يۈي شيۇسۇڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
يۈي شيۇسۇڭ(ئىسمىنى ۋاڭ شۇچېڭ دەپ ئۆزگەرتكەن) 1899 - يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇجى ناھىيىسىدە تۇغۇلىدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1916 - يىلى جېجياڭ ئۆلكىلىك 1 - سىفەنگە ئىمتىھان بېرىپ كىرىدۇ. 1919 - يىلى <4 - ماي> ياشلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئىلغار ئىدىيىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە خاڭجۇدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. <4 - ماي> ھەرىكىتىدىن كېيىن، <جېجياڭ يېڭى دولقۇنى> ژۇرنىلىنى نەشر قىلىپ، جاھانگىرلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغانلىقتىن شىمالىي مىلىتارىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇيدۇ. كېيىن يەنە شاڭخەيگە بېرىپ ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ھەمدە چەتئەل تىلى ئىلمىي جەمئىيىتىدە كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ رۇس تىلىنى ئۆگىنىدۇ. 0192 - يىل چېن ۋاڭداۋ قاتارلىق يولداشلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى تەشەببۇس قىلىش شاڭخەي گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، شۇ يىلى 8 - ئايدا شاڭخەي سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. 1921 - يىل كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ياشلار كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ موسكۋادا چاقىرىلغان 2 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، 1 - نۆۋەتلىك ئىتتىپاق مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەتلىكىگە سايلىنىدۇ. 1922 - يىلى 5 - ئايدا گۇڭجودا ئېچىلغان جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 1 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدۇ. شۇ يىلى 10 - ئايدا سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدىكى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، شەرقىي يول قاراقچىلىرىغا جازا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شتاب مەسلىھەتچىلەر باشقارمىسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. 1925 - يىلى 11 - ئايدا موسكۋا جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا بارىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ مىڭ جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال شەرقىي بۆلۈمىدىكى بىر كاتىپنىڭ تەرجىمانى ئىدى. ۋاڭ مىڭ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بەك كۆرەڭلەپ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىپ قالغانلىقتىن ساۋقداشلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. يۈي شيۇسۇڭ ۋاڭ مىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن ياردەم بېرىدۇ. بىراق، ۋاڭ مىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلايدۇ، 1927 - يىلى يۈي شيۇسۇڭ لېنىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن، ۋاڭ مىڭ يۈي شيۇسۇڭغا جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا <جېجياڭلىق يۇرتداشلار جەمئىيىتى> نى تەشكىلللەپ، پارتىيە، ئىنقىلابقا قارشى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى، دېگەن تۆھمەتنى چاپلايدۇ. 1928 - يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تەپتىش كومىتېتى، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تەپتىش كومىتېتى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بولۇپ ئۈچ تەرەپتىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. 1931 - يىلى 1 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندا يۈي شيۇسۇڭ ۋاڭ مىڭنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلغان سولچىل ئاغمىچىلىق لۇشيەنىگە قارشى كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ. ۋاڭ مىڭ مەزھەپچىلىك گۇرۇھى<مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىرىگە قارشى تۇردى> دېگەن جىنايەت بىلەن شيۇسۇڭغا <تروتسكىچى> دېگەن قالپاقنى كىيگۈزۈپ، 1933 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتىكى خابارۋسكىيغا خىزمەتكە ئەۋەتىدۇ. 1935 - يىلى 6 -ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى يۈي شيۇسۇڭ قاتارلىق 25 نەپەر يولداشنى شىنجاڭغا ئەۋەتىدۇ. شېڭ شىسەي <سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە بولغان دوستلۇق> نى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، يۈي شيۇسۇڭنى شىنجاڭ دارىلفۇنۇننىڭ يۈەنجاڭى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەيدۇ، يۈي شيۇسۇڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، نۇتۇق سۆزلەش ۋە گېزىت - ژۇرناللار ئارقىلىق ماركىسىزم ئىدىيىسىنى تارقىتىدۇ. پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئىشلىرىنى يولغا قويۇش پروگراممىسى <ئالتە بۈيۈك سىياسەت> نىڭ شەكىللىنىشىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ ھەمدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا شېڭ شىسەينىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن بىرلىك سەپ تۈزۈشى ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە ئاساس يارىتىدۇ. 1937 - يىلى شېڭ شىسەي، سىڭلىسى شېڭ شىتۇڭ بىلەن يۈي شيۇسۇڭنىڭ توي ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ يۈي شيۇسۇڭنىڭ ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ، ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش غەرىزىدە بولىدۇ. بىراق، يۈي شيۇسۇڭنىڭ ئىنقىلابىي ئىرادىسى مۇستەھكەم بولغاچقا، ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن شېڭ شىتۇڭ ئىنقىلاب داۋالىلىرىنى تەدرىجىي چۈشىنىپ، يۈي شيۇسۇڭنىڭ خىزمەتلىرىگە پائال ياردەم بېرىدۇ ۋە قوللايدۇ. بۇ ھال شېڭ شىسەينى تەشۋىشكە سالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھەسەتخورلۇقى، ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدۇ. شۇ يىلى 12 - ئايدا ۋاڭ مىڭ بىلەن ڭاك شىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يەنئەنگە قايتىش يولىدا ئۈرۈمچىدىن ئۆتكەندە، 2 - قېتىم ئۇنىڭغا <تروتسكىچى> دەپ تۆھمەت چاپلايدۇ ھەمدە شۇئان شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ. يۈي شيۇسۇڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن شېڭ شىتۇڭ ئۇنى يۇقلاپ تۈرمىگە بارغاندا يۈي شيۇسۇڭ ئۇنىڭغا <ئىنقىلابچىلارنى قىرىپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس، ئىنقىلاپ يولىدا قۇربان بولۇش شەرەپلىك> دەيدۇ.
1938 - يىلى 6 - ئايدا ياي شيۇسۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا يالاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. كېيىن، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەكتىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش ھەرىكىتى كېڭەيتىۋېتىلگەنلىك تۈپەيلىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. شۇ يىلى ئۇ 39 ياشلاردا ئىدى. 1959 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتىكى ھەربىي ئىشلار سوتى ئۇنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.