لىن زېشۈن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
لىن زېشۈ (1785 −1850 - يىللار) ئېلىمىزنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەپيۈن چەكلەش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان داڭلىق مىللىي قەھرىمان. فۇجيەننىڭ خۇگۇەن (ھازىرقى فۇجۇ) دېگەن يېرىدىن. ئۇ جياچىڭ يىللىرى تەشرىپدارلىققا ئىمتىھان بەرگەن ھەمدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەمەلدارلىق ھاياتىنى باشلاپ، جېجياڭ، جياڭسۇ، خۇبېي، خېنەن، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردا ئەمەل تۇتقان. ئۇ ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك - دىيانەتلىك، ئىش بېجىرىشتە كەسكىن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئەڭ دانا ۋەزىر ئىدى، داۋگۇاڭنىڭ17 - يىلى (1837 - يىلى) نىڭ بېشىدا، ئۇ خۇگۇاڭنىڭ باش ھەربىي ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئەپيۈن ئەتكەسچىلىكىنى قاتتىق چەكلەپ، ئەپيۈن چەكلەش ئىدارىسى تەسىس قىلغان، خام ئەپيۈن ۋە ئەپيۈن چىلىمىنىڭ دەستىلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئەپيۈن چېكىدىغانلارغا قەرەللىك ئەپيۈن تاشلاتقۇزۇش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرگەن ھەمدە بۇ جەھەتتە مول نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. كېيىنكى يىلى، ئۇ پادىشاھ داۋگۇاڭغا ئەپيۈن چەكلەشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەپيۈننىڭ جۇڭگوغا كۆپلەپ كىرگۈزۈلۈشىگە يول قويىۋەرسە، نەچچە ئون يىلدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ «دۈشمەنگە تاقابىل تۇرغۇدەك ماغدۇرى قالمايلا قالماي»، بەلكى يەنە «دۆلەتنى قامدىغۇدەك مەبلىغىمۇ قالمايدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇزاق ئۆتمەي، لىن زېشۈ خان مۇپەتتىشلىكىگە تەيىنلىنىپ، گۇاڭجۇغا ئەپيۈن چەكلەشكە ئاتلانغان.1839
- يىل3 - ئايدا، لىن زېشۈ گۇاڭجۇغا بېرىپ، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭنىڭ ۋالىيسى دېڭ تىڭجېن بىلەن گۇاڭدۇڭ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياساۋۇل بېگى گۈەن تيەنپېينىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا، ئەپيۈن ئەتكەسچىلىرىنى تۇتۇپ، پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالاپ، ئادالەتنى تەشەببۇس قىلىپ، دېڭىز مۇداپىئەسىنى تەرتىپكە سالغان. ئۇ چەت ئەل سودىگەرلىرىنى ئەپيۈننى تاپشۇرۇشقا ھەمدە «جۇڭگوغا مەڭگۈ ئەپيۈن ئەكەلمەيمىز، ئەگەر ئەپيۈن ئەكەلگەنلىكىمىز بايقىلىپ قالسا، مېلىمىزدىن، ئەمىلىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشقا، جازاغا تارتىلىشقا رازىمىز» دەپ كاپالەتنامە يېزىشقا بۇيرۇغان. ئۇ يەنە جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى توختىتىش، ئەسكەر ئەۋەتىپ ئەنگلىيىنىڭ سودا كونسۇلخانىسىنى پېچەتلەش، چەت ئەل سودىگەرلىرى ياللىغان جۇڭگولۇق خىزمەتچىلەرنى قايتۇرۇۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن قانۇنسىز سودىگەرلەرنى جەمئىي1 مىليون100 مىڭ كىلوگرامدىن ئارتۇق ئەپيۈننى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان.6 - ئاينىڭ3 - كۈنى، ئۇ مۇسادىرە قىلىنغان ئەپيۈننى خۇمېن دېڭىز ساھىلىغا ئەكەلدۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرۈۋەتكەن. بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرىشى ھېسابلىنىدۇ.1840
- يىلىنىڭ بېشىدا، لىن زېشۈ گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭنىڭ باش ھەربىي ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. بۇ مەزگىلدە، ئۇ ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە ھۇجۇمىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. غەربنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، تەرجىمانلىق ئورنى قۇرۇپ، چەت ئەل تىلىدىكى كىتاب - ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىدۇرغان، «تۆت قىتئە تەركىزىسى» دېگەن كىتابنى تۈزدۈرۈپ، چەت ئەللەرنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيىسىنى بىرقەدەر سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇپ، يېقىنقى زاماندىكى غەربنى تەتقىق قىلىش كەيپىياتىنى ياراتقان ھەمدە «نەزەر دائىرىسىنى ئېچىپ دۇنياغا نەزەر تاشلىغان تۇنجى زات» دەپ تەرىپلەنگەن.1840
- يىل10 - ئايدا، لىن زېشۈ تەسلىمچىلەرنىڭ تۆھمىتىگە ئۇچراپ، شىنجاڭغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭدا سۇ ئىنشائاتلىرىنى قۇرۇپ، نۇرغۇن تېرىلغۇ يەر ئاچتۇرغان.1845 - يىلى قايتىدىن ۋەزىپىگە قويۇلۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەنشى، گەنسۇنىڭ باش ھەربىي ۋالىيسى، شەنشىنىڭ باش مۇپەتتىشى، يۈننەننىڭ باش ھەربىي ۋالىيسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.1850 - يىلى خان مۇپەتتىشلىكىگە تەيىنلىنىپ، گۇاڭجۇغا دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغىلى كېتىۋېتىپ، كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.