UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىماجەنساڭ

ماجەنساڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى ماجەنساڭ توغرىسىدا بىلىدىغىنىمىز ناھايىتى ئاز، ماجەنساڭك توغرىسىدا يېزىلغان ماتېرىياللار كۆپ بولسىمۇ بىر - بىرىگە زىت، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېرىلگەن باھالار ھەر خىل. ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەر ۋالىيىسى يۇنۇسبەگ سەئىدىنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىگە ئاساسەن باقىئاخۇن تۇردى ۋە بايئاخۇن ئەزىزىلەر بەرگەن ماتېرىيال بويىچە تۆۋەندىكىلەرنى رەتلەپ چىقتىم. 1933 - يىلى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئۆزىنى باندىت تازىلاش باش قوماندانى دەپ ئاتىۋالغان ماشىمىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇيغۇر تۇڭگانلاردىن تەشكىللەنگەن قوشۇننىڭ قوماندانى ماجەنساڭ بىرقىسم ئەسكىرى بىلەن قەشقەر دوتەي يامۇلىغا چۈشۈپ، بىر قىسىم ئەسكىرىنى يۇمۇلاق شەھەرگە، يەنە بىر قىسىم ئەسكىرىنى يېڭى شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ئىككى ئورۇندىكى ھەربىي تەمىناتقا ئىگە بولۇپ كۈچىنى زورايتىدۇ. شۇ كۈنلەردە يەرلىك قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەھدىتى ئاستىدا مارالبېشىنىڭ ئاقساقمارال ئەتراپىدا مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغان بىر تۇەن ھۆكۈمەت قوشۇنى ۋە يەكەن، يېڭى شەھەردە مۇھاسىرىگە چۈشكەن 500 دەك ھۆكۈمەت قوشۇنى بار ئىدى. ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىنىڭ تەسلىم بولۇپ، قوزغىلاڭچىلارغا قورال تاپشۇرۇش ۋاقتى پىشىپ يېتىلگەن پەيتتە، ماجەنساڭ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ھىلە - نەيرەڭ ئىشلىتىپ، مارالبېشىدا مۇھاسىرىگە چۈشكەن ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىدە 300 كىشىگە ئۆز قىسىمنىڭ كىيىمىنى كەيدۈرۈپ، قەشقەر يېڭى شەھەرگە قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى قورالىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن،تۇرمۇش پۇلى تارقىتىپ بېرىپ ئائىلسىگە قايتۇردى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، تۆمۈر لۈيجاڭ (تۆمۈر ئېلى) يەكەن مەسىلىسىگە ئارىلىشىپ ھاپىز لۈيجاڭنى بىر قىسم ئەسكەر بىلەن يەكەنگە ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قىرغىز ئوسمان ئېلى قوشمەت دېگەن قىرغىز تۇەنجاڭ باشچىلىقىدا بىر قىسىم ئەسكەرنى يەكەنگە ئەۋەتىپ. يەكەن مۇھاسىرىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ماجەنساڭ بۇنىڭغا چىداپ تۇرالماي، تۆمۈر لۈيجاڭغا: «يەكەن يېڭى شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىمۇ ماشاۋۋۇ بىلەن تۈزۈلگەن توختام بويىچە تىنچلىق بىلەن تەسلىم بولۇشى، ئۇلار ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن قەشقەرگە قولىدىكى قورالىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا كېلىشىمگە يول بېرىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن قوزغىلاڭچىلار مۇھاسىرىنى بوشتىپ بېرىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، توختامغا خىلاپ بولىدۇ» دېگەن مەزمۇندا خەت يازىدۇ. تۆمۈر لۈيجاڭ بۇيرۇقنى قوبۇل قىلىپ مۇھاسىرىنى بوشىتىپ بېرىدۇ. مۇھاسىرىدىن بوشانغان ھۆكۈمەت قوشۇنى ئىككى كۈن ئاتلىق يول يۈرۈپ كۆك رابات دېگەن ئۆتەڭگە سالامەت يېتىپ كېلىپ ئارام ئالىدۇ. تۈن يېرىمدا ئۇلارنى قەشقەردىن كەلگەن ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قىرغىز ئەسكەرلىرى تۆت تەرەپتىن قورشاپ ئالىدۇ. بۇ چاغدا خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىمۇ يېتىپ كېلىدۇ. تۆت تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆلۈپ، تاڭ ئاتقاندا بىر قىسىمى تەسلىم بولۇشىقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ئىش ماجەنساڭغا تولىمۇ ئەلەم قىلىدۇ. . . ماجەنساڭ بىر ئىش چىقىرىش مەقسىتىدە ئوسمان ئېلغا قارشى ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنى بىلگەن ئوسمان ئېلى «قەشقەرنى مەن ئالغان، تۇڭگانلار تەييار غەلىبىگە ئىگە بولۇۋېلىپ نېمە دېمەكچى . . .» دەپ غەزەپلىنىدۇ. ماجەنساڭنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئوسمان ئېلى (قىرغىز) بىلەن تۇڭگان قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا ئاداۋەت پەيدا بولىدۇ. 1933 - يىلى 5 - ئاينىڭ 23 - 24 - كۈنلىرى، ماجەنساڭنىڭ قەشقەر يۇمۇلاق شەھەرگە ئورۇنلاشقان قوشۇنىنىڭ باشلىقى گامازا لۈيجاڭ بىلەن ئوسمان ئېلى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلايدۇ. ئوسمان ئېلى قىسىمى غەلىبىگە ئېرىشكەن پەيتتە، ماجەنساڭ ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، تۆمۈر لۈيجاڭغا ھال ئېيتىپ: «مۇبادا قىرغىزلار كۈچىيىپ كەتسە بۇ چاغدا سەن بىلەن ماڭا ئورۇن نەدە؟! بۇ ئىشنى توسىساڭ!» دەيدۇ. بۇ ئىشقا تۆمۈر ئېلى ئارىلشىپ ئۇرۇشنى توختىتىپ توختام تۈزەيدۇ. توختام بويىچە ماجەنساڭ قوماندا بولۇپ يېڭى شەھەردە تۇرىدىغان، تۆمۈر ئېلى لۈيجاڭلىقتىن سىجاڭلىققا ئۆستۈرۈلۈپ دوتەي يامۇلىدا تۇرىدىغان، ئوسمان ئېلى توڭلىڭلىقتىن لۈيجاڭلىققا ئۆستۈرۈلۈپ يۇمۇلاق شەھەر قەلئەسىدەد تۇرىدىغان بولىدۇ ۋە ماشاۋۋۇنى دوتەيلىكتىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇرلاردىن يۇنۇس بەگ سەئىدى(يۇۋىن لىن - بۇ ئادەم تۇرپانلىق بولۇپ، خەنزۇچە ئوقۇغان ۋە يېتىلگەن زىيالى) نى ۋالىي، تۇڭگانلاردىن شۇجىڭشۇنى مۇئاۋىن ۋالىي قىلىپ بېكىتىدۇ. دېمەك، ماجەنساڭنىڭ بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇشتىن ئىبارەت سۈيىقەستى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ماجەنساڭ ئۆز قىسىمىنى ئېلىپ يېڭى شەھەرگە چىققاندىن كېيىن، خەنزۇ ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى يېنىغا تارتىپ، قورالسىزلاندۇرۇلغان ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىگە قوراللىرىنى تارقىتىپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇزۇن يىل قەشقەر خەلقىنىڭ قان - تەرىنى شورىغان ماشاۋۋۇ يېنىغا تارتىش ئارقىلىق تۇڭگانلارنى ئۆز ئەتراپىغا توپلايدۇ. ماجەنساڭ يۇقارقى ئىشلارنى ئىشلەپ پۈتتۈرۈپ، قانات قۇيرۇقىنى رۇسلاپ ئالغاندىن كېيىن سۈيىقەست پىلانلاشقا كىرىشىدۇ. پىتنە - پاسات تېرىپ تۆمۈر ئېلى (سىجاڭ) بىلەن ئوسمان ئېلى (لۈيجاڭ) ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ. يەنە تۆمۈر ئېلى (سىجاڭ) بىلەن خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ. شۇ كۈنلەردە خوتەن قوزغىلاڭچىلار باشلىقى ئابدۇللا (شاھ ماڭسۇر) تۆمۈر سىجاڭغا خوتەن - قەشقەر قىسىمى بىرلىشىپ تۇڭگانلارنى قورالسىزلاندۇرۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ ماجەنساڭنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن قوزغىلاڭچىلار باشلىقى ئابدۇللا (شاھ ماڭسۇر) نى قاماپ قويىدۇ. ئۇنىڭ قىسمىنى قورالسىزلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن خوتەن ئۇرۇشى پارتلايدۇ. بۇ چاغدا تۆمۈر سىجاڭ بارلىق كۈچىنى خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنى بېسىقتۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ. پەيتنى غەنىمەت بىلگەن قاريۈرەك ماجەنساڭ ۋاپاغا جاپا قىلىپ (تۈمۈر سىجاڭ ماجەنساڭنى بىر قانچە قېتىم ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغان ھەتتا خوجىنىياز ھاجىنىڭ نەچچە قېتىم تۇڭگانلارنى قورالسىزلاندۇرۇش توغرىسىدا بەرگەن بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلمىغان. ئوسمان ئېلى خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ تۇڭگانلارنى قورالسىزلاندۇرۇش تەكلىپىنى رەت قىلغان.) قول ئاستىدىكى تۇەنجاڭ گامازىغا بۇيرۇق چۈشەندۈرۈپ، 1933 - يىلى 9 - ئاۋغۇست كۈنى تۆمۈر سىجاڭنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ خەزىنە ۋە دىۋىزىيە شىتابىدىكى ئوق - دورا، قورال - ياراغ، ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى غەنىمەت ئېلىپ ئۇنى ئۆزبېك قوشۇنلىرىغا جازا يۈرۈشى قىلغان بولسىمۇ كۆپ زىيان تارتىپ چېكىنىدۇ. ۋەقەدىن كېيىن ئوسمان ئېلى بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ تۇڭگانلارنى قورالسىزلاندۇرۇش پىكرىنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ماجەنساڭنىڭ ھېيلىسىگە ئۇچراپ تۆمۈر سىجاڭ بىلەن زىتلەشكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ - دە، ئۇيغۇر، ئۆزبېك قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، 1933 - يىلى 16 - ئاۋغۇست بىرلا ھۇجۇم بىلەن قەشقەر شەھىرىنى ماجەنساڭدىن تارتىۋالىدۇ. ماجەنساڭ يېڭى شەھەرگە يوشۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماجەنساڭ يېڭى شەھەردە 165 كۈن مۇھاسىرىدە قالىدۇ. بەشىنچى مافۇيۇەن قىسىملىرىنى قەشقەرگە باستۇرۇپ كېلىپ، يەرلىك قوشۇنلار ئىچىدىكى چېچىلاڭغۇلۇق، ئىتتىپاقسىزلىق تۈپەيلىدىن قەشقەرنى ئىشغال قىلىدۇ. ماجەنساڭ مۇھاسىرىدىن قۇتۇلۇپ، قەشقەرنى قايتىدىن قولغا ئالىدۇ. 1934 - يىل 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى (بەزىلەر 4 - كۈنى دېسە، بەزىلەر 8 - كۈنى دېيىشىدۇ) ماجەنساڭ قەشقەردە قەتلىئام (قىرغىنچىلىق) ئېلىپ بېرىپ 6،000دىن ئوشۇق (بەزىلەرنىڭ دېيشىچە8،000، بەزىلەر10،000 دېسە، شۇ چاغدا پاكىستاندا چىقىرىلغان بىر گېزىت 12 مىڭ 300 ئادەم ئۆلتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە بوۋاقلار تۆت، بەش ياشلىق بالىلار سانى تېخى ئېنىق ئەمەس دەپ يازغانىكەن) ئادەمنى قىرىپ تاشلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يېڭىساردىكى خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
ماجەنساڭ | UyghurWiki | UyghurWiki