ۋېي چىڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
ۋېي چىڭ (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى −106 - يىللار) ئېلىمىزنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر سانغۇن. ئۇنىڭ فامىلىسى جېڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئانىسىنىڭ ۋېي دېگەن فامىلىسىنى قوللانغان، ئىسمىنى جۇڭچىڭ دەپ ئاتىغان. خېدۇڭ رايونىنىڭ پىڭياڭ (ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسى لىڭفېن رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) دېگەن يېرىدىن. ئانىسى ۋېي ۋېن پىڭياڭ مەلىكىنىڭ دېدىكى بولغان. ۋېي چىڭ كىچىك چېغىدىن تارتىپلا باشقىلارغا پادىچى بولۇپ، نۇرغۇن جەبىر - جاپا تارتقان. چوڭ بولغاندىن كېيىن يەنە پىڭياڭ مەلىكىنىڭ چەۋەنداز قۇلى بولغان. مەلىكە سىرتقا سەپەرگە چىققاندا، ئۇ مەلىكىنى ئاتلىق قوغدىغان، كېيىن ئۇنىڭ ئاچىسى ئوردىغا تاللانغان ھەم پادىشاھ خەن ۋۇدىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە نائىل بولغاندىن كېيىن، ۋېي چىڭ كېڭەشبېگى بولغان. ئۇ ئات مىنىشكە ئۇستا بولغاچقا، دائىم خەن ۋۇدى بىلەن شىكارغا بىللە چىقىپ، پادىشاھنىڭ تارتۇقلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ تۇرغان.
خەن ۋۇدى خەن ۋېندى، خەن جىڭدى ھونلار بىلەن «ئەپ ئۆتۈش» سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلغان. ۋېي چىڭنىڭ قالتىسلىقى يېڭىدىن ئاشكارا بولغان چاغ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى129 - يىلى بولۇپ، شۇ يىلىنىڭ بېشىدا، ھونلارنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، خەن ۋۇدى قوشۇننى تۆت يولغا ئايرىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى قارار قىلغان. ئۈچ يولدىكى قوشۇننىڭ سەركەردىلىرى مەشھۇر سانغۇنلاردىن بولسىمۇ، ئەمما ۋېي چىڭ ئەمدىلا كۆزگە كۆرۈنگەن سەرۋاز ئىدى. لېكىن، ھۇجۇم نەتىجىسى كىشىلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققان، ئۈچ سانغۇن بىر - بىرلەپ مەغلۇپ بولغان، پەقەت ۋېي چىڭلا زور نۇسرەت قازىنىپ قايتىپ كەلگەن. ئۇ چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەننىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىپ، ھونلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرىدىن بولغان لۇڭچېڭ شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ غەلىبە قازانغان. خەن ۋۇدى ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئۇنى گۇەننېي (سەددىچىننىڭ ئىچىدىكى جايلار) بېگى قىلغان.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى127 - يىلى باھاردا، ۋېي چىڭ پەرمانغا بىنائەن ھونلارنىڭ ئارقا سېپىدىكى مۇھىم جايغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇ يان تەرەپتىن قورشاپ زەربە بېرىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، دۈشمەننىڭ ئارقا تەرىپىگە ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ھونلار ئاتلىق قوشۇنىنىڭ2000 دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ، نەچچە مىڭ ئادىمىنى ئەسىرگە ئالغان،10 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق مال - چارۋىسىنى ئولجا ئالغان. بۇ قېتىم ۋېي چىڭ چاڭپىڭ بېگى بولغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى124 - يىلى باھاردا، خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى ھونلارنىڭ ئوڭ قول بىلىكخانىغا ھۇجۇم قىلغان. ۋېي چىڭ ئوڭ قول بىلىكخاننىڭ مەغرۇرلىنىپ دۈشمەننى سەل چاغلاش، بىخۇدلۇق قىلىشقا ئوخشاش ئاجىزلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، سول قول بىلىكخاننىڭ ئوردىسىنى تۇيدۇرماي قورشاپ، يەنە چوڭ غەلىبىگە ئېرىشكەن. خەن ۋۇدى ئۇنىڭغا ئۇلۇغ سانغۇن دېگەن تامغىنى ئالاھىدە ئەلچى ئارقىلىق ئەۋەتىپ، ئۇلۇغ سانغۇن دېگەن نامنى بەرگەن.