خو چۈبىڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
خو چۈبىڭ (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى140 −117 - يىللار) ۋېي چىڭ بىلەن بىللە ھونلارغا زەربە بېرىپ، ئۇلۇغ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن مەشھۇر سانغۇن. ئۇ خېدۇڭ رايونىدىكى پىڭياڭدىن (ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسى لېڭفېن رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) بولۇپ، ۋېي چىڭنىڭ ئاچىسى ۋېي شاۋئېرنىڭ ئوغلى. ۋېي شاۋئېر مەلىكە ھۇزۇرىدا دېدەك بولغان، ئۇنىڭ ئېرىنىڭ سىڭلىسى ۋېي زىفۇ خەن سۇلالىسى خەن ۋۇدىنىڭ خانىشى بولغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان. خو چۈبىڭ كىچىك چاغلىرىدىن تارتىپلا ياراغ ئىشلىتىشنى ئۆگىنىشكە ئىشتىياق باغلاپ، ئات مىنىش، يادىن ئوق ئۈزۈش، چامباشچىلىق ماھارەتلىرىنى ئىگىلىگەن. ئۇ كەم سۆز ئادەم بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋە ئالىي پىلانلارنى پۈككەن، ھەرىكەتتە كەسكىن تەدبىرلىك ئادەم بولغان.
خو چۈبىڭ18 ياش چېغىدا پادىشاھ خەن ۋۇدىغا شىغاۋۇل بولغان. ئۇ چاغلاردا غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دۆلەت كۈچى كامال تېپىپ، شىمالدىكى ھون ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئەلىنىشتىن ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتكەن. شۇ يىلى خو چۈبىڭ ئۇلۇغ سانغۇن ۋېي چىڭ بىلەن بىللە ھونلارغا ھۇجۇم قىلغان، ئۇ800 كىشىلىك باھادىرلار ئاتلىق قوشۇنىنى باشلاپ، چوڭ قوشۇندىن نەچچە يۈز چاقىرىم يىراق جايغا بېرىپ جەڭ قىلىپ، ھون قوشۇنلىرىنىڭ2000 دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇزغان بەگ بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەنە ئاتلىق قوشۇن سانغۇنلۇقىغا تەيىنلەنگەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى121 - يىلىدا، ئۇ لەشكەر تارتىپ لۇڭشى (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربى)دىن يولغا چىقىپ، يەنجىشەن تېغى (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سەندەن ناھىيىسى تەۋەسىدە)دىن ئۆتۈپ، ھونلار زېمىنىغا مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ھونلارنىڭ سۇتۇق خانىنىڭ «تەڭرى ئورنىدا تېۋىنىدىغان ئالتۇن بۇت» ىنى ئولجا ئالغان.
خو چۈبىڭ لەشكەر - سانغۇنلارنى ئىنچىكىلەپ تاللاشقا ئەھمىيەت بەرگەچكە، ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى لەشكەرلەر خىل لەشكەرلەردىن تەركىب تاپقان. ئۇرۇشتا، ئۇ لەشكەرلەرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ھونلارنىڭ مەركىزىي جايلىرىغىچە ئىچكىرىلەپ كىرىشتىن قورقماي، كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى121 - يىلى يازدا، ئۇ لەشكەر تارتىپ شىمالدىن ھونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، جۇيەنخەي (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسى ئېچىنا خوشۇننىڭ شىمالىدا)دىن ئۆتۈپ، جەنۇبتىن چىليەنشەن تېغىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ھونلارنى قورشاپ يوقىتىپ، خېشى كارىدورىدىكى تۆت ۋىلايەتنى كونترول قىلغان. ھونلارنىڭ ئوڭ قانىتى قاقشاتقۇچ زەربىگە ئۇچرىغان. بۇنىڭ بىلەن ھونلارنىڭ قونشادخانى سۇتۇق خاننى ئۆلتۈرۈپ،40 مىڭ ئادىمىنى باشلاپ خەن سۇلالىسىگە تەسلىم بولغان.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى119 - يىلى، خو چۈبىڭ پەرمانغا بىنائەن لەشكەر تارتىپ، قۇملۇقنىڭ شىمالىغىچە ھونلارنى قوغلاپ بېرىپ،2000 چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، ھونلارنىڭ سول ئوق قىسىملىرىنىڭ سەردارى تۇغبت خاننى مەغلۇپ قىلىپ، خېتاۋ رايونىنى كونترول قىلغان ھەمدە لاڭجۇشۈ تېغى (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى سوبېكتى خوشۇنىنىڭ شىمالىدا)غا بېرىپ، خەنخەي (بۈگۈنكى سىبىرىيىدىكى بايقال كۆلى)دىن ئۆتۈپ، ئاندىن قايتىپ كەلگەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى117 - يىلى، خو چۈبىڭ24 يېشىدىلا كېسەل بولۇپ ئۆلگەن.
خو چۈبىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتە قېتىم لەشكەر تارتىپ ھونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، خېشى كارىدورىدا نەچچە مىڭ چاقىرىم جايلارنى ئېچىپ، ئۇلۇغ ئەمىرلەشكەر دېگەن ئەمەلگە ئېرىشكەن.
پادىشاھ خەن ۋۇدى ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ساراي سالدۇرۇپ بەرمەكچى بولغاندا، ئۇ قەتئىي رەت قىلىپ: «ھونلار تېخى يوقالمىدى، ئۆي سېلىپ نېمە قىلىمەن؟» دېگەن. خو چۈبىڭ قاتارلىق سانغۇنلارنىڭ زەربە بېرىشى ئارقىسىدا، ھونلارنىڭ ئاساسلىق قوشۇنلىرى غەربكە قاراپ ناھايىتى يىراق جايلارغا كۆچۈپ كەتكەن، خېشى كارىدورى غەربىي يۇرتقا بارىدىغان يولغا ئايلانغان.