خۇڭ لى
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
خۇڭ لى (1711 −1799 - يىللار) چىڭ شېڭزۇ − شۈەن يېنىڭ نەۋرىسى، يۇڭ جېڭدى − يىن جېننىڭ4 - ئوغلى. بوۋىسى ئۇنىڭغا بەكلا ئامراق بولغاچقا، كىچىكىدىلا ئوردىغا ئەكېلىپ ئوقۇتقان. ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ، مانجۇ تىلى، خەنزۇ تىلى ۋە باشقا بىرنەچچە ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى پىششىق ئۆگىنىۋالغان، ئەلەم ماھارىتىنى ۋايىگە يەتكۈزۈپ ئۆگەنگەن. دائىم دېگۈدەك دادىسىغا ۋاكالىتەن نەزىر - چىراغ مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرغان، غەربىي جەنۇبتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان، مۇشۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن، خېشوباۋ شاھزادىسى نامى بېرىلگەن. ئۇ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، يىلنامىنى چيەنلۇڭغا ئۆزگەرتكەن، ئۆزى تارىختا پادىشاھ چيەنلۇڭ دەپ ئاتالغان.
خۇڭ لى تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، قابىلىيىتىنى تازا ئىشقا سېلىپ، چىڭ سۇلالىسىنى ناھايىتى روناق تاپتۇرغان. باج - سېلىق، مالىيە قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئەمگەك ھەققىنى يەرگە قوشۇۋېتىشتىن ئىبارەت باج قانۇنىنى يولغا قويغان. قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن يىللىرى باج - سېلىقنى كەچۈرۈم قىلغان ھەمدە مەملىكەت بويىچە باج - سېلىقنى ئىككى قېتىم نۆۋەت بىلەن كەچۈرۈم قىلغان. يېزا ئىگىلىكى، سودا - سانائەت ئىشلىرى بىرقەدەر تېز تەرەققىي قىلىپ، كاپىتالىزمنىڭ بىخلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىغان.
خۇڭ لى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، ئۆزىنى «توققۇزى تەل مويسىپىت»دەپ ئاتاپ، ئۆزىنىڭ ئون چوڭ ئۇرۇش تۆھپىسىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرگەن.1755 - يىلى،50 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇنىنى ئىككى يولغا بۆلۈپ جۇڭغار قەبىلىسىنىڭ توپىلاڭچى قوشۇنىنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ خاقانى داۋاچىنى ئەسىرگە ئالغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئامۇرسانا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۆزىنى جۇڭغارخان دەپ ئاتىغان، خۇڭ لى يەنە قوشۇن ئەۋەتىپ، توپىلاڭنى ئۈزۈل - كېسىل باستۇرغان.1750 - يىلى، شىزاڭدىكى قۇلدارلار توپىلاڭ كۆتۈرگەندە، خۇڭ لى شىزاڭغا قوشۇن ئەۋەتىپ، دالاي لاماغا ھەمكارلىشىپ بۇ قېتىمقى توپىلاڭنىمۇ تىنچىتقان.1793 - يىلى، ئۇ يەنە قوشۇن ئەۋەتىپ شىزاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن گورگا تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، «شىزاڭنى تىنچلاندۇرۇش نىزامنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، شىزاڭدا تۇرۇشلۇق ئامبال، دۇبەن (باش ۋالىي) لەرنىڭ شىزاڭدا قىلىدىغان ئىشلىرى ۋە تۇتىدىغان ئورنى دالاي، بەنچەنلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شىزاڭدا تۇسىلىق تۈزۈم بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئايماق، ناھىيە تۈزۈمى ئورنىتىلغان.1758 - يىلى، چوڭ - كىچىك خوجاملارنىڭ توپىلاڭلىرىنى بېسىقتۇرۇپ، شىنجاڭ رايونىنىمۇ يېڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن.
خۇڭ لى ئىدىيىۋى ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن، يېزىق جىنايىتى دېگەن جىنايەت نامىنى ئوتتۇرىغا قويسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خەنزۇشۇناسلىقنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئىلتىپات كۆرسىتىش بىلەن ھەيۋە قىلىشنى تەڭ يولغا قويۇپ، زىيالىيلارنى كونترول قىلىپ تۇرغان. قەلەمدارلارنى يىغىپ «تۆت چوڭ قامۇس» نى تۈزدۈرگەن،80 مىڭچە جىلد چىقىدىغان بۇ قامۇس جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى ئەڭ چوڭ مەجمۇئە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئالتە قېتىم جەنۇبقا سەپەر قىلىپ، جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق جايلارنى ئارىلاپ چىققان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن كېيىنكى مەزگىللەردە، خىيانەتچى، قارا نىيەت ۋەزىر خې شېننى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكتىن، ئوردىدا خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق ئەۋج ئېلىپ، ھاكىمىيەت چىرىكلىشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەرلەرنى مەركەزلەشتۈرۈۋېلىش ھادىسىسى ئېغىرلىشىپ كېتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوزغىلاڭلىرى بارغانسېرى كېڭىيىپ بارغان، ئاقىۋەتتە، چىڭ خانىدانلىقى بارا - بارا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان.
خۇڭ لى60 يىل تەختتە ئولتۇرۇپ، بوۋام پادىشاھ كاڭشىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتىدىن ئۇزاق ۋاقىت ھاكىمىيەت يۈرگۈزسەم بولمايدۇ دەپ،1795 - يىلى پادىشاھلىق ئورنىنى ئوغلى يۇڭ يەنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزىنى شاھىنشاھ دەپ ئاتىغان.1799 - يىلى ئۆلگەن، كېيىن ئۇ تارىختا چىڭ گاۋزۇڭ دەپ ئاتالغان.