ۋۇ زېتيەن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
مىلادىيە689 - يىل9 - ئاينىڭ9 - كۈنى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەندە، بېشىغا تاج كىيىپ، قاشتېشى تىزىقى ئاسقان، ئۇچىسىغا سېرىق يەكتەك كىيگەن بىر ئايال سۇلالە نامىنىڭ جۇغا، يىلنامىنىڭ تيەنشۇغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى جاكارلاپ، ئۆزىنى «مۇقەددەس ئايال پادىشاھ» دەپ ئاتىدى. بۇ دەل جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدىكى بىردىنبىر ئايال پادىشاھ ۋۇ زېتيەن (705 −624 - يىللار) دۇر. ۋۇ زېتيەننىڭ يەنە بىر ئىسمى ۋۇ جاۋ بولۇپ، بىڭجۇ ئايمىقىنىڭ ۋېنشۇي (بۈگۈنكى سەنشى ئۆلكىسىدىكى ۋېنشۇي دېگەن يەرنىڭ شەرقى)دىن. ئۇنىڭ دادىسى ئىلگىرى ياغاچ سودىسى قىلغان، كېيىن لى يۈەنگە ئەگىشىپ سۇي سۇلالىسىگە قارشى چىققان تاڭ سۇلالىسىنىڭ يېڭى ئاقسۆڭىكى ئىدى. ۋۇ زېتيەن ناھايىتى چىرايلىق، غۇنچە بوي قىز بولۇپ،14 يېشىدا تاڭ تەيزۇڭ تەرىپىدىن ئوردىغا كىچىك خانىشلىققا تاللاپ كېلىنگەن. تاڭ تەيزۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن، ۋۇ زېتيەن باشقا كىچىك خانىشلار بىلەن بىللە گەنيې ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ راھىب بولغان.649
- يىلى، ۋەلىئەھد لى جى، يەنە تاڭ گاۋزۇڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئۇ ۋۇ زېتيەننى ئوردىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئالتە يىلدىن كېيىن، ۋۇ زېتيەن خانىشلىققا كۆتۈرۈلگەن. تاڭ گاۋزۇڭ ئاغرىقچان بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ئوردىنىڭ ئىشلىرىنى ۋۇ زېتيەننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ھاۋالە قىلغان. ۋۇ زېتيەن تارىخىي كىتابلارنى ئوقۇشقا ھېرىسمەن، تەدبىركار بولغاچقا، بارا - بارا چوڭ ھوقۇقنى قولىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، تاڭ گاۋزۇڭ بىلەن بىللە «ئەنبىيا» دەپ ئاتالغان. ئۇ لى خۇڭ، لى شيەن دېگەن ئىككى ۋەلىئەھدنى كەينى - كەينىدىن ئەمىلىدىن قالدۇرۇۋەتكەن. تاڭ گاۋزۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن، يەنە ۋەزىر لى شيەننى ئەمىلىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېشى كىچىك لى دەننى تەيىنلەپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئۆز كونتروللۇقىغا ئالغان.
ۋۇ زېتيەن ئايال خوجايىنلىق سالاھىيەت بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، ئەرلەر ئەتىۋارلىنىپ، ئاياللار كەمسىتىلىدىغان فېئوداللىق دەۋردە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، باشقىلار تەرىپىدىن «مېكىياننىڭ چىللىشى» دەپ مازاق قىلىنغان. شۈ جىڭيې، لو بىڭۋاڭ قاتارلىقلار ياڭجۇدا ئەسكەر توپلاپ، ۋۇ زېتيەنگە قارشى جازا يۈرۈشى قىلغان ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتى ئەزالىرىدىن ئاتا - بالا لى جېن بىلەن لى چۇڭ قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈپ قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋۇ زېتيەن تەرىپىدىن بىر - بىرلەپ تارمار قىلىنغان. ئۇ ئىختىساسلىقلارنى تاللاشتا بىرلا خىل قېلىپ بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئوردىنىڭ ئەمەلدار تاللاش ئىمتىھانىغا شەخسەن رىياسەتچىلىك قىلىپ، تەدبىر قوللىنىپ ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى تۈزۈمىنىڭ نوپۇزىنى ئۆستۈرگەن ھەمدە ئەلەم ماھارىتىدىن ئىمتىھان ئېلىش تۈرىنى تەسىس قىلىپ، ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى تۈزۈمىنى راۋاجلاندۇرغان. تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئوردىغا ديې رېنجيې، ياۋ چۇڭ، جاڭ جيەنجى قاتارلىق ئىقتىدارلىق ۋەزىرلەرنى ۋە تاڭ شيۇجىڭ، لۇ شىدې، گو يۈەنجېن قاتارلىق قابىل سەركەردىلەرنى توپلىغان. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىگە دائىر كىتابلارنى يازدۇرغان، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتكەن ۋە ياخشىلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، شەنشى، سىچۇەن، چىڭخەي، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن توسما، دامبا ياساتقان، ئېرىق - ئۆستەڭ چاپتۇرغان. ئۇ كۆپ يەر ئاچقان، تەۋەلىكىدىكى پۇقرالارنىڭ ئېشىنچا ئاشلىقى بار بولغان ئايماق، ناھىيىلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى تارتۇقلىنىدۇ ۋە ئەمىلى ئۆستۈرۈلىدۇ؛ تېرىلغۇ يەرلەرنى ئوبدان باشقۇرمىغان، تەۋەلىكىدىكى پۇقرالار سەرسان - سەرگەردان بولۇپ كۆچۈپ كەتكەن ئايماق، ناھىيىلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى جازالىنىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. ۋۇ زېتيەن32 يېشىدا خانىشلىق سالاھىيىتى بىلەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقاندىن باشلاپ تاكى82 يېشىغىچە50 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، كېيىنكى دەۋردىكى «كەييۈەن يىللىرىدىكى مەمۇرچىلىق» قا ئاساس سېلىنغان.
ۋۇ زېتيەن ھوقۇق تۇتقان مەزگىلدە دۆلەتكە پايدىلىق بەزى ئىشلارنى قىلغان، لېكىن زالىم ئەمەلدارلارنىمۇ ئىشقا قويغان، كۆپلەپ تۈرمە سالغان، پادىشاھ جەمەتىدىكىلەر ۋە ۋەزىر - ۋۇزرالاردىن بىگۇناھ قامىلىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەرمۇ ئاز بولمىغان. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرگە قۇلاق سېلىپ، ئەلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ھەشەمەتچىلىككە بېرىلىپ، مۇستەبىتلىك قىلغان، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا خېلى كۆپ سەۋەنلىكلەرنى سادىر قىلغان. شېنلۇڭيۈەن يىلى (مىلادىيە705 - يىلى) تاڭ جۇڭزۇڭ ۋۇ زېتيەن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، ۋۇ زېتيەنگە «مۇقەددەس پادىشاھ زېتيەن» دەپ نام بەرگەن. ۋۇ زېتيەن شۇ يىلى قىشتا ئالەمدىن ئۆتكەن.