UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىلى جى

لى جى

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى لى جى شەرقىي جىننىڭ جيەنئەن ۋىلايىتى لېشيەن (ھازىرقى فۇجيەننىڭ جياڭلې ناھىيىسى)دىن. ئۇ يەردە يۇڭلىڭ دەپ ئاتىلىدىغان ناھايىتى ئېگىز تاغ بار بولۇپ، تاغدا ناھايىتى زور بىر بوغما يىلان بار ئىكەن. ئۇ يىلان دائىم پاقلان ۋە موزايلارنى يەپ كېتىدىكەن، جىلغىدىن ئۆتكەن يولۇچىلارمۇ ئامان قالمايدىكەن، بۇ يىلان تىلغا ئېلىنسىلا ھەممە ئادەمنى سۈر باسىدىكەن، بىر كۈنى پېرىخون: «ھەر يىلى12 −13 ياشلىق بىر قىزچاقنى ئۇنىڭغا يەم قىلىپ بەرگەندىلا، ئۇ پۇقرالارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ» دەپتۇ. ھاماقەت يەرلىك مەھكىمە ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ، ھەر يىلى پۇقرالارنىڭ بىر قىزىنى يىلان ئۇۋىسىغا ئاپىرىپ، يىلانغا «ھەدىيە» قىلىپ بېرىشنى بەلگىلەپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتۈپتۇ، پۇقرالارنىڭ توققۇز قىزى يىلانغا يەم قىلىپ بېرىلىپتۇ. نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار ئۆز قىزىنىڭ ئەمەلدارلار تەرىپىدىن تاللىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، سىرتلارغا قاچۇرۇۋېتىپتۇ. لى جى ئائىلىدە بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ، دەل ئەمەلدارلار يىلانغا ئاپىرىپ بېرىدىغان ياشقا تولغانىكەن. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى تولىمۇ نامرات بولغاچقا، مەھكىمە ئەمەلدارلىرى ئۇنى سېتىۋېلىپ يىلاننىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ بەرمەكچى بوپتۇ. ئاتا - ئانىسى ئارزۇلۇق قىزىنىڭ قاراپ تۇرۇپ يىلانغا يەم بولۇپ كېتىشكە قىيالماي، ئۇنى قېچىپ كېتىشكە دەۋەت قىلىپتىكەن، لى جى: «مەندە دادامنىڭ دەردىگە دەرمان بولالىغۇدەك تىسونىڭكىدەك ماھارەت يوق، ھەممىمىز ئاچ - يالىڭاچ يۈرگەندىن كۆرە، مېنى يەنىلا مەھكىمە ئەمەلدارلىرىنىڭ يىلانغا يەم قىلىپ بېرىشىگە سېتىپ بېرىڭلار. شۇنىڭدا قولۇڭلاردا ئاز - تولا پۇل كۆرۈپ، ئۆيگە ئىشلىتەلەيسىلەر» دەپتۇ ۋە ئاتا - ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇپ توسۇغىنىغا قارىماي مەھكىمىگە بېرىپ، مەھكىمە ئەمەلدارلىرىغا: «مەن يىلانغا يەم قىلىنىۋاتقانلارنىڭ ئونىنچىسى، مېنى يىلان ئۇۋىسىغا ئاپارغان كۈنى ماڭا بىر دانە ئۆتكۈر شەمشەر، مەخسۇس يىلان يەيدىغان بىر ئىت ۋە ناۋات، خۇشبۇي نەرسىلەر ئارىلاشتۇرۇپ ئېتىلگەن100 جىڭ سىبا تامىقى بېرىڭلار» دەپتۇ. ئەمەلدارلار ئۇنىڭ تەلىپىنى بەجا كەلتۈرۈپتۇ. يىلان ئۇۋىسىغا بارىدىغان كۈنى لى جى بىر توپ ئادەمنىڭ ھەمراھلىقىدا لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ، يۇڭلىڭ چوققىسىنىڭ بەلگىلەنگەن جايىغا بېرىپتۇ. يىلان ئۇۋىسىغا ئاز قالغاندا، لى جىنى قوغداپ كەلگەنلەر ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قېچىپ كېتىشىپتۇ. لى جى سىبا تامىقىنى يىلان ئۇۋىسى ئالدىغا قويۇپ، ئىتنىمۇ يىلان چىققان ھامان چىشلەشكە تەييارلاندۇرۇپ، ئۆزى شەمشەرنى چىڭ تۇتۇپ تەق بولۇپ تۇرۇپتۇ. بىرئاز ۋاقىتتىن كېيىن، يىلان سىبا تامىقىنىڭ مەززىلىك ھىدىنى پۇراپ ئۇۋىسىدىن چىقىشقا باشلاپتۇ. بۇ يىلاننىڭ بېشى چېلەكتىنمۇ يوغان، كۆزلىرى مىس ئەينەكتەك چوڭ ئىكەن. ئۇ، سىبانى مەززە قىلىپ يېيىشكە باشلاپتۇ. شۇ چاغدا لى جى بىر ئىسقىرتىپتىكەن، ئىت شىددەت بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ يىلاننىڭ بېشىدىنلا ئاپتۇ، لى جى ئۆزىمۇ سەكرەپ بېرىپ، يىلاننىڭ باش ۋە بوينىغا ئون نەچچە شەمشەر ئۇرۇپتۇ. يىلان ئاغرىققا چىدىماي پۈتۈن تېنىنى ئۇۋىسىدىن چىقىرىپ، قۇيرۇقى بىلەن لى جىنى ئۇرۇشقا تەمشىلىپتۇ. لى جى ئۇيان سەكرەپ، بۇيان سەكرەپ يىلاننىڭ قۇيرۇقىنى ئۆزىگە تەگكۈزمەي يىلاننىڭ تېنىگە شەمشەر ئۇرىۋېرىپتۇ ۋە ئاخىر يىلاننى ئۆلتۈرۈپ، يۇرتداشلىرى ۋە پۇقرالارنى بالايىئاپەتنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
لى جى | UyghurWiki | UyghurWiki