئوڭلاپ ئالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يامان غەرىزى ئەمەلگە ئاشمىغان. مۇھىمى، ئۇ خوجايىنى ماجۇڭيىڭنىڭ بارارغا جاي تاپالماي پىتىرلاپ ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن جىم بولغان. بىراق، ماجۇڭيىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن پاناھلىق ئىزدىگەندە قانداقتۇر ئۇنىڭغا بولغان زور ئىشەنچى بىلەن ماخۇسەننى 36 - دىۋىزىيىنىڭ قوماندانى قىلىپ خوتەندە تۇرۇش (شېڭ شىسەي بىلەن ماجۇڭيىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن ئۇنى خوتەنگە چېگرا مۇداپىئە قوماندانلىقىغا) قا ئەۋەتكەن. بۇ كۈنلەردە شېڭ شىسەي ۋە ماجۇڭيىڭ ئۈچۈن ئەڭ خەۋپلىك بولغان كۈچ جەنۇبىي شىنجاڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق مەھمۇت مۇھىتى (مەھمۇت شىنجاڭ) نى يوقىتىپ، شېڭ شىسەي بىلەن تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش ۋەزىپسىنى تاپشۇرۇۋالغان. بىراق، ۋەزىيەت ماخۇسەنگە شارائىت يارىتىپ بەرمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خوجايىنى ماجۇڭيىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا پاناھلانغاندىن كېيىن قانداقتۇر بىر خىل بىلىپ بولمايدىغان «ئوي» بىلەن مەھمۇت مۇھىتىغا قاراتقان تىخ ئۇچىنى شېڭ شىسەيگە قاراتتى. لېكىن يەنىلا مىلتارىستلىق قارانىيىتىنىڭ ۋەسۋەسىسىدە «خوجايىن بولۇش» سۈيىقەستى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى ۋە قوزغىلاڭچى يەرلىك سۈيىقەستى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى ۋە قوزغىلاڭچى يەرلىك قوشۇنغا كۆرۈنۈشتە دوست بولۇپ، ئارقىسىدىن يوشۇرۇن خەنجەر ئۇرۇش نىيىتىدە بولۇپ يۈرگەن.
1934 - يىلى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ماخۇسەندىن ئۆز قىسىمىنى باشلاپ خوتەنگە يۈرۈش قىلىپ قارىقاش ناھىيسىنىڭ زاۋا دېگەن يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، كالتەك - چوماق بىلەن قوراللانغان خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن بىر كۈن ئۇرۇش قىلىپ كۆپلىگەن خەلقنى قىرىپ تاشلىدى. ئارقدىنلا خوتەن شەھىرىگە بېسىپ كىردى. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى 1934 - يىلى 7 - ئايدىن 1937 - يىلى 10 - ئايغىچە ئۈچ يىل تۆت ئاي خوتەندە قانلىق ھۆكۈمرانلىق ئادەملىرى بىلەن چەت ئەلگە كەتتى. بۇ چاغدا ماخۇسەن مەھمۇت مۇھىتى قالدۇرۇپ قويغان قوشۇننىڭ قاپ يۈرەك سىجاڭى ئابدۇنىياز بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، شېڭ شىسەيگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، شېڭ شىسەي قوشۇنلىرىغا نۇرغۇن تالاپەت يەتكۈزدى. ئامالسىز قالغان شېڭ شىسەي سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋا، قۇرۇقلۇق قىسىملىرى (بۇ قىسىم قىرغۇچى ئايروپىلان، تانكا، برونىك ۋە ئاتاقلىق قىسىمىدىن تەركىب تاپقان) نىڭ كۈچلۈك ياردىمى ۋە قىرغىز قوشۇنلىرىغا ماسلىشىشى بىلەن ماخۇسەن قوشۇنىغا قوغلاپ زەربەى بېرىپ تارمار قىلدى.
ئامالسىز قالغان ماخۇسەن نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىن بولۇپمۇ خوتەن دىيارىدىن بۇلاپ - تالىغان ئالتۇن - كۈمۈشلىرىنى ئېلىپ قاغىلىقتىن ھىندىستانغا قاراپ قاچىدۇ. ماخۇسەن ھەمرالىرى بىلەن چېگىرىدىن ئۆتكەندە كۈمۈشلىرىنى تۇتۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماخۇسەن بۇلاپ - تالىغان ئالتۇن كۈمۈشىدىن ئايرىلىپ كىشىلەر كۆزىدىن غايىپ بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ شىنجاڭ خەلقى جۈملىدىن خوتەن خەلقىگە قىلغان قانلىق قىرغىچىلىق ئازاب - ئوقۇبەتلىرى خەلق ئېسىدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ. ھېلىمۇ تۆت ئادەم ئولتۇرغان جايدا ماخۇسەننىڭ زۇلۇمى بايان قىلىنسا ئەينى ۋاقىتتا خەلقلەر زۇلۇمغا چىدىماي ئوقۇغان قوشاقلار تەكرار - تەكرار ئوقۇلىدۇ.
* * *
ماخۇسەن خوتەننى ئىشىغال قىلغاندىن كېيىن، ماخۇسەن قوشۇنلىرى 1934 - يىلى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى قارىقاش ناھىيىسىنىڭ زاۋا دېگەن يېرىدە كالتەك - چوماق تۇتقان خوتەن ئىسلام قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن بىر كۈن جەڭ قىلىپ، قوزغىلاڭچىلارنى يېڭىپ خوتەنگە بېسىپ كىرىپ، ئارقىدىنلا يەتتەلۇي (بىرىگادا) ئەسكەرنى خوتەنگە يۆتكەپ كېلىپ، قاغىلىقتىن چەرچەنگىچە بولغان جايلاردا تۇرغۇزۇپ، خوتەنگە قاراشلىق بولغان قاغىلىق، گۇما، قارىقاش، خوتەن، لوپ، چىرىيە، كىرىيە، نىيە، چەرچەن قاتارلىق توققۇز ناھىيىدە ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت قۇرىدۇ.
ماخۇسەننىڭ قوشۇنىدا: 1 . ھەربىي لاۋازىمەت باشقارمىسى؛ 2 . ھەربىي ئەسلىھە باشقارمسى؛ 3 . ھەربىي قانۇن باشقارمىسى؛ 4 .مەھرەم باشقارمىسى؛ 5 . سىياسىي تەلىم - تەربىي باشقارمىسى؛ 6 . ھەربىي ئات - ئۇلاغ باشقارمىسى؛ 7 . ھەربىي دوختۇرلۇق باشقارمسى؛ 8 . مەسلىھەتچىلەر باشقارمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ قىسىمىدا پىيادە ئەسكەرلەر قىسمى، توپچىلار قىسىمى، مىلتىقچىلار قىسىمى، ساقچى قىسىمى، ئاتلىق قىسىم، قىلىچ - نەيزە قىسىمى قاتارلىق مۇنتىزىم قىسىملار بارئىدى. ماخۇسەن قاغىلىق، گۇما، قارىقاش، لوپ، كىرىيەدە بىردىن ئىككىگىچە لۇي ئەسكەر تۇرغۇزدى.
ماخۇسەننىڭ خوتەندىكى ئومۇمىي ئەسكىرى 13000 دىن ئېشىپ كەتكەنىدى. بۇ ئەسكەرلەر ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتنى قوغداشتىن باشقا بۇلاڭچىلىق، باسقۇنچىلىق، قاتىللىق، ئالتۇن، قاش تېشى كولاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. بۇلارنىڭ %70 تى ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان ئۇيغۇر، قالغىنى خۇيزۇ، خەنزۇ، زاڭزۇلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بەنجاڭدىن يۇقىرى بولغان %80 نى تەشكىل قىلاتتى.
ماخۇسەن خوتەندە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەندە ئۆز ئالدىغا پۇل تارقاتقان. بۇ پۇللار خام قەغەز (خوتەن قەغىزى) دە ئىشلەنگەن پۇل يەنى ياغ تىز( قاتارلىقلار ۋە داچەن )مىس( پۇلمۇ خەجلەنگەن. يەنە ماخۇسەن تارقاتقان پۇللار ئالتۇن، كۈمۈش، يامبۇغا ئالماشتۇرۇلۇپ، ئالتۇن - كۈمۈش ماخۇسەن خەزىنىسىگە كىرگەن. لاتا - قەغەز پۇل بازاردا ئايلىنىپ خەلق ئىقتىسادىي خارابلاشقان.
ماخۇسەننىڭ خوتەن خەلقىگە سالغان ئالۋان سېلىقى 40 خىلدىن ئاشقان ئىدى. بۇ ئالۋان - ياساقلار ئىچىدە ماخۇسەن ئاتلىرىنى سەمىرىتىش ئۈچۈن قويغان پىت سېلىغىمۇ بار ئىدى.
سېلىقلار:
1 . غەللە (يەرگە قۇيۇلغان ئاساسلىق باج)؛
2 . ئۆشرە (مۇسۇلمانچىلىق قائىدىسىدىكى ئوننىڭ بىرىنى بېرىش)؛
3 . دەن ئاشلىقى (بىر دەن ئون چارەك)؛
4 . چۆرىمە ئاشلىق (بوغازغا كېلىدىغان ئاشلىق)؛
5 . ھەر مو يەرگە كەلگەن بۇغداي، قوناق، گۈرۈچ،ئارپا (ئاتلىرىنى سەمىرىتىش ئۈچۈن)؛
6 . كېپەك (ئاتنى بېقىش ئۈچۈن)؛
7.ئوتۇن، سامان، پىچاق (ئات - ئۇلاغلار ئۈچۈن)؛
8 . ئالتۇن، كۈمۈش (يامبۇ)؛
9 . خام، چەكمەن، پاختا يىپ (كىيىم - كېچەكلىرى ئۈچۈن)؛
10 . خۇرۇم، چەم، كۆن، تېرە (ئاياغلىرى، ئات جابدۇقلىرى ئۈچۈن)؛
11 . يۇڭ، يۇڭ يىپ (يوتقان، كۆرپە، گېلەم ھەم ياتاق خۇرجۇنى ئۈچۈن)؛
12 . تۆمۈر، مىس، چۆيۈن، قوغۇشۇن، قەلەي، تۇچ، پولات (ئاتلىرى ئۈچۈن يۈگەن، تاقا، قىلىچ، كوكەر،مىستەك، بومبا ياساش ئۈچۈن)؛
13 . ئارغامچا (ئادەم باغلاش، ئاتلىرىنى باغلاش ئۈچۈن)؛
14 . تاغار، چوڭ - كىچىك خۇرجۇم (ئەسكەرلىرىگە ئاشلىق توشۇش، ئاتلىرىغا سامان، پىچان تۇشۇش ئۈچۈن)؛
15 . چىنە، قاچا، لىگەن، پەتنۇس، چەينەك، چۈمۈچ، چۈمۈچ، مەش، تۇڭزا، ئاياق - قوشۇق.
16 . كاساڭ قاتارلىقلار؛
17 . كالا، تۆگە (تايلاق) ئات، قوي، (يىيىش ھەم مىنىش ئۈچۈن)؛
18 . توخۇ، ئۆردەك، كەپتەر، باچكا (تامىقى ئۈچۈن)؛
19 . توخۇ تۇخۇمى، ئۆردەك تۇخۇمى، كەپتەر تۇخۇمى (يىيىش ئۈچۈن)؛
20 - ئىگەر، يۈگەن، ئىزەڭگۈ، نوختا، پۇشتان (ئاتلىرىنى جابدۇشقا)؛
21 . ئاياللارنىڭ چېچى، كىرپە (ئاتلىرىنى سەمرىتىش ئۈچۈن)؛
22 . جىگىدە يىلىمى، ئۈرۈك يىلىمى (ئاياغ تىكىش ئۈچۈن)؛
23 . قاشتېشى (نەپىس بويۇملار ياساشقا)؛
24 . داۋىغان تېرىسى (چاپانلىرىغا ياقلىق ئۈچۈن)؛
25 . تۈلكە تېرىسى (چاپانلىرىغا ياقلىق ئۈچۈن)؛
26 . پاي پۇلى (تەنزە پۇلى).
ماخۇسەن يۇقىرقىدەك ئالۋانلاردىن باشقا يەنە ھۈنەرۋەنلەرنى تۇتۇپ، مەجبۇرىي ئىشقا سېلىش ئارقىلىق خەلقنى ئازابلايتتى. مەسىلەن: ياغاچچى، سەيپۇڭ، تامچى، سوۋاقچى، كېگىزچى، جۇۋىچى، موزدوز، جۇۋازچى، تۆمۈرچى، گېلەمچى، ساتىراش، ئاشپەز، ناۋاي، خامچى (چەكمەنچى)، مىسكەچى، بوياقچى، تورچى (يوتقان، كۆرپە تورى)، ئاتقۇچى (پاختا ئاتقۇچى)، يىكچى، ئاياقچى (تاماق يەيدىغان ياغاچ قاچا)، بورىچى (قومۇشتا بورا توقويدۇ)، كۆن ساندۇقچى، تاغار - خۇرجۇنچى، تۇماقچى، ئىگەرچى، زەرگەر، سىۋەتچى، مۆلە توقۇمچى، زەيچى، ئەلگەكچى، شاخاچى (سوپۇن قۇيىدىغان ئادەم)، قەغەزچى، نوختىچى (ئات - ئۇلاغلارنىڭ بېشىنى باغلاش ئۈچۈن)، ياڭلۇچى (مەشچى)، قازانچى (بومبا قويۇش ئۈچۈن)، تاشچى، تۈگمەنچى، تۇزچى، خەيجاڭ، بۆزچى (شايى، ئەتلەس توقۇيدۇ)، ساراچ (ئىگە - جابدۇق ئەتكۈچى) قاتارلىق 40 خىلدىن ئاشاتتى.
بۇ خىل زۇلۇم بىلەن نۇرغۇن ئائىلە خانىۋەيران بولدى. سېلىق بېرەلمىگەنلەر باغلاپ ئېسىپ قويۇپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى. ئاخىر خەلق قوزغالدى. مەسىلەن: 1935 - يىلى قاراڭغۇ تاغ خەلقى قارشىلىق كۆرسەتتى. ماخۇسەن 180 نەپەر ئەسكەر چىقىرىپ 188 كىشىنى نەق مەيداندا قېلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، 16 مىڭ15،000 قوي، 3500 قوتاز، 680 ئات، 1500 ئېشەكنى بۇلاپ كەتتى. بۇ چاغدا خېلىل ئاخۇن ھاجى دېگەن خوتەن توساللارنىڭ بېگى قاراڭغۇ تاغقا چىقىپ دەككە - دۈككىدە تۇرغان خەلققە: «سىلەر 500 سەر ئالتۇن بېرىڭلار، مەن سىلەرنىڭ كېيىنكى ئالۋان - ياساق ۋە باشقا ئىشىڭلارنىڭ ئاسان بولۇشنى قولغا كەلتۈرىمەن» دەپ يالغان ئېيتىپ خەلقنى ئالداپ 500 سەر ئالتۇننى ئېلىپ كەتتى.
ماخۇسەن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپىدۇ - دە، ئۇنىڭ تەمىنات باشقارمىسى قاراڭغۇ تاغ خەلقىگە ئەسكەرلەرنىڭ گۆش يېمەكلىكى ئۈچۈن 500 قوتاز، 1500 قوي سېلىق سالىدۇ ۋە بۇ مالنى بىر كۈن ئىچىدە بېرىسەن دەيدۇ، خەلق تاغدىن ئېلىپ كېلىپ بېرەيلى دېسە ئۇنىمايدۇ. خەلق ئاقتۇرسۇن موللا دېگەن كىشىنىڭ باشچىلىقىدا قارشىلىق قىلىدۇ. ماخۇسەن قىسىملىرى مەسچىتتە بامدات نامىزى ئۆتەۋاتقان جامائەتكە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ خەلقنى قىرىپ تاشلايدۇ. بۇ كۈندىكى نامازغا ئېلخان ئىشان دېگەن كىشى ئىمام بولغان بولۇپ، ئۇ خائىن بولغانلىقى ئۈچۈن قەستەن ئۇزۇن سۈرە ئوقۇيدۇ. ناماز تۈگىگىچە خەلق ئۆلۈپ بولىدۇ. بۇ قېتىمقى قىرغىدا ئەرلى لۈيجاڭ دېگەن تۇڭگان 178 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، بۇغدايلىرىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. 15 قوي، 3500 قوتاز، 1500 دەك ئېشەك، 680 ئات ۋە ئائىلىلەردىن ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى بۇلاپ، ئاقتۇرسۇن موللا باشلىق 18 ئادەمنى تۇتۇپ شەھەرگە ئېلىپ كېلىپ، بېشىغا سەللە يۆگىگەن ئاخۇن لۈيجاڭ دېگەن تۇڭگان 18 كىشىنىڭ بەدىنىگە كونا جۇڭگو قائىدىسى بويىچە ئۆلۈم دېگەن تامغىنى قىزىتىپ بېسىپ چاناپ ئۆلتۈرىدۇ.
بۇ خىل زۇلۇم ۋە تۇرمۇشلار تەۋەككۈل (خوتەندىكى يەر ئىسمى) خەلقىدىمۇ بولۇپ ئۇلارمۇ قانلىق باستۇرۇلىدۇ. يەنى تۆت كۈن قەتلىئام قىلىدۇ. شۇ چاغدا چالا ئۆلۈم بولۇپ ھايات قالغان مەتتوختى قوش دېگەن كىشى تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى. ئۇ ھايات.
ئەڭ دەھشەتلىكى شۇكى، ماخۇسەننىڭ ئادەملىرى يولدىن ئۆتكۈچى 36 ئادەمنى تۇتۇپ ئالتىدىن سەپتە تۇرغۇزۇپ، بىرىنچى قاتاردىكى ئالتە كىشنىڭ بۇرنىدىن سىم ئۆتكۈزۈپ، بىر - بىرىگە چاتىدۇ. ئىككىنچى قاتاردىكى ئالتە ئادەمنىڭ قۇلىقىدىن، ئۈچىنچى قاتاردىكى ئالتە ئادەمنىڭ دولىسىدىن سىم ئۆتكۈزۈپ چاتىدۇ. تۆتىنچى قاتاردىكى ئادەمنىڭ ئالقىنىدىن تېشىپ سىم ئۆتكۈزۈپ چاتىدۇ. بەش، ئالتىنچى قاتاردىكى 12 كىشىنىڭ قولىنى كەينىگە قىلىپ سىم بىلەن باغلاپ ئوراپ يالاڭ باش قىلىپ يۈكۈندۈرۈپ قېلىچ بىلەن چاناپ ئۆلتۈرىدۇ.
ماخۇسەننىڭ ئەسكەر تۇتۇشىدىن بىر مىسال:
ماخۇسەن قېرى - ياش دېمەي ئەسكەرلىككە تۇتاتتى. ئائىلىدە ئەر كىشى يوق، ئاياللار دېھقانچىلىق قىلىپ بولالماي، كۈنجىر يىگەن يىللار كۆپ بولغان. ئەسكەرلىكتىن قاچقانلار ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن. مەسىلەن:
قارىقاش ناھىيىلىك جالالىدىن خوجام دېگەن كىشىنىڭ 20 ياشلىق ئوغلى ئەبەيدۇللا خوجىنى ئەسكەرلىككە تۇتىدۇ. جالالىدىن خوجا نېمە دېسەڭلار بېرەي، دەپ يالۋۇرغاندا، 15چارەك (بىر چارەك 16 جىڭ، ھازىرقى جىڭغا 20 جىڭغا تەڭ) ئالتۇن تەلەپ قىلىدۇ. جالالىدىن خوجا 15 چارەك ئالتۇن بېرىدۇ. ئالتۇننى ئېلىپ بولۇپ، بالىنى دادا ئالدىدا ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1936 - يىلى يازدا ماخۇسەننىڭ ئون ئەسكىرى تاغ تەرەپكە قاچقاندا، ئۇلارنى تۇتۇپ كېلىپ خوتەننىڭ سوچاڭ دېگەن يېرىدە پۈتۈن ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ ئون ئەسكەرنىڭ پىشانىسىنىڭ تېرىسىنى سويۇپ يۈزىگە، بۇرنىنى كېسىپ ئېڭىكىگە، قۇلىقىنى كېسىپ يۈزىگە، ئەمچىكىنى كېسىپ قورسىقىغا ساڭگىلىتىپ قويۇپ قىيناپ ئۆلتۈرۋەتكەن.
ماخۇسەننىڭ ئاخىرقى زوراۋانلىقى:
1937 - يىلنىڭ 10 - ئايلىرىنىڭ 10 - كۈنلىرى، خوتەن ئاسمىنىدا ئۈچ ئايروپىلان پەيدا بولۇپ، ماخۇسەن ئاسمىنىدا ئۈچ ئايروپىلان پەيدا بولۇپ، ماخۇسەن قىسىملىرى جايلاشقان ئورۇننى بومباردىمان قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنلا ئالدىدا 20 تانكا، ئارقىدىن 40 دانە ئاپتوموبىل (برونىك)، ئۇنىڭدىن كېيىن ئادەتتىكى ئاپتوموبىللار، ئۇلاردىن كېيىن ئاتلىق قىرغىز ئەسكەرلەر كېلدۇ. شۇ كۈنلەردە ماخۇسەن قىسىمى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنسا، تانكا برونىك قىسىملار قوغلاپ زەربە بېرىدۇ. ئاتاقلىق قوشۇنلارمۇ تۇشمۇ تۇشتىن زەربە بېرىشكە ئاتلىنىدۇ (قىرغىز قوشۇن مەۋلانوۋ قوشۇنى بولۇپ، ئۇلار قەدىمكى چوڭ مەيدانغا چېدىر تىكىپ شۇ يەرگە ئورۇنلاشقان). ئايروپىلان ئۈچ - تۆت كۈنگىچىلىك ماخۇسەن پاچاق قىسىملىرىنى تاغ - دالىلار، چۆل - جەزىرە، قۇملۇقلار ئارا قوغلاپ يۈرۈپ بىتىچىت قىلىپ تۈگىتىدۇ. قالدۇقلىرىنى تانكا، ئاتلىق، پىيادە قىسىملار ئۆيمۇ ئۆي سۈرۈپ يوقىتىدۇ. شۇ كۈنلەردە قېچىۋاتقان تۇڭگانلار گەنسۇ، چىڭخەيگە قاراپ ماڭىدۇ. بۇلار يول بويى ئۇچرىغان ئات، كالا، قويلارنى بۇلاپ ماڭىدۇ. تۇرسۇن شاڭخەي دەپ ئاتىلىدىغان بىرەيلەن شۇ چاغدا 15 ياشتا بولۇپ، بىر باينىڭ 600 قويىنى بېقىۋاتقاندا، ئۇنىمۇ بىللە ھەيدەپ چىڭىخەيگە ئېلىپ كېتىدۇ. دېمەك، قاچان قوشۇن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئالمان - تالمان ئۆلتۈرۈش، بۇلاش، ئوت قويۇش ئارقىلىق ئۆزىگە بايلىق توپلاپ قاچىدۇ. ماخۇسەن قاغىلىقتا تۇرۇپ، خوتەندىكى توپلىغان ئالتۇن - كۈمۈشلىرىنى ئېلىپ ھىندىستانغا قاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماخۇسەن قوشۇنلىرى تەلتۆكۈس يوقىلىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ شاھىتى، شۇ ۋاقىتتا پەيجاڭ بولۇپ ئىشلىگەن توختىنىياز ئاخۇن ھازىرمۇ ھايات. مەۋلانوۋ قوشۇنى قولغا چۈشكەن ماخۇسەن قىسىملىرىنى چۆلدىكى قۇملۇققا ئېلىپ بېرىپ، ھەممىسىنىڭ بوينىدىن سىم بىلەن باغلاپ چېتىپ، ئۇلارغا ئوق ئىشلەتمەي، سىمنىڭ ئۇچىنى ئاپتوموبىلنىڭ توكىغا ئۇلاپ ھەممىنى بىرلا توك بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. بۇ ئىشقا شۇ چاغدا مەۋلانوۋ قىسىمىدا بەنجاڭ بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر قارامايدا پىنىسىيىگە چىققان كىشى شاھىت گۇۋاھ.