ليۇ بۇچەن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
1894 - يىلى جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان سېرىق دېڭىزدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە، شىمالىي ئوكيان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ «دىڭيۈەن» ناملىق باشلامچى پاراخوتى دۈشمەن قوشۇنىنىڭ بىرنەچچە پاراخوتىغا ئېغىر زەربە بېرىپ زور خىزمەت كۆرسەتكەن. بۇ پاراخوتنىڭ كاپىتانى دەل ليۇ بۇچەن (1852 −1895 - يىللار) دۇر.
ليۇ بۇچەن فۇجيەننىڭ خۇگۇەن (ھازىرقى فۇجۇ) دېگەن يېرىدىن.1875 - يىلى ئەنگلىيىگە دېڭىز ئارمىيىسى تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلگەن. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىنى تۈزۈشكە قاتناشقان.1885 - يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ «دىڭيۈەن» ناملىق برونېۋىك پاراخوتنى سېتىۋالغان، كېيىن بۇ پاراخوتنىڭ كاپىتانى بولغان.1894
- يىلى9 - ئايدا پارتلىغان سېرىق دېڭىز ئۇرۇشىدا، ليۇ بۇچەن شىمالىي ئوكيان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياساۋۇل بېگى دېڭ رۇچاڭغا ھەمكارلىشىپ جەڭگە تەييارلىق كۆرۈپ، «دىڭيۈەن» ناملىق ھەربىي پاراخوتقا قوماندانلىق قىلىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ پاراخوت ئەترىتىگە باشلامچىلىق بىلەن زەربە بەرگەن. كەسكىن جەڭ داۋامىدا، دىڭ رۇچاڭ يارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىدا قوماندانلىق قىلىپ، بوشاشماي جەڭ قىلغان. ئۇ «دىڭيۈەن» گە قوماندانلىق قىلىپ ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ «بىرۇي»، «چىچېڭ» ۋە «سۇڭداۋ» (باشلامچى پاراخوت) قاتارلىق پاراخوتلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئۇ رويخەتتىكى ياساۋۇل بەگلىكىگە ئۆستۈرۈلۈپ، شىمالىي ئوكيان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇۋەققەت ياساۋۇل بېگى بولغان.1895
- يىلى2 - ئايدا، ياپونىيىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بىلەن دېڭىز ئارمىيىسى ۋېيخەي پورتىدا تۇرۇۋاتقان شىمالىي ئوكيان دېڭىز ئارمىيىسىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلغاندا، ليۇ بۇچەن «دىڭيۈەن» ناملىق ھەربىي پاراخوتنى ليۇگۇڭداۋ ئارىلىدىكى تېيىز يەرگە ھەيدەپ ئاپىرىپ، ئۇنى سۇ يۈزىدىكى زەمبىرەك سۇپىسى ئورنىدا ئىشلىتىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ پاراخوتلىرىنى شىددەت بىلەن توپقا تۇتۇپ، دۈشمەن بىلەن قاتتىق تىركەشكەن. ئوق - دورىلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، بۇيرۇق چۈشۈرۈپ «دىڭيۈەن» نى پارتلىتىۋەتكەن، ئارقىدىنلا ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغان، شۇ چاغدا ئۇ ئاران43 ياشتا ئىدى.