UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىيې جيەنيىڭ

يې جيەنيىڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى يې جيەنيىڭ (1897 −1986 - يىللار) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مېيشيەن ناھىيىسىدىن. ئىلگىرىلا سۇن جۇڭشەنگە ئەگىشىپ شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان.1927 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرىپ، گۇاڭجۇ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ھەمدە قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى بولغان.1934 - يىلى كۈزدە، قىزىل ئارمىيە1 - زۇڭدۈينىڭ قوماندانلىقى، ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابىنىڭ سەنمۇجاڭلىقىغا تەيىنلىنىپ،25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان.1935 - يىلى8 - ئايدا، جاڭ گوتاۋنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى «قورال كۈچى ئارقىلىق ھەل قىلماقچى» بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال بۇ ئىشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مەخپىي دوكلات قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى تېزدىن خەتەردىن قۇتقۇزۇپ قالغان. ماۋ زېدۇڭ بىر قېتىم ئۆزىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: «ئەگەر يې جيەنيىڭ بولمىغان بولسا، بۇمۇ بولمىغان بولاتتى» دېگەن. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، يې جيەنيىڭ8 - ئارمىيىنىڭ سەنمۇجاڭلىقىغا تەيىنلىنىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان.1945 - يىلى ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، يې جيەنيىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارغا بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئارمىيە يۆتكەش باشقارمىسىدا ئىشلىگەن. ئىچكى ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، يەنئەنگە قايتىپ كەلگەن.1949 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئەمدىلا ئازاد قىلىنغان بېيپىڭ (بېيجىڭ) شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇ يىلى كۈزدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى جەنۇبىي جۇڭگو رايونلۇق بيۇروسىنىڭ1 - شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ قوشۇننى باشلاپ جەنۇبىي جۇڭگوغا يۈرۈش قىلىپ، گۇاڭجۇنى ئىشغال قىلغان، ئاندىن كېيىن يەنە تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ خەينەن ئارىلىنى ئىشغال قىلغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يې جيەنيىڭ جەنۇبىي جۇڭگو ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى، ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.1955 - يىلى ئۇنىڭغا مارشاللىق ئۇنۋانى بېرىلگەن. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا ئۇ لىن بياۋ، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلغان.1976 - يىلى10 - ئايدا، ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» نى بىراقلا تارمار قىلىپ، ئون يىل داۋاملاشقان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نى ئاخىرلاشتۇرغان. ئۇ ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. يې جيەنيىڭ جەڭگاھلاردا باتۇر سەركەردە بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە مول بىلىمگە ئىگە، بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر شائىر بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «ئۆلىما سەركەردە» دەپ تەرىپلەشكەن.1986 - يىل10 - ئاينىڭ22 - كۈنى بېيجىڭدا ۋاپات بولغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى