دېڭ فا
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
دېڭ فا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يۈنفۇ ناھىيىسىدىن بولۇپ، 1906 - يىلى تۇغۇلىدۇ. 1925 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرىدۇ. 6 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا سايلىنىدۇ. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى گۇاڭجۇ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شياڭگاڭ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، فۇجيەن - گۇڭدۇڭ - جىياڭشى چېگرا رايونلۇق ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى دۆلەت سىياسىي قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. ئۇزۇن سەپەر ۋاقتىدا ھەربىي ئىشلار كومىتېتى 2 - زۇڭدۈينىڭ قوماندانى، شىمالىي شەنشىگە بارغاندىن كېيىن مەركىزىي ھۆكۈمەت غەربىي شىمال ئىش بېجىرىش ئورنى ئاشلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. 3719 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، 1939 - يىلى يەنئەنگە يۆتكىلىپ، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي خەلق ترانسپورت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولىدۇ. 1946 - يىلى 4 - ئايدا چۇڭچىڭدىن يەنئەنگە قايتىۋېتىپ، ئايروپىلان ۋەقەسى بىلەن 40 يېشىدا قۇربان بولىدۇ.